گۈلرۇي ئەسقەر: «جەمەتىمىزدىكى 3 ئەۋلاد كىشىلەر خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن قۇتۇلالمىدى»
2019.02.28
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىت داۋامىدا 2 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى كۈچلۈك دىققەت قوزغاۋاتقان، خەلقئارادا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ۋەھشىي سىياسىتى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان بىر پەيتتە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ تىزىملىكىدىكى سانىمۇ كۈندىن كۈنگە ئاشماقتا. ھەتتا بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئائىلىلىرىدىن بىر قانچە ئەۋلادقىچە لاگېرلارغا قامالغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى گۈلرۇي ئەسقەر خانىم ئۆز ئاكىسى ھۈسەنجان ئەسقەرنىڭ بۇلتۇر 4-ئايلاردا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدى. ئۇ يېقىندا يەنە ھەدىسى ئادىلە ئەسقەرنىڭ ئوغۇللىرىدىن 1988-يىلى تۇغۇلغان بەھرام يارمۇھەممەت بىلەن 1989-يىلى تۇغۇلغان ئېھرام يارمۇھەممەت ئىككىيلەننىڭ ئارقا-ئارقىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات يەتكۈزدى.
ئېھرام ۋە بەھراملار ئۇيغۇرلارنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، سابىق قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مەرھۇم ئەسقەر ھۈسەيىننىڭ نەۋرىلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان «قۇتادغۇ بىلىك» تەتقىقاتچىسى مەرھۇم يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇقنىڭ ئوغۇللىرى ئىكەن.
گۈلرۇي خانىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە قارىغاندا، مەرھۇم يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ئەپەندىنىڭ كىچىك ئوغلى ئېھرام يارمۇھەممەت 2016-يىلنىڭ ئاخىرىدا قولغا ئېلىنغان ۋە 10 يىل كېسىۋېتىلگەن. 2017-بېشىدا چوڭ ئوغلى بەھرام يارمۇھەممەت «قايتا تەربىيەلەش مەكتىپى» گە ئېلىپ كېتىلگەن. بەھرام يارمۇھەممەت نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مېخانىكا قۇرۇلۇشى كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئېھرام يارمۇھەممەت بولسا شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ئىكەن. ھالبۇكى، ئۇلار داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن تۇرۇپمۇ خىزمەت تاپالمىغان. ئاخىرى ئىككىسى بىرلىشىپ ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇدۇلىدا كىتابخانا ئاچقان ئىكەن. لېكىن بۇمۇ ئوزونغا بارمىغان. 2016-يىلىدىن باشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت بارلىق كىتاب ماتېرىياللارنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ، يىغىپ يوقىتىش دولقۇنى قوزغىغان پەيتلەردە ئىلىمخۇمار زىيالىي ئائىلىسىنىڭ 3-ئەۋلادلىرى بولغان بۇ ئاكا-ئىنىلارنىڭ كۇتۇپخانىسىمۇ تاقالغان. ئۆزلىرى بولسا خىتاينىڭ قارا تىزىملىكىگە چۈشكەن ئىكەن.
ئېھرام بىلەن بەھرامنىڭ دادىسى يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق سابىق قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئۇزۇن مەزگىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان كىشى بولۇپ، 1997-يىلى ئۆزى سۆيگەن ئوقۇتۇش مۇنبىرىدىن ھەيدىلىپ، ئۆزى مۇستەقىل ھالدا يېزىقچىلىق ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ «قۇتادغۇ بىلىك» تەتقىقاتى بويىچە بىر يۈرۈش بالىلار كىتابلىرى يېزىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. «بوۋام شۇنداق ئۆگەتكەن»، «قۇتادغۇبىلىگ دەرسخانىسى» قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق كىتابنىڭ ساھىبى بولغان تەتقىقاتچى يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق 2012-يىلى 10-ئىيۇن كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن 53 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
گۈلرۇي خانىمنىڭ ئەسلەپ ئۆتۈشىگە قارىغاندا، يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مەرھۇم ئەسقەر ھۈسەيىننىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەن. كېيىنچە ئەسقەر ھۈسەيىننىڭ قىزى بىلەن توي قىلىپ، ئۆز ئوقۇتقۇچىسى بىلەن بىر ئۆمۈر تەقدىرداش، كەسىپداش ھەمدە ئاتا-بالا بولۇپ ئۆتكەن ئىكەن.
بىر ئۇيغۇر زىيالىي ئائىلىسىدىن بىر قانچە ئەۋلادنىڭ خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىشىدەك مىساللارنىڭ تارىختىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بىر پاجىئە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن سۈرگۈندىكى تونۇلغان ئۇيغۇر شائىرى تاھىر ھامۇت ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلدى. ئۇ ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ئوخشىمىغان دەۋرلەردە خىتاينىڭ يوقىتىش نىشانىغا ئايلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىمقى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇندىمۇ ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ تۈركۈم-تۈركۈملەپ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى، بۇنىڭ بىر مىللەتكە نىسبەتەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ تىپىك بىر مىسالى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.