كۆزەتكۈچىلەر : خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىسە تېخىمۇ يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ

0:00 / 0:00

تيەنئەنمېندە يۈز بەرگەن 28 - ئۆكتەبىر ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى خىتايغا ئوخشاش ئىچكى مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن ئەڭ جىق پۇل سەرپ قىلىدىغان بىر دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك سېستىمىسى ئۈچۈن سوئال پەيدا قىلدى. كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىنى داۋام قىلغان تەقدىردە، دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار نازارەت قىلىش سېستىمىسىغا ئىگە بولغان تەقدىردىمۇ تيەنئەنمېندىكى ۋەقەدەك نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۈچلىنىش ئېھتىمالى بارلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.

تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئىرادە سىلەرگە بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات بېرىدۇ.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، تيەنئەنمېندە 28 - ئۆكتەبىر كۈنى مەيدانغا كەلگەن ۋەقە ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەي داۋام قىلماقتا. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ۋەقەنىڭ بۇنداق زور ئىنكاس قوزغىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى، بۇ مەيداننىڭ خىتاينىڭ سىياسىي سىمۋولى خاراكتېرىغا ئىگە بولۇشى، ئىككىنچىدىن، بۇنىڭ ئوسمان ھەسەن باشچىلىقىدىكى بىر ئائىلە كىشىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇشى، ئۈچىنچىدىن، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئېلى چېگىرىسىدىن ھالقىپ ئېلىپ بارغان ھەرىكەت بولۇشى دەپ قارىماقتا. بەزى كۆزەتكۈچىلەر ھەتتا بۇ ۋەقەنىڭ خەلقئارادا قوزغىغان تەسىرىنىڭ 2009 - يىلى رەسمىي رەقەملەر بويىچە 200 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىنمۇ زور بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. بۇ نۆۋەتلىك ھەرىكەتنى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ يېڭى بىر بالداققا كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ سېگنالى، دەپ قاراۋاتقان بەزى كۆزەتكۈچىلەر بولسا، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىپ بارىدىغانلىقىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا ئامالسىز قالىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.

ستاتېستىكىلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىۋاتقان بارلىق تەدبىرلەرگە قارىماي، 2013 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا شىددەت ۋەقەلىرى ئەڭ كۆپ مەيدانغا كەلگەن بىر يىل بولغان، بۇ ۋەقەلەردە ئېلان قىلىنغان رەسمىي رەقەملەر بويىچە جەمئىي 189 ئادەم ئۆلگەن ۋە بۇلارنىڭ كۆپى ھۆكۈمەت قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدىكەن. ئەمما بۇ نۆۋەت تيەنئەنمېندىكى ۋەقە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچىدىكى ۋەقەنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاي شەھەرلىرىگە تېشىپ چىقىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ، ھەممە يەرگە كامېرا ئورنىتىپ، ئىچكى مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن ئەڭ كۆپ راسخوت ئاجرىتىدىغان بىر دۆلەت ئۈچۈن تولىمۇ جىددىي بىر ئەھۋاللىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بۈگۈن «دىپلومات» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ كۆزىتىش سېستىمىسىنىڭ چەك - چېگراسى» ماۋزۇلۇق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تيەنئەنمېندىكى ۋەقەدىن 5 كۈن كېيىنلا دەرھال شىنجاڭ ھەربىي قىسىملىرىنىڭ قوماندانى پېڭ يۇڭنى ۋەزىپىسىدىن تاشلاش ئارقىلىق بۇ مەغلۇبىيىتىنى جازالاندۇرغان. ھازىر خىتاي بويىچە ھەر يەرگە ئورنىتىلغان 800 مىڭدىن ئوشۇق كامېرا ۋە 2 مىليوندىن ئارتۇق ئىنتېرنېت نازارەتچىسى بار بولۇپ، خىتاي پۈتۈن بۇ تەدبىرلەرنى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى توسۇش ئۈچۈن ئالغان، ئەمما تيەنئەنمېندىكى ۋەقەدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى بەلكىم بۇ كامېرالارنىڭ سانىنى ۋە سۈپىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما ئاپتور مۇلاھىزىسىدە بۇنداق تېخنىكىلارنىڭمۇ يېتەرسىز قالىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن :

- بىخەتەرلىكنى قوغداش ئۈچۈن تېخنىكىغا ھەددىدىن زىيادە تايىنىۋېلىش ئەمەلىيەتتە بېيىجىڭ ئارزۇ قىلىۋاتقان ھەقىقىي بىخەتەرلىكنى پەيدا قىلمايدۇ. بۇ خۇددى دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى نازارەت سېستىمىسىغا ئىگە تۈرمىلەردە ھەر بىر بۇلۇڭدا ھەرقانداق بىر ھەرىكەتنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان كۆزەتچىلەر ۋە كامېرالار تۇرۇقلۇق، يەنىلا تۈرمە ئىچىدە زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىنى، قورال ياساشنى، ئۇرۇش - تالاش ھەتتا ئۆلتۈرۈشنى توسۇپ قالالمىغاندەكلا ئىش. يەنى گەپنىڭ قىسقىسى، ھەرقانداق تېخنىكىنىڭ قۇدرىتى چەكلىك بولىدۇ. ئەگەر مۇمكىنچىلىكىلا بولسا ئۇنى قىلىدىغان يول ھامان تېپىلىدۇ. بۇ شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا توختىماي ئېلىپ بېرىۋاتقان «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ئىرادىسىنى سۇندۇرالىغىنى يوق. ئەكسىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئوچۇق - ئاشكارا قارشى تۇرىدىغانلارنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 20 يىلدىن بۇيان بىنا قىلىۋاتقان قورقۇنچ تاملىرىغا دەز كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق بولسا بۇ بىر جىددىي ئەھۋال. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىك تەدبىرىنى چىڭىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا قارشى شىددەت ۋەقەلىرىمۇ توختىماي مەيدانغا كېلىپ تۇرىدۇ.

مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى گېيب كوللىنىس مۇلاھىزىسىنى داۋام قىلىپ، قارشىلىق قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرى ئۈستىدە تەخمىن يۈرگۈزگەن ۋە مۇنداق دەپ بايان قىلغان :

- ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلارنىڭ رايون ئىچىدىن قورالغا ئىگە بولۇش ئىمكانى يوق. ئەمما ئۇيغۇر ئېلى چېگرا ئىچىگە سوقۇنۇپ كىرىش ئاسان بولغان ۋە قورال - ياراق ئاسانلىقچە تېپىلىدىغان بىر قانچە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلىتى بىلەن قوشنا. ئۇنىڭ ئۈستىگە قوزغىلاڭچىلار كۆپ ئىشلىتىدىغان يەنە بىر خىل قورال بولسا، ئۇيغۇر يېزىلىرىدا ناھايىتى كۆپ. ئۇ بولسىمۇ ئاممىنو نترات ئوغۇتى. بۇ ئوغۇتتىن ناھايىتى ئاددى، ئەمما تەسىرى كۈچلۈك بومبا ياسىغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ رايوندىكى ئافغانىستان ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە دۆلەتنىڭ كۈچى ئىنتايىن ئاجىز. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بولالماي تۇرغاندا چېگرا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان كۈچى يوق. شۇڭا بۇ جەھەتلەرنى كۆزدە تۇتقاندا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى چېگرىنىڭ خىتاي تەرىپىنىڭ خەۋپسزلىكىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ نۇرغۇن مەبلەغ ۋە كۈچ ئاجرىتىشقا مەجبۇر بولۇشى مۇمكىن.

ئاپتور مۇلاھىزىسىدە يەنە، كولومبىيە، ئىراق ۋە يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەردىكى قوزغىلاڭچىلارنىڭ داۋاملىق ئېنىرگىيە سېستىمىلىرىنى ھۇجۇم قىلىش نىشانى قىلىپ كەلگەنلىكىنى، مول يەر ئاستى بايلىقىغا ئىگە بولغان ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئوخشاش ئەھۋال سادىر بولۇش ئېھتىمالىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئەسكەرتىپ «شىنجاڭنىڭ تۆمۈر يول سېستىمىسى، بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تۇرۇبىلىرى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ توكىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يەتكۈزۈدىغان ئېلىكتىر بازىلىرى مانا مۇشۇلار ھەممىسى تەھدىت ئاستىدا. ئەگەر قوزغىلاڭچىلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركەزگە ئۇزاقلىقىدىن ۋە ئۇزۇنلۇقى نەچچە مىڭ كىلومېتىرلىق بۇ ئېنىرگىيە يوللىرىنى داۋاملىق نازارەت قىلىپ تۇرۇشنىڭ ئىمكانسىزلىقىدىن پايدىلانسا، ئۇ ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتى مەسىلىنىڭ چوڭىغا دۇچ كېلىدۇ، دېگەن گەپ. بۇ ھۇجۇملار دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىغا تولىمۇ چوڭ زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. ئەلۋەتتە، يۇقىرىدا ئېيتىلغانلار يۈز بەرگەن تەقدىردىمۇ، خىتاي رايوندىكى كونترولىنى يوقىتىپ قويمايدۇ. ئەمما خىتاي كونترولىنى ساقلاش ئۈچۈن تېخىمۇ نۇرغۇن ئادەم كۈچى ۋە ئىقتىسادقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. خىتاي مۇشۇنداق داۋام قىلسا، كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاغزىنى مايلاپ ۋەزىيەتنى تىنجىتىش ئەمەس، تىغمۇ - تىغ تىركىشىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن.

ئاپتور سۆزى داۋامىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇشۇنداق مۇقىمسىزلىق ئەھۋاللىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىقتىسادىي زىيانلار ۋە باشقا نۇرغۇن يامان ئاقىۋەتلەر ئۈستىدىمۇ توختىلىپ ئۆتۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇۋاتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرغان ۋە مۇنداق دېگەن:

- ئەگەر يۈزلىگەن، مىڭلىغان نازارەتچى كامېرالار، ئىككى مىليون ئىنتېرنېت كۆزەتكۈچىسى ۋە زور ھەربىي قوشۇن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلالمىغان تۇرسا، ئۇلار ئىقتىسادىي مەسىلىلەردىن نارازى بولۇۋاتقان مىليونلىغان پۇقرانى قانداقمۇ جىمىقتۇرالىسۇن؟ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي پەرق مىللىي زىددىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىمۇ مەۋجۇت. خىتاي ھۆكۈمىتىدىن رازى بولمايۋاتقان گۇرۇپپىلارمۇ ئۆز نارازىلىقىنى زوراۋان يولى بىلەن ئىپادىلەيدۇ. دەرۋەقە، 6 - نويابىر كۈنى تەييۈەن شەھىرىدىكى ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا بىر قانچە بومبا پارتلىدى. بۇنداق ئەھۋاللار خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ يۈز بەرسە، خىتاي بۇنى كونترول قىلغۇدەك كۈچكە ئىگە ئەمەس... خىتاي رەھبەرلىرى باشقا جەھەتلەردە ئۆزىنىڭ تالانتىنى نامايەن قىلدى. ئەمما شىنجاڭدا داۋام قىلىۋاتقان بۇ ئەھۋال يالغۇز بېسىم ئىشلىتىشنىڭ يېتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا. جۇڭنەنخەي ئۆز ئىچىدىكى بۇ مۇقىمسىزلىقنى تۈپتىن قانداق ھەل قىلىش ئۈستىدە قاتتىق ئويلىنىشى كېرەك.