ئۆي-جايلىرىدىن ئايرىلىش: سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ يۇرتىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر قىسمەتلەر

0:00 / 0:00

ئاتۇشنىڭ شورۇق كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ ئۆي-جاي ۋە تېرىلغۇ يەرلىرىدىن ئارقا-ئارقىدىن ئايرىلىپ قېلىشى نۆۋەتتە يەر مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئۆي-جاي ۋە تېرىلغۇ يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋالغا ئايلانغان. بۇ يىل 9-ئايدا ئاتۇشنىڭ شورۇق كەنتىدە يۈز بەرگەن يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئۆي-جايلىرىنى مەجبۇرىي چېقىش ۋەقەسى بىرمۇنچە دېھقانلارنى شەخسىي ئۆي-زېمىنلىرىدىن ئايرىپ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. سەمى نىياز ئاكىنىڭ 25 مو يېرىدىن ئايرىلىپ خانىۋەيران بولۇشى خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، 81 ياشلىق ئابدۇرېھىم قارىنىڭ ئۆي-جايىدىن ئايرىلىپ ئېغىر كۈنلەرگە قالغانلىقى ۋە ھەتتا ساقچىلاردىن تاياق يېگەنلىكى ئاشكارا بولدى.

ئابدۇرېھىم قارى ۋە ئۇنىڭ بالا-چاقىلىرى رادىئويىمىزنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي تۇرالغۇ جايلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىلىپ ئېغىر ئۇۋالچىلىققا قالغانلىقىنى بايان قىلدى. ئابدۇرېھىم قارى ئاكا ئۆز بېشىغا كەلگەن قىسمەتلەرنى دەسلەپكى قەدەمدە ئاشكارا قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۇششاق تىجارەت قىلىپ جان بېقىۋاتقان ئوغلى مەھمۇت ئابدۇرېھىم ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇچۇر بەردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇرېھىم قارى ئاكا 1977-يىلى ئاتۇشنىڭ شورۇق كەنتىدىن ئىككى مو ئالتە پۇڭ جاينى ۋە بىر شەخسىدىن ئالتە پۇڭ كېلىدىغان زېمىننى سېتىۋالغان. ئۇ جەمئىي ئۈچ مو ئىككى پۇڭ كېلىدىغان بۇ يەرنىڭ يەر خېتى ۋە باشقا قانۇنىي ھۆججەتلىرىنى ۋاقتىدا بېجىرگەن. ئۇ بۇ يەرگە قورۇ-جاي سېلىپ، باغ بەرپا قىلغان شۇنداقلا ئائىلىسىدىكى چوڭ-كىچىك 16 جان ياشايدىغان ئىللىق شارائىتنى ياراتقان. ئەپسۇسكى، 2006-يىلىدىن باشلاپ خىتاينىڭ جۈنكۇن شىركىتى ئاتۇش شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ساقچى ئورۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ شورۇقتىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەرلىرىگە كۆز قىزارتقان. يېزا، كەنت ۋە شەھەرلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ بېسىم قىلىشى بىلەن شورۇقتىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ 500 مو يېرى جۈنكۇن شىركىتىگە تۆۋەن باھا بىلەن مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلگەن. شۇ قاتاردا ئابدۇرېھىم قارى ئاكىنىڭ ئۈچ مو ئىككى پۇڭ يېرى ئاران 120 سوم يۈەن ھېسابلىنىپ يەر سېتىش قەغىزىگە مەجبۇرىي قول قويدۇرۇلغان. ھۆكۈمەت تەرەپ ئۇنىڭ بالىسىنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش، بىنادىن 40 كۋادرات مېتىرلىق ئۆي بېرىش قاتارلىق بىر قاتار ۋەدىلەرنى بەرگەن. ھالبۇكى، بۇ ۋەدىلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئەمەلىيلەشمىگەن.

ئابدۇرېھىم قارى ئاكا ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقى ۋە يەر سېتىش قەغىزىگە مەجبۇرىي قول قويغانلىقى ئۈچۈن يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا ئەرز سۇنغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي سوت ئۇنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلىپ يەر سېتىش قەغىزىگە قويغان ئىمزاسىنى ئىناۋەتسىز دەپ ھۆكۈم چىقارغان. بۇنىڭ بىلەن ئابدۇرېھىم قارى ئاكا شورۇقتىكى يەر جايىنى قايتىدىن ياساپ يەنە بىرقانچە ئېغىز ئۆي ۋە دۇكان سالغان. ئاتۇش شەھەرلىك يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ئالىي سوتنىڭ ھۆكۈمىگە پىسەنت قىلمىغان.

2013-يىلى 9-ئايدا ئاتۇش شەھەرلىك يەرلىك دائىرىلەر شورۇقتىكى سەمى نىياز، ئابدۇرېھىم قارى قاتارلىق ئاخىرقى ئۈچ ئائىلە كىشىلىرىنىڭ قورۇ-جايىنى مەجبۇرىي چاقماقچى بولغان. ئۇلار ئابدۇرېھىم قارى ئاكىغا ئىلگىرىكى 120 مىڭ سوم باھانى ئۆستۈرۈپ 450 مىڭ سوم بېرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باھا ئىكەنلىكىنى، ئەگەر بۇنىڭغا قوشۇلمىسا مەجبۇرىي چاقىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئابدۇرېھىم قارى ئاكا بۇنىڭغا قەتئىي قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ قارشىلىق كۆرسەتكەندە ساقچىلار تەرىپىدىن قاتتىق ئۇرۇلغان ۋە نەق مەيداندا ھوشىدىن كەتكەن.

ئۆي-جايى مەجبۇرىي چېقىلىپ ماكانسىز قالغان ئابدۇرېھىم قارى ئاكا ھازىر ئۈرۈمچىدە تۇرۇۋاتقان ئوغلىنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ بېرىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۆزىنىڭ ھاياتلا بولىدىكەن بۇ دەۋادىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۇنجى رەئىسى بولغان سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ يۇرتىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر قىسمەتلەر كۈنىمىزدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يەرلىك ئاھالىگە بولغان بېسىمىنىڭ قانچىلىك دەرىجىگە يېتىپ بارغانلىقىدىن دالالەت بەرمەكتە.