خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىياردا ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتى چېكىدىن ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى ئاشكارا بولماقتا.
چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ روزى ھىيتنى تەبرىكلەش، ھېيت تەنتەنسىدە ئۇرۇق - تۇغقانلار ئارا بېرىش كېلىش - قىلىش، ئەھۋاللىشىش نورمال ئەھۋال بولسىمۇ، لېكىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفۇن ئارقىلىق نورمال سالاملىشىغىمۇ چەكلىمە قويىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.
چەتئەللەردە سىياسىي پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاكىتپلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى سەۋەبسىز تۇرمىگە قاماش، ئۇلارغا بېسىم قىلىپ چەتئەلدىن كىرگەن تېلېفۇنلارنى ئالماسلىق كېلىشىمىگە مەجبۇرىي قول قويدۇرۇش، تېلېفۇنلارنى بىلمەي قوبۇل قىلىپ قالغان ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى 3،4 يىللىق قاماققا مەھكۈم قىلىش قاتارلىق ئېغىر جازالار بىلەن جازالاپ نۇقتىلىق ئائىلەر قاتارىدا كۆزىتىش، شەھەر ئاتلاشقا توغرا كەلسە يېشىل كارت ۋە باشقا رەسمىيەتلەرنى بىجىرىپ بەرمەسلىك قاتارلىق باھانىلەر بىلەن ئەركىنلىكىنى بوغۇپ كەلمەكتە.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەلدە نورمال ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ۋەتەندىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقە قىلىشىغا چەكلىمە قويۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغىمۇ قاتتىق بېسىم ئىشلىتىپ ئۇلارنىڭ نورمال ئالاقە قىلىشغا توسقۇنلۇق قىلماقتا.
2009 - يىلى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىدا 7 ئاي ئەتراپىدا سىرتتىن كىرىدىغان تېلېفۇنلارغا چەكلىمە قويۇلغان ئىدى. خەلقئارانىڭ كۈچلۈك بېسىمى ئاستىدا تېلېفۇن چەكلىمىسى بىكار قىلىنغان بولسىمۇ، بۈگۈنگە كەلگەندە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا ھەر خىل شەكىلىدە بېسىم قىلىش، تۇرمىگە مەھكۈم قىلىش ئۈسۈللىرى بىلەن، ئۇلارنىڭ چەتئەلدىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرى قىلغان تېلېفۇن ۋە باشقا ئالاقە ۋاستىلىرىدىكى ئالاقىلىشىشىنى چەكلەپ كەلمەكتە.
بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن، شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقسى ئۈزۇلۇپ قالغان ئەيسا ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق.
0:00 / 0:00