خىتاينىڭ چەتئەللىكلەرنى ۋە ئۆز دۆلىتىدىكى ئادۋوكاتلارنى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش قىلمىشلىرى يېقىندىن بېرى غەرب ئەللىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك دىققىتىنى چەكمەكتە.
21 - يانۋار كۈنى ئەنگىلىيە «پۇلمۇئامىلە گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «ياۋرۇپا بىرلىكى خىتاينىڭ پۇقرالارنى تۇتقۇن قىلىشىغا سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەك» ناملىق ماقالىدە، خوڭكوڭدىكى بىر كىتابخانىنىڭ بەش نەپەر خادىمىنىڭ ئىلگىرى - كېيىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ۋەقەسى مىسالغا ئېلىنىپ، ئەركىن، دېموكراتىك دۆلەتلەر ھېسابلانغان غەرب ئەللىرىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە قانۇن - تۈزۈم قىممەت قارىشىنى قوغدىشىنى، خىتاينىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشتەك قىلمىشلىرىغا چەكلىمە قويۇشىنى تەشەببۇس قىلغان.
ب ب س قانىلىنىڭ 22 - يانۋار مەزكۇر ماقالە مەزمۇنىدىن نەقىل ئېلىشىچە، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ئۆز ۋاقتىدا (1997 - يىلى) خوڭكوڭنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەندە، سابىق باش ۋەزىر ساچىر خانىم خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىنى قوغداشقا ۋەدە بەرگەن. بىراق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى بارغانسېرى ناچارلىشىۋاتقان بولۇپ، ئەنگىلىيە پۇقراسى بولغان لى بونى ئۆز ئىچىگە ئالغان خوڭكوڭ «توڭلوۋەن كىتابخانىسى» نىڭ بەش نەپەر خادىمى ئىلگىرى - كېيىن خىتايدا ۋە چەتئەلدە خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. خەۋەردە، مەزكۇر كىتابخانا خادىملىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدىكى ئاساسىي سەۋەبنى، ئۇلارنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئىلگىرىكى سۆيگىنىگە مۇناسىۋەتلىك بىر كىتابنى نەشر قىلماقچى بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ كۆرسەتكەن ھەمدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئىشنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى دائىرىسىگە كىرگۈزۈۋالغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
مەلۇمكى، خىتاي دائىرىلىرى تېخى يېقىندىلا شىۋېتسىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى پېتېر داھلىننىمۇ تۇتقۇن قىلىپ، ئۇنى تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا ئىقرار قىلدۇرۇپ، غەربنىڭ ئىتىرازىنى قوزغىغان ئىدى. ئامېرىكا، ياۋرۇپا بىرلىكى ۋە شىۋېتسىيە ھۆكۈمەتلىرى بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ تۇتقۇن قىلىش ۋە تېلېۋىزىيەدە ئىقرار قىلدۇرۇش قىلمىشلىرىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولسا، ياۋرۇپا بىرلىكىنى خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە قانىلى ھەم شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا ئىمبارگو يۈرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلدى. تېلېۋىزىيەدە ئىقرار قىلدۇرۇلغان كىتابپۇرۇش گۈي مىڭخەي شىۋېتسىيە پۇقراسى بولۇپ، ئۇ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كىتىلگەن خوڭكوڭدىكى «توڭلوۋەن كىتابخانىسى» نىڭ بەش نەپەر خادىمىنىڭ بىرى ئىدى. گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىمۇ 23 - يانۋار بۇ ھەقتە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ غەرب ئەللىرىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. تۇتقۇنلارنى تېلېۋىزىيىلەردە ئىقرار قىلدۇرۇش، ئۇيغۇر ئىلىدىمۇ كەڭ يولغا قويۇلۇۋاتقان بىر قىلمىش ئىدى.
گېرمانىيەدىكى «خىتاي دېموكراتىك فېدىراسىيونى» نىڭ رەئىسى فېي لياڭيۇڭ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا خىتايدا ئاخبارات، نەشرىيات، پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ كۈنسېرى ئېغىر تەقىپكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ تۈركۈملەپ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تۇتقۇن قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدا تېخىمۇ ئېغىرلىقىنى، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى بۇنىڭ بىر مىسالى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ سۆزىدە مۇنۇلارنى تىلغا ئالدى: «ئىلگىرى خىتاي تۇپراقلىرىدا دىنىي توقۇنۇشلار مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. تاكى كومپارتىيە ھۆكۈمرانلىقى تىكلەنگۈچە بولغان ئۇزۇن بىر تارىختا، خىتايدا ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن كىرگەن ئىسلام دىنىدىكىلەر، غەربتىن كىرگەن خرىستىئان دىنىدىكىلەر ۋە بۇددىست خىتايلار ئۆز - ئارا توقۇنۇشماي ياشىيالىغان. موڭغۇل ئىمپىرىيىسى، مانجۇ ئىستىلاسى دەۋرىدىمۇ شۇنداق بولغان. خىتاي كومپارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ ئاتىزملىق سىياسەتنى يولغا قويغاندىن بۇيان، خىتايدا دىنىي مەسىلە ئېغىر بىر مەسىلە ھالىدا ئوتتۇرىغا چىقتى. بولۇپمۇ بۈگۈنكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلماسلىقى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ئادەتلىرى ۋە ئەنئەنىسىگە كۆرە ياشاش ئۇسۇللىرىغا يول قويماسلىقى تۈپەيلى، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە سەۋەبچى بولدى. باشقىلارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش ئەسلىدە ئادىمىيلىكنىڭ ئەڭ ئەقەللى شەرتى ئىدى، مىللىي توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ بىر چارىسى ئىدى. ئەپسۇسكى، خىتاي كومپارتىيىسى خاتا بىر مىللىي سىياسەت يولىدا ماڭماقتا.»
گېرمانىيەدىكى «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى» مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان خوڭكوڭلۇق خىتاي زىيالىيسى مانيان، ئۇيغۇر ئېلىدە تۇتقۇن قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ ئادەتتىكى بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە، شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى بۈگۈنكى خىتايدا ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئازسانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بەك چوڭ مەسىلە دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، شى جىنپىڭنىڭ بۈگۈن نوپۇسى ئاز، تەسىر كۈچى تۆۋەن بولغان ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر مەسىلىسىدىنمۇ مۇھىم بىر مەسىلە بىلەن ھەپىلىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ مەسىلە بولسا، يىلتىزى چىرىپ، ئۆرۈلۈش گىرداۋىغا كېلىپ قالغان كومپارتىيە ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت جىددىي بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسى برېمىن پارلامېنتىنىڭ ۋەكىلى مۇستافا ئۆزتۈرك ئەپەندى يېقىندا پارلامېنتتا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا «ئۇيغۇرلار دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك كەمسىتىلمەكتە ۋە تۇتقۇن قىلىنماقتا. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قۇرئان ئوقۇشى جىنايەت، ناماز ئوقۇشى جىنايەت، مەسچىتكە كىرىشى جىنايەت، روزا تۇتۇشىمۇ جىنايەت ھېسابلانماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى مەكتەپلەردە دىنىي تەلىم - تەربىيىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى چەكلەپلا قالماستىن، ئائىلىلەردە ئۆز ئالدىغا دىنىي تەلىم بەرگەن ۋە ئالغانلارنىمۇ «رادىكال ئىسلامچىلار» قاتارىدا قاتتىق جازالىماقتا. ياۋرۇپا بىرلىكى ۋە گېرمانىيە فېدىرال جۇمھۇرىيىتى مىللىي كىملىكى ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتقان خىتايدىكى ئازسانلىق مىللەت بولغان ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان بېسىملارغا داۋاملىق سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەك» دېگەن ئىدى.
0:00 / 0:00