باۋارىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى مارگارىتا باۋزې خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي تۈرمىلىرىدىكى بىگۇناھ ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى ئۇنتۇماسلىقنى تىلغا ئالدى.
باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ مىللەت ۋەكىلى، گېرمانىيەدىكى تۆت چوڭ پارتىيىنىڭ بىرى بولغان يېشىللار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى مارگارىتا ماۋزې خانىم 2-دېكابىر باۋارىيە پارلامېنتىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 12-دېكابىر كۈنى پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار ھەققىدە سورىغان بەزى سوئاللىرىمىزغىمۇ جاۋاب بېرىپ ئۆتتى.
بىز يەنە مارگارىتا خانىمدىن، گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بولۇپمۇ ئاخىرقى 2-3 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بارغانسېرى جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغانلىقىنى، خىتاي بىلەن بولغان قانۇن دىئالوگى ياكى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبەتلىرىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى نۇقتىلىق تىلغا ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل يۈزلىنىشنىڭ ئىستىقبالىغا قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ گېرمانىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىجابىي قەدەملىرى ئۈچۈن ئالقىش ياغدۇرۇدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، باۋارىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇ يولدا دادىل قەدەملەر بېسىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە باش مىنىستىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ياكى قانۇن دىئالوگلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغانلىقىنى قىزغىن تەقدىرلەيمەن. دېموكراتىك قىممەت قارىشى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بۇ بىزنىڭ بۇرچىمىز. گېرمانىيە بولسا قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان بىر دۆلەت. بىز خىتاينىڭمۇ قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان بىر سىستېمىغا كۆچۈشىنى خالايمىز. قانۇن بىلەن باشقۇرۇلغان دۆلەتتە كىشىلىك ھوقۇق كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. مەن غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ، گېرمانىيە دۆلىتىنىڭ ۋە مەن ۋەزىپە ئالغان باۋارىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ھەمدە بۇ يولغا دەۋەت قىلىمەن. بىز بولۇپمۇ، خىتاي تۈرمىلىرىدە ئازاب چېكىۋاتقان بىگۇناھ ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز لازىم. ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ھەممىمىزنىڭ ئىنسانىي ۋەزىپىسى.»
مارگارىتا باۋزې خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، بۇندىن ئىككى يىل ئىلگىرى ئۆزىنىڭ باۋارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى بىلەن خىتاي زىيارىتىدە بىرگە بولغانلىقىنى، ئەمما بۇ زىيارەت جەريانىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنمىغانلىقىدىن كۆپ ئەپسۇسلانغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ بۇ توغرىسىدا مۇنۇلارنى ئەسكە ئالدى: «مەن باۋارىيە باش مىنىستىرى يېتەكچىلىكىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن 2 يىل ئىلگىرى خىتاينى زىيارەت قىلدىم. زىيارىتىمىز ئەسناسىدا، بەختكە قارشى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنمىدى. بۇنىڭدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلاندىم. مەن باۋارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە باشقا دىئالوگلىرىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مۇھىم تېما قاتارىدا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمەن.»
مەلۇم بولغىنىدەك، ئۆتكەن يىلى 10-دېكابىر كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بېرىمىن پارلامېنتى ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق قارار لايىھىسى ماقۇللىغان بولۇپ، مارگارىتا باۋزې خانىم بۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر قارار لايىھىسىنى باۋارىيە پارلامېنتىدىمۇ ماقۇللاش مۇمكىنچىلىكى بار-يوقلۇقى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغىمۇ جاۋاب بېرىپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بېرىمىن پارلامېنتىدا بارلىق پارتىيىلەرنىڭ ئورتاق ئاۋازى بىلەن ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق بۇنداق بىر قارار لايىھىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى گېرمانىيەدىكى زور بىر ئىجابىي قەدەم ۋە باشقا ئۆلكىلەر ئۈچۈنمۇ زور ئۆرنەك. بىلگىنىڭلاردەك، باۋارىيە بولسا گېرمانىيەدىكى ھەر جەھەتتىن قۇدرەتلىك ئۆلكىلەرنىڭ بىرى. بۇ ئۆلكىدە بۇنداق بىر قارارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى، باشقا ئۆلكىلەرگىمۇ كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىراق، باۋارىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا زور مىقداردىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق بار. بىز باۋارىيەدىكى باشقا پارتىيىلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە، خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىلاردا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى ئورتاق تەكىتلىسەك، كېلەچەكتە بېرىمىندىكىگە ئوخشاش بىر قارار لايىھىسىنى ماقۇللاش ۋە فېدېرال جۇمھۇرىيەت پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇش ئىمكانىنى يارىتالايمىز. مەن بۇنى مۇھىم بىر ۋەزىپەم ئورنىدا بەجا كەلتۈرۈشكە تىرىشىمەن.»
باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ مىللەت ۋەكىلى، يېشىللار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى مارگارىتا ماۋزې خانىم بىلەن 2-دېكابىر باۋارىيە پارلامېنتىدا ئېلىپ بارغان زىيارىتىمىزگە ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندىمۇ ھەمراھ بولغان بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ كۆپ ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.