ئاقسۇدىكى ساقچىخانىلار خىتاي ساقچى ئەمەلدارىدىن تاياق يېگەن ئۇيغۇر ساقچى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلدى

0:00 / 0:00

«5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» دىن بۇيان ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ خىزمەت جەريانىدا قاتتىق سىياسىي بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، ھەتتا بەزى ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ خىتاي ساقچى ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇرۇپ-دۇمبالىشى ۋە تىل-ھاقارىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ئاشكارا بولماقتا.

ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان ئۈندىدار، فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەلۇم بىر ساقچىخانىسىدا خىتاي ساقچى ئەمەلدارىنىڭ بىر نەپەر ئۇيغۇر ياردەمچى ساقچىنى ئۇرۇپ-دۇمبالىغانلىقى ۋە ئېغىزىنى بۇزۇپ تىللاپ-ھاقارەتلىگەنلىكى ھەققىدىكى بىر سىن كۆرۈنۈشى تارقالدى.

نەق مەيداندا سۈرەتكە ئېلىۋېلىنغان بۇ سىن كۆرۈنۈشى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىگە ئاشكارا بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا بولدى. بىز رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى 7 ساقچىخانىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال سۈرۈشتۈردۇق.

ئالدى بىلەن تېلېفونىمىزنى ئالغان ئاقسۇ شەھەرلىك قاتناش ساقچىخانىسىنىڭ بىر نەپەر خىتاي ساقچىسى سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلدى ۋە ئۆزىنىڭ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىش مەجبۇرىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلىدى:

«نېمە دېمەكچىسەن؟ خەنزۇ ساقچىنىڭ ئۇيغۇر ساقچىنى ئۇرغان ئىشى زادى نەدە يۈز بېرىپتۇ؟ سەن ئامېرىكىدىكى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مۇخبىرى بولساڭ، ماڭا نېمىشقا تېلېفون قىلىسەن؟ مەن ساقچى بولسام ھەممە ئىشنى بىلىشىم كېرەكمۇ؟ بىلگەن تەقدىردىمۇ ساڭا جاۋاب بېرىش مەجبۇرىيىتىم بارمىكەن!؟ »

بىز ئارقىدىن ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قۇمباش يېزىلىق ساقچىخانىسى، باي ناھىيەسىنىڭ سايرام بازارلىق ساقچىخانىسى، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ ئاچال بازارلىق ساقچىخانىسى، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ گەزلىك يېزا ساقچىخانىسى، ئۇچتۇراپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم يېزىلىق ساقچىخانىسى ۋە شايار ناھىيەسىنىڭ نۇرباغ يېزىلىق ساقچىخانىلىرىغا تېلېفون قىلدۇق.

تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ساقچى خادىملىرىنىڭ بەزىلىرى بۇ ۋەقەنى «بىلمەيمەن!» دەپ چىرايلىقچە رەت قىلدى. بەزىلىرى بۇ ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەقتە ئىنكاس بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمىدى. يەنە بەزىلىرى بۇنى تەشۋىقات ئورگانلىرى ياكى يوقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلاردىن سۈرۈشتە قىلىشىمىزنى ئېيتىپ سوئاللىرىمىزدىن ئۆزىنى قاچۇردى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.