خىتايدا ئۇچۇر ئەپلىرىنىڭ خەۋەر سۇپىلىرى دۆلەتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىگەن سىياسىي خەۋەرلەرنى تارقاتسا بولمايدىكەن

0:00 / 0:00


خىتاي ھۆكۈمىتى 7 - ئاۋغۇست تارقاتقان خەۋەرلەر ئارقىلىق، خەلقئارادا كەڭ ئىشلىتىلىدىغان ئىككى ئۇچۇر ئەپىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر - ئالاقە ئەركىنلىكىنى ئىلگىرىلەپ قامالغا ئېلىشى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدىمۇ كەڭ ئورۇن ئالدى. خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەر شى جىنپىڭنىڭ خىتاينىڭ چوڭقۇرلاپ بېرىۋاتقان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي كرىزىسلىرىنى قانداق ھەل قىلىدىغانلىقىغا قىزىقماقتا.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، 7 - ئاۋغۇست كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئەقىللىق تېلېفونلاردا ئىشلىتىلىدىغان قىسقا ئۇچۇر ئەپلىرىگە قارىتا يەنە بىر تۈركۈم يېڭى بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلدى. ئۇلار، خىتايدىكى ۋېيشىن ئەپى يەنى ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى ئۈندىدار بولغان ئەپ باشچىلىقىدىكى بارلىق قىسقا ئۇچۇر ئەپلىرىنىڭ خەۋەر سۇپىلىرىدىكى ھەمبەھرلەش ۋە خەۋەر ئورتاقلىشىشقا قارىتا يەنە بىر تۈركۈم يېڭى چەكلىمىلەرنى قويدى. بەلگىمىلىدە ئېيتىلىشىچە، خىتايدا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ئورگانلارنىڭلا سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي خەۋەرلەرنى تارقىتىش ھوقۇقى بار بولۇپ، ئۇچۇر ئەپلىرىنىڭ خەۋەر سۇپىلىرى دۆلەتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىگەن سىياسىي خەۋەرلەرنى تارقاتسا بولمايدىكەن.

دۆلەتلىك ئىنتېرنېت ۋە ئۇچۇر ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قوللانغۇچىلار مەيلى ئۇ شەخس بولسۇن ياكى شېركەت - قۇرۇلۇش بولسۇن ۋە ياكى داڭلىق شەخسلەر بولسۇن، ھەممىسى بۇ خىل قول تېلېفون ئۇچۇر ئەپلىرىدە ھېساب ئاچقاندا چوقۇم ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىسمىنى ئىشلىتىپ تىزىملىتىشى ۋە قانۇنغا بويسۇنۇپ، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى قوغدايدىغانلىقىغا دائىر كېلىشىمگە قول قويۇشى كېرەك ئىكەن. قوللانغۇچىلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىسز سىياسىي خەۋەرلەرنى ياكى كۈندىلىك ۋەزىيەتكە ئالاقىدار خەۋەرلەرنى چاپلىشىغا ياكى كۆچۈرۈپ چاپلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە جەنۇبىي كورىيىگە ئائىت Line ۋە Kakao قاتارلىق قىسقا ئۇچۇر ئەپلىرىدە تېررورلۇققا ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ ئېقىپ يۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنىڭ خىتايدا ئىشلىتىلىشىنى چەكلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ مۇنازىرە تور بېتى بولغان سىنا ۋېيبو تورىنى قاتتىق تەقىبكە ئالغان بولسا، ئەمدى ئۇنىڭ دىققىتى قول تېلېفون ئەپلىرىگە يۆتكەلدى. قول تېلېفون ئەپلىرى قوللانغۇچىلارغا ئۆز - ئارا ئۇچۇر، رەسىم، ۋىدىئو ۋە تۈرلۈك خەۋەرلەرنى ئالماشتۇرۇشقا قولاي شارائىت يارىتىپ بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن قوللانغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان ئىدى. مەسىلەن، ئۈندىدار ئەپى 3 يىل ئىلگىرى بازاغا سېلىنغاندىن كېيىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەر ئايدا 400 مىليون ئاكتىپ قوللانغۇچىسى بولغان ئەپكە ئايلانغان، ئۇ شۇنداقلا خىتايدىكى قوللانغۇچىلارنىڭ ئەڭ كەڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش مەنبەسى بولۇپ قالغان.

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كۈندىلىك گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قارارنى مەدھىيىلەپ، بۇ بەلگىمىلەر ئارقىلىق تور مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن، بىراق بۇ، خىتايدىكى تور قوللانغۇچىلىرى ئارىسىدا قاتتىق نارازىلىق پەيدا قىلغان. خىتايدىكى داڭلىق ئۆكتىچى بلوگ يازغۇچىسى ئۆزىنىڭ بلوگىدا بۈگۈن بۇنى تەنقىد قىلىپ «بۇنىڭ سۆز - چۆچەك تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن ئالاقىسى يوق. بۇنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى تور دۇنياسىدا ھازىر ئۇچۇر ۋە پىكىر ئەركىنلىكى بار ۋە شۇنداقلا نۇرغۇن ئۇچۇرلار بار، مانا بۇ يالغان ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر رېجىم ئۈچۈن چوڭ تەھدىت بولۇپ قالغان» دېگەن.

ۋېيشىن ئەپىنىڭ بازارغا سالغۇچىسى تىڭشۈن شېركىتى بۈگۈن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، يۇقىرىدىكى تۈزۈملەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەپتە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى تېخى قارارلاشتۇرۇلمىغانلىقىنى، ئەمما بۇندىن كېيىن پەقەت ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن خىتاي كۈندىلىك گېزىتى، مەركىزى رادىئو - تېلىۋىزىيە ئىدارىسى ۋە شىنخۇا خەۋەرلەر تورىنىڭلا خەۋەر تارقىتىشىغا يول قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار يەنە ھازىرغىچە ۋېيشىڭدا 5 مىليوندىن ئارتۇق قوللانغۇچى ھېسابىنىڭ تاقالغانلىقىنى ۋە 3000 دىن ئارتۇق «سۆز - چۆچەك» خاراكتېرىدىكى خەۋەر ماقالىسىنىڭ ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.

7 - ئاۋغۇست كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى Line ۋە Kakao قاتارلىق ئىككى ئەپنىڭ چەكلەنگەنلىكى ھەققىدە سەۋەب كۆرسەتكەندە، ئۇنىڭدا تېررورلۇققا ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ ئالماشتۇرۇلغانلىقىنىڭ ئىسپاتلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. بەزى خەۋەر ئورگانلىرى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېررورلۇققا قارشى ھەرىكىتىنى نەزەردە تۇتۇۋاتقانلىقىنى ۋە رايوندىكى ئۇچۇرلارنىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىشىنى ئىلگىرىلەپ قامال قىلىش ئۈچۈن بۇنداق بىر تەدبىر ئالغانلىقىنى بايان قىلغان. ئەمما ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخپىيەتلىك دەرىجىسى يۇقىرى بولغان بۇ ئىككى ئەپتىكى خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنى قانداق ئىگىلىگەنلىكىمۇ قىزىقىش قوزغىغان. شى جىنپىڭ تەختكە ئولتۇرغاندىن بۇيان خىتايدىكى ئاخبارات - ئۇچۇر ئەركىنلىكى، پىكىر ئەركىنلىكى كۆرۈنەرلىك ھالدا چېكىندى. ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇست ئېيىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋېيبودا نام قازانغان ئۆكتىچى تور يازغۇچىلىرىنى ئۆسەك سۆز تارقىتىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئالغان بولسا، ئۇيغۇر ئېلىدا يېقىنقى ۋەقەلەردىن كېيىن كوچىلارغا مەخسۇس ساقچى قويۇپ خالىغان كىشىنى توختىتىپ ئۇلارنىڭ تېلېفونىدىكى مەزمۇنلارنى، ساقلىۋالغان ماتېرىياللىرىنىڭ مەزمۇنىنى تەكشۈرۈشنى، دىنىي ۋە ياكى سىياسىي سەزگۈرلۈككە ئائىت ئۇچۇرلار بايقالسا دەرھال قولغا ئېلىشنى يولغا قويدى. كىشىلىك ھوقۇق ۋە خۇسۇسىي ھاياتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىدىغان بۇ خىل ھەرىكەتلەرنىڭ، ئۆزىنى دۇنيادىكى قۇدرەتلىك كۈچ قاتارىدا كۆرۈۋاتقان بىر دۆلەتتە يۈز بېرىشى ئۈمىدسىزلىك پەيدا قىلماقتا. مەتبۇئاتلار بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلىرىدە شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مەملىكەت مىقياسىدا چوڭقۇرلاپ بېرىۋاتقان كرىزىسلەرنى بۇ خىل قاتتىق قوللۇق ۋاستىلەر ئارقىلىق ئۈستىنى يېپىپ، جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى، كرىزىسنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زور بىر چۆكۈش پەيدا قىلىشتىن باشقا يولغا ئېلىپ چىقمايدۇ، دەپ قارىماقتا.