خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 10 نەپەر تۈركنى قولغا ئېلىش مەسىلىسىدە ئويۇن ئويناۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015.01.16
Turkiye-xitay-munasiwetliri-305.jpg تۈركىيە ئىقتىسادىي سىياسەتلەر تەتقىقات فوندىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «چوڭايغان خىتاينىڭ كىچىكلىمىگەن مەسىلىسى شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تەمىدىكى ماقالە. 2012-يىلى ئاۋغۇست.
RFA/Arslan


خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا 10 نەپەر تۈركنى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنسىز ھالدا چەتئەلگە قېچىشىغا ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلىرىدە ئوتتۇرا شەرقتە ئوتتۇرىغا چىققان ۋەزىيەت تۈپەيلىدىن ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى يولغا قويۇۋاتقان تەدبىرلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە باھانە بولۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق يوسۇندىكى نارازىلىق ھەرىكىتىنى خەلقئارالىق تېررورلۇققا چېتىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قوللۇق سىياسىتىنى قانۇنىيلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار 2001 - يىلىدىكى 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر داۋاسىنى خەلقئارا تېررورلۇققا باغلاپ چۈشەندۈرگەن بولسا، ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان بولسا ئۇيغۇر ھەرىكىتىنى مانا مۇشۇ تەشكىلاتلارنىڭ ھەرىكەتلىرىگە باغلاپ چۈشەندۈرمەكتە.

14 - يانۋار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي مەتبۇئات ئورگىنى ھېسابلىنىدىغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» بىر خەۋەر ئېلان قىلىپ، تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى يالغان پاسپورت بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنى تېررور تەشكىلاتلىرىنىڭ بازىلىرى يەرلەشكەن جايلارغا ئەۋەتمەكچى بولغاندا قولغا چۈشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شاڭخەي ساقچىلىرى پۇدۇڭ ئايرودرومىدا 10 نەپەر تۈرك پۇقراسى ۋە ئىككى نەپەر تۈركىيەدە ياشايدىغان جۇڭگو پۇقراسى ئۇيغۇرنى قولغا ئالغان. بۇ 12 كىشى ئۆزگەرتىلگەن پاسپورت ئارقىلىق 9 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايدىن ئېلىپ چىقىپ كەتمەكچى بولغاندا، پۇدۇڭ ئايرودرومىدا بايقىلىپ قالغان. خەۋەردە، ساختا پاسپورت ئارقىلىق چەتئەلگە قاچماقچى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەقسىتىنىڭ ئافغانىستان، پاكىستان ۋە سۈرىيىگە بېرىش ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ يېنىدىن دىنىي رادىكاللىق ۋە تېررورلۇققا ئائىت ماتېرىياللارنىڭ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

بۈگۈن بۇ ھەقتە ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسەت ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر مۇلاھىزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتتىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىۋاتقانلىقى بايان قىلىندى. ماقالىگە «ئوبامانىڭ ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن :

- ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ھەرقايسى دۆلەتلەرنى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ چېگرا ئاتلاپ تېروررلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىشتىن توسۇشقا چاقىرغان ۋە بۇ ھەقتىكى بىر قارارنامىنى ماقۇللىغان ئىدى. بۇ ئەسلىدە ئاساسلىق چەتئەل پۇقرالىرىنىڭ سۈرىيىگە بېرىپ ئۇرۇشقا قاتنىشىشىنى توسۇشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. بىراق، ئەينى چاغدا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بۇنداق بىر تەدبىرنىڭ خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەر ئۈچۈن تەركىپىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە زەربە بېرىدىغان باھانىىسگە ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن. شاڭخەيدىكى بۇ ۋەقە بەلكىم ئۇلارنىڭ ئەندىشىسىنىڭ ئورۇنسىز ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرسە كېرەك.

ماقالىنىڭ داۋامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشايدىغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوندىكى ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مىليونلاپ خىتاينى رايونغا كۆچۈرگەنلىكى بايان قىلىنغان ۋە مۇنداق دېيىلگەن :

- خىتاي ھۆكۈمىتى قېيىن - قىستاق، ئۆلۈم ۋە قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇپ كەلمەكتە. ئسىلام دىنىنى قاتتىق چەكلىمەكتە. بىر قىسىم ئۇيغۇرلار تېررور ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بارغان ۋە يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىىيىگە بېرىپ ئۇ يەردىكى قوراللىق كۈچلەرگە قوشۇلغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر بولسىمۇ، بىراق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تېررور خەۋپىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىىياسىتىنى قانۇنىيلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋىرىدىن بىر كۈن كېيىن، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 10 نەپەر پۇقراسىنىڭ خىتايدا تۇتۇلغانلىقىنىڭ توغرىلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما ئۇلار بۇ كىشىلەرنىڭ خىتاي ئىلگىرى سۈرگەندەك تېررورلۇققا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىدى. تۈركىيە دائىرىلىرى بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ھازىر شاڭخەيدىكى بىر تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، تۈرك دىپلوماتلارنىڭ ئۇلارنى ئىككى قېتىم زىيارەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تۈرك تەرەپ يەنە، بۇ كىشىلەرنىڭ سوتىنىڭ 25 - فېۋرال كۈنى ئېچىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. تاشقى سىياسەت ژۇرنىلى بۇ كىشىلەرنىڭ ئاتالمىش جىنايىتى ھەققىدە بېرىلگەن ئۇچۇرنىڭ ئىنتايىن ئازلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە سوت ئېچىلغان تەقدىردىمۇ بۇ سوت جەريانىنىڭ سىياسىي خاراكتېرغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى يەنىلا ئۆز سياسىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. ماقالە ئاخىرىدا، خىتاي باياناتچى خۇڭ لېينىڭ ۋەقە ھەققىدىكى باياناتى مىسال كەلتۈرۈلۈپ «خىتاي بايانچى سۆزىدە قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش ھەممىمىزنىڭ بۇرچى، بىز بۇ ھەقتە خەلقئارا جامائەت بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئارزۇ قىلىمىز، دېدى. باياناتچىنىڭ سۆزلىرى ئەلۋەتتە ئىنتايىن قۇلاققا خوشياقىدىغان سۆزلەر. بىراق، ئۇنىڭ شاڭخەيدىكى تۇتقۇنلار ھەققىدە ئېيتقانلىرى راست بولسىلا!» دەپ ئەسكەرتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.