سەۋەبسىز 3 يىل تۈرمىدە ياتقان ئەسقەرجان بىلەن ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە سۆھبەت (2)

0:00 / 0:00

بىز ئۆتكەن قېتىمقى پروگراممىمىزدا، سەۋەبسىز 3 يىل تۈرمىدە ياتقان ئۇيغۇر ياش ئەسقەرجان بىلەن ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق، بۈگۈن يەنە سۆھبەتنىڭ داۋامىنى ئاڭلىتىمىز.

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى توغرىسىدا ئەسقەرجان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، شياۋگۈەن ۋەقەسىنى تىنچ ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىپ بىر گۇرۇپپا ئوقۇغۇچىلار ۋە خانىم - قىزلار ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، شياۋگۈەن ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان خىتاي جاۋابكارلىرىنى تۇتۇپ جازالاشنى تەلەپ قىلغاندا ئەمەلدارلار ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئاڭلىماستىن قايتۇرىۋەتكەن، ئۇلار قايتىۋېتىپ خەلق مەيدانىغا كەلگەندە «بىزگە ئادالەت كېرەك» دېگەنگە ئوخشاش شۇئار توۋلىغان، بۇنىڭغا قارشى چىققان خىتاي ئەسكەرلىرى بىر ئۇيغۇر قىزغا ئوق ئاتقان شۇنىڭ بىلەن نامايىشچىلارنىڭ سانى كۆپىيىپ 10 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن، كېيىن نامايىش قارشىلىق توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتكەن ۋە ۋەزىيەت كونترولدىن چىقىپ كېتىپ قىرغىنچىلىق كېلىپ چىققان.

ئەسقەرجان 5 - ئىيۇل كۈنى كېچىدە ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا تاڭ ئاتقۇچە ئوق ئاۋازىنى ئاڭلىغانلىقىنى ۋە نۇرغۇن بالىلارنىڭ شۇ كېچىدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.