خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مېيىت ئۇزىتىش ئىشلىرىغىمۇ قول تىقىشقا باشلىغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-04-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خوتەن شەھىرى ئارىش يېزا ئاۋاپ كەنت «دەپنە ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى». 2018-يىلى. خوتەن.
خوتەن شەھىرى ئارىش يېزا ئاۋاپ كەنت «دەپنە ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى». 2018-يىلى. خوتەن.
RFA/Shohret Hoshur

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسىرلەردىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ۋە جامائەتنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان مېيىت ئۇزىتىش ۋە دەپنە مۇراسىمى ئىشلىرىغىمۇ قول تىقىشقا، ھەتتا ئۇنى چاڭگىلىغا ئېلىشقا ئۆتكەن.

يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بىر رەسىملىك ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، خوتەن ناھىيىسىنىڭ ئارىش يېزا ئاۋاپ كەنتىدە «دەپنە ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى» دېگەن نامدىكى بىر ئورۇن تەسىس قىلىنغان. بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا «دەپنە ئىشلىرى مۇلازىمەت ئورنى» نىڭ خوتەندىن باشقا يەنە قەشقەر تەۋەسىدىمۇ قۇرۇلغانلىقى ياكى قۇرۇلۇشقا باشلىغانلىقى ئايدىڭلاشتى.
مەلۇمكى، ئۇيغۇرلاردا مېيىت ئۇزىتىش ئىشلىرى يۇرت ئاقساقاللىرى ۋە دىنىي زاتلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ۋاپات بولغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى ۋە يۇرت-جامائىتىنىڭ مۇمكىن قەدەر تولۇق قېتىلىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كەنتلەرگە قەدەر «دەپنە ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى» تەسىس قىلىشى مۇھاجىرەتتىكى بەزى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىدى. نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى زۇمرەت خانىم، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇقىملىققا بولغان قاتتىق ئەندىشىسى تۈپەيلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىغا قەدەر قول تىقىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
قاراقاش ناھىيىسىدىكى بىر ئامانلىق مۇدىرى ئۆز تەۋەلىكىدىكى 3  كەنت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان بىر «دەپنە ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى» تەسىس قىلىنغانلىقنى ئاشكارىلىدى. ئەمما ئۇ بۇ مۇلازىمەت ئورنىنىڭ قانداق بىر ئېھتىياج بىلەن ۋە قانداق بىر مەقسەتتە قۇرۇلغانلىقى ھەققىدە ئېنىق جاۋاب بېرەلمىدى.

تۈركىيەدە پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان تىجارەتچى ئابدۇراخمان ھەسەن ئەپەندى، خىتاينىڭ مېيىت ئۇزىتىش ئىشلىرىغا قول تىقىشىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ، خىتاينىڭ پىلانلىق ھالدا ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ پۈتۈن ساھەلىرىنى كونترول قىلىشقا ئۆتكەنلىكىنى بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنى بىرى دەپ كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە نۆۋەتتىكى «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» ياراتقان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭمۇ «دەپنە مۇلازىمەت ئورنى» نىڭ قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، «يېپىق لاگېر» لار سەۋەبلىك مەھەللىلەردە يېتەرلىك ساندا جامائەتنىڭ بولماسلىقى، دىنىي زاتلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ تۈرمىدە، كۆپ قىسمىنىڭ «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دە بولۇشى شۇنداقلا ئۆرمە ۋە لاگېر سىرتىدىكى كىشىلەرنىڭ دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىغا كېلىشتىن قورقۇشى قاتارلىق ئامىللارنىڭمۇ مېيىتنى ئۇزىتىشتىن ئىبارەت ئۇيغۇر ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر ئىشنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ قولىغا تاشلىنىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت