خىتاي - ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

30-نويابىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 34-نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىش كۈچىيىپ، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ناچارلىشىپ كەتتى، دەپ قارىلىۋاتقان مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىمقى دىئالوگتا كونكرېت قانداق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەمما د ئۇ ق دىئالوگىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى قالقان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىرىشىنى ئۈمىد قىلدى.

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، دىئالوگ مۇناسىۋىتى بىلەن رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى ئۇيغۇرلار بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىشى كېرەك، دېدى.

رابىيە قادىر: بىز بۇ قېتىم ئۇلاردىن نېمىنى ئۈمىد قىلىمىز دېگەندە، مانا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قېتىمقى دۇنيا تېررورلۇق ھەرىكىتىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە باستۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر خەلقى دۇنيا تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئوچۇقلاشتۇرۇشى كېرەك، دەپ قارايمىز. ھەم قانۇنسىز ئادەم ئۆلتۈرۈش ھەم قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىشنى توختىتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت چەكلىگەن كۆيدۈرگۈچى قوراللارنى ئۇيغۇرلارغا ئىشلەتكەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىشىنى، ب د ت ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، دەپ چەكلىگەن قوراللارنى ئۇيغۇرلارغا ئىشلەتكەنلىك دۆلەت دەرىجىلىك تېررورلۇق ئىكەنلىكىنى ئوچۇقلاشتۇرۇشىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر خىل ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن تىنچلىق سۆھبىتىگە كېلىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئەمما، ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنىڭ ئۈنۈمى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئىزچىل سوئال پەيدا قىلىپ كەلدى. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى يېقىندا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە نىسبەتەن مەيدانى روشەن، ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بېسىمى بولمىسا، بۇنداق دىئالوگنىڭ ئۈنۈمى ئىنتايىن تار دائىرىدە چەكلىنىپ قالىدۇ» دېگەن.

رابىيە قادىر خانىم بولسا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سۆھبەت ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر: بۇنى ئۇزۇندىن بېرى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان مەسىلە. يالغۇز ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەر قېتىمقى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە، بولۇپمۇ ئامېرىكا، ب د ت، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەر قېتىمقى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنىڭ بۇنداقلا يۇمشاق ئۆتۈپ كەتمەسلىكىنى پۈتۈن دۇنيا تەۋسىيە قىلىۋاتىدۇ. بىزمۇ ھەم شۇنى تەۋسىيە قىلىۋاتىمىز.

ئۇ ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. ناھايىتى قاتتىق ئوتتۇرىغا قويۇشى، ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن ئۇنىڭ جاۋابىنى ئېلىشى كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتى زوراۋانلىق يۈرگۈزۈۋاتقان رايونلارغا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلىشى ھەم شۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك. بىز بۇنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمىز ھەم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سۆھبەت گۇرۇپپىسى بۇ سادالارنى ئاڭلىماي قالمىدى. بىز بۇنى شۇنداق قىلىدۇ، دەپ ئۈمىد قىلىمىز.

ئەمما، ئامېرىكا خادسۇن ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، خىتاي پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور خەن ليەنچاۋ ئەپەندى، خىتاينىڭ ئاساسەن بارلىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىگە ئىمزا قويغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ بۇ ئەھدىنامىلەرنى ئىجرا قىلمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خەن ليەنچاۋ مۇنداق دېدى: «ماھىيەت جەھەتتىن ئالغاندا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى تۈپ مەسىلە قۇرۇلمىدىكى مەسىلە. خىتاي ھۆكۈمىتى 27 گە يېقىن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك قول قويدى. بىراق ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ باقمىدى. شۇڭا خەلقئارا جەمئىيەت ئۇنى ئىجرا قىلىشقا مەجبۇرلايدىغان بىر قەدەر ياخشىراق بىر چارە تېپىشى كېرەك.»

دوكتور خەن ليەنچاۋ غەربنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا بەك يۈز خاتىرە قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خەلقئارا جەمئىيەت كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىگە ئىمزا قويغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنى تولۇق ئىجرا قىلمايۋاتقان دۆلەتلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىدىغان بىر خەلقئارا مېخانىزم بەرپا قىلىشى كېرەك.

خەن ليانچاۋ مۇنداق دېدى: «غەرب كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا بەك يول قويۇپ كەلدى. خىتاينىڭ يۈز خاتىرىسىنى قىلىش، خىتاينى ئاستا-ئاستا ئۆزگەرتىش دېگەن سەۋەبلەر بىلەن ئۇنىڭغا يول قويۇپ، بەك مۆتىدىل پوزىتسىيە تۇتتى. ئۇنىڭغا ئېمبارگو ۋاسىتىلىرىنى قوللانمىدى. بۇرۇن كىشىلىك ھوقۇق بىلەن سودا بىرلەشتۈرۈلگەن ئىدى. ئەمما ھازىر بۇمۇ يوق بولدى. شۇنىڭ بىلەن خىتاي نېمە قىلسا قىلىدىغان ئەھۋالغا كەلدى.

مېنىڭچە، غەرب ئەللىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ھەم كۈچلۈك بىر ئىجرا مېخانىزمى بولۇشى زۆرۈر. ئەگەر ئەھدىنامىگە ئىمزا قويغان دۆلەت ئۇنى ئىجرا قىلمىسا، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك. بۇ خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە تارتىش، سودا ئېمبارگوسى قويۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالسا بولىدۇ. قىسقىسى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شۇ دۆلەتنى ئەھدىنامىلەرگە ئەمەل قىلىشقا مەجبۇرلايدىغان كۈچلۈك بىر خەلقئارا ئېمبارگو مېخانىزمى بولۇشى شەرت.»

رابىيە قادىر خانىم بولسا، ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ چېكىدىن ئاشۇرۇپ كۈچ قوللىنىشى دۇنيا ئارىلىشىشقا تېگىشلىك مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ كىشىلىك بىخەتەرلىككە جىددىي تەھدىت پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر: ھازىر ئىسىس پۈتۈن دۇنياغا تەھدىت بولۇپ شۇ ئىشنى قىلىۋاتقاندەك، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ مۇشۇنداق تەھدىتنى ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنسىز ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى، ئىرقىي كەمسىتىش ۋەقەسى، ئېكولوگىيەنى بۇزۇش ۋەقەسى، كۆچمەنلەرنى ئەكېلىش مەسىلىسى، بۇ ھەممىسى دۇنيا باش قاتۇرۇشقا تېگىشلىك ئىشلار. ھەم بىزنىڭ مىللىي مەسىلىمىز، ھەم بىزنىڭ دىنىي ئېتىقاد مەسىلىمىز. دۇنيا ھازىر فىرانسىيەدە ئېكولوگىيە توغرىسىدا يىغىن ئېچىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا نۇرغۇن كۆللەر، دەريالار قۇرۇپ كەتتى. مۇشۇنداق ئەھۋاللار دۇنيانىڭ دىققىتىنى چېكىدىغان ئەھۋاللار. شۇڭا، دۇنيا بۇ ئىشقا ئارىلىشىدىغان بىردىن-بىر ئىش، دەپ قارايمەن.

بۇ قېتىمقى دىئالوگ ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار كومىسارىياتىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى ئۇگو ئاستۇتو بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا ئىجتىمائىي ئىشلار مەسئۇل ئەمەلدارى لى جۈنخۇانىڭ باشچىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن.

لى جۈنخۇا دۈشەنبە كۈنى چاقىرغان ئاخبارات يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە ئوبيېكتىپ قاراشقا چاقىرغان. ئۇ، دىئالوگتا تەرەپلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، مۇھىت قوغداش، ئىنتېگراتسىيە قاتارلىق مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.