«خادسىن ئىنستىتۇتى» دا ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلار دىيارىدا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قوراللىق گۇرۇھلارغا قاتنىشىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى ئالغا سۈرۈلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2013-يىلى «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ بۇنىڭدىكى ئاچقۇچلۇق رولى يېڭىۋاشتىن روشەنلەشتى. ئەمما رايون مىقياسىدا توختىماستىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى مەزكۇر رايوندىكى بىر قاتار سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئاشكارا قىلىشقا باشلىدى.
25-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى خادسىن ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاينىڭ زۇلۇمى ۋە ياۋرو-ئاسىيا ئۆتۈشمىسىدىكى ئۇيغۇر قوراللىقلىرى» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى دەل مۇشۇ مەسىلىلەرگە بېغىشلاندى.
يىغىن مۇزاكىرىسىگە قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەردىن جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتس، پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى قىلىچ قانات ۋە «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ياڭ جيەنلى ئايرىم-ئايرىم پىكىر قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدا يولغا قويۇۋاتقان قاتتىق قول سىياسەتلەر ھەمدە بۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئېرىك براۋن ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. ئۇ خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا «شىنجاڭ» دېگەن نام بىلەن مەلۇم بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان بىر جۇغراپىيەلىك رايون ئىكەنلىكىنى، بۇ رايوننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا مەلۇم مەزگىل مۇستەقىل سىياسىي گەۋدە سۈپىتىدە مەۋجۇت بولغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا خىتاي دۆلىتىنىڭ ھەربىي كېڭەيمىچىلىك پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە بۇ رايوننىڭ 1949-يىلى خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالغانلىقىنى، شۇنىڭدىن بۇيان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىغا زور تۈركۈملەپ كۆچۈشى ئارقىسىدا رايون مىقياسىدا تۈرلۈك مەسىلىلەرنىڭ گەۋدىلىك يوسۇندا ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارادىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش يۈزلىنىشىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلار دىيارىنى «ساقچىلار باشقۇرۇشىدىكى تۈرمە» گە ئايلاندۇرۇپ قويغان. بۇنىڭغا ماس ھالدا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام تېررورچى گۇرۇھلىرىغا ئارىلىشىپ قېلىش ھادىسىسى ئوتتۇرىغا چىققان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاينىڭ ئۆزىدىكى كۈنمىڭ، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردا بىر قىسىم ھۇجۇملار تەشكىللەنگەن. ئەمما بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى خىتاي كومپارتىيىسى قاتتىق كونترول قىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەقىقىتى ھازىرغىچە غۇۋا ھالەتتە تۇرماقتا.
ئېرىك براۋن بۇ ھەقتىكى بايانلىرىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنى بىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى ھەمدە بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشنى مۇزاكىرە ئىشتىراكچىلىرىدىن قىلىچ قاناتقا ھاۋالە قىلدى.
ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بىلەن ياخشى تونۇشلۇق بولغان پروفېسسور قىلىچ قانات سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەسىلىلەرنىڭ يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا شەكىللەنگەن مەسىلە ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەسىلىلەرنىڭ ماھىيىتىنى تونۇپ يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇنىڭغا مۇناسىپ كېلىدىغان تەدبىرلەرنى ئېلىشقا ئاجىز كەلگەن. بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ۋەزىيەت بارغانچە يامانلىشىپ ماڭغان.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلىشىشى بىلەنلا دىققىتىمىزگە سازاۋەر بولغىنى خىتايدا بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان دۆلەتنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشى ھەمدە (ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى) مىللىي بۆلۈنۈش ھەققىدىكى ئەندىشىلەر بولدى. شۇ سەۋەبتىن 1990-يىللىرى بۇ جەھەتتە ئېلىنغان تەدبىرلەرنىڭ كۆپ قىسمى ‹بۆلگۈنچىلىك›، يەنى خىتاي دۆلىتىنى پارچىلايدىغان ھەرىكەتلەرگە بەكرەك مەركەزلەشتى. مۇشۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەزكۇر رايوندا ئىجتىمائىي نارازىلىقلار، مالىمانچىلىقلار، سىياسىي نامايىشلارنىڭ سانى ئېشىپ ماڭدى. ئەمما بۇلار ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنچىۋالا غەم قىلىپ كەتمىسىمۇ بولىدىغان مەسىلىلەر ئىدى. لېكىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۇيۇقسىزلا ھالاك بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا بىرنەچچە مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتنىڭ دۇنياغا كېلىشى خىتاينى ئالدىرىتىپ قويدى.
ھالبۇكى ئەينى ۋاقىتتا مەۋجۇت مەسىلىلەر توغرا بىر ياقلىق قىلىنغان بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بۇ ئىشلارنى پۈتۈنلەي ھەل قىلىپ كېتەلەيتتى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا ئىككى تۈرلۈك چارە قوللانغان بولسىمۇ بۇ چارىلەرنىڭ ھەر ئىككىسى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇۋەتتى. بۇ چارىلارنىڭ بىرى بولغان ‹ئىقتىسادىي تەرەققىيات› مەزكۇر رايوننى خىتاي بىلەن بىر گەۋدە قىلىپ يۇغۇرۇۋېتىشنىڭ ۋاسىتىسى سۈپىتىدە قوللىنىلدى.
دەرۋەقە بۇ ھال كۆپىنچە ھالدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بەكمۇ پايدىسىز بولۇپ چىقتى، بۇ يەرگە توختاۋسىز كۆچۈپ كېلىۋاتقان خىتايلار بولسا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى نارازىلىقنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە سىلجىتتى. بۇنىڭ بىلەن مەزكۇر رايوندىكى ھەر بىر ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ھادىسىلەر، مەسىلەن، بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى، ئاياللارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى، ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تەڭسىزلىك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇيغۇرلار مەزكۇر رايوندىكى خىتايلارغا سېلىشتۇرغاندا غايەت زور دەرىجىدە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالدى.»
يىغىن مۇزاكىرىسىدە سۆز قىلغۇچىلاردىن پروفېسسور شان روبېرتس 1990-يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىۋاتقان ئالىم. ئۇ ھازىرقى كۈندە كۆپ قىسىم ئاخباراتلاردا مۇلاھىزە قىلىنىۋاتقان «ئۇيغۇرلارنىڭ قوراللىق گۇرۇھلارغا قوشۇلۇشى» ھەققىدە سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تۈرلۈك تەڭسىزلىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى «ئەسەبىي» دەپ قارىلىۋاتقان يوللارغا مېڭىشقا مەجبۇر قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەرگە چىقىپ «تېررورلۇق» تەشكىلاتلىرىنىڭ تەركىبى قىسمىغا ئايلىنىشى ھەققىدىكى ھۆكۈملەردە نۇرغۇنلىغان گۇمانلىق نۇقتىلار بارلىقىنى ئالغا سۈردى.
ئۇ، بۇ ھەقتە مۇندا دېدى: «ھازىر بىزگە مەلۇم بولغان بۇ ھۆججەتلەرنىڭ بىر قىسمى خەلقئارادىكى جىھادى گۇرۇھلار بىلەن ئالاقىسى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىلىۋاتقان، شۇنداقلا ھازىر سۈرىيەدە ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن خىتايغا تېررورلۇق تەھدىتى كېلىۋاتقانلىقىنى راست قىلىپ كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان نەرسىلەردۇر. بۇلار يەنە ئاشۇ رايوندىكى ھۇجۇملارغا ‹چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلغانلىقى› نى دەلىللەشكىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
ھالبۇكى چەتئەللەردىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان غەرب دۇنياسىدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەرنى دائىرىلەر ئوساما بىن لادىنغا ۋە ‹بازا› تەشكىلاتىغا قەدەر باغلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. مۇشۇ خىل ئەھۋالدا بۇ ھۆججەتلەردە دېيىلگەن سۆزلەرگە بىر نېمە دېمەك ھەقىقەتەن قىيىن، چۈنكى بۇ مەلۇماتلاردا ئومۇمەن ئاشۇ ھۇجۇملار ھەققىدە ئوچۇق ئۇچۇرلار يوق دېيەرلىك.
يەنە بىر جەھەتتىن ئالساق خىتاي دائىرىلىرى ‹تېررورلۇق ھۇجۇمى› دەپ ئاتىغان كۆپلىگەن ھادىسىلەرنى ئەمەلىيەتتە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى دەپ ئاتاشقا بولمايدۇ. مەسىلەن، بىرەر نامايىشنىڭ تەشكىللىنىشى ھەمدە كۈتۈلمىگەندە كونتروللۇقتىن چىقىپ كېتىشى، بۇنىڭ بىلەن كېلىپ چىققان بەزى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى تېررورلۇق دېيىشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق. ئاشۇ ھۇجۇملارنى تېررورلۇق، دەپ قارىغان ھالەتتىمۇ ئۇنىڭغا يېڭىۋاشتىن قاراپ چىقىش ھەمدە باشقىچە شەرھلەش ھېچقانچە قىيىن ئەمەس. بۇنىڭدا ئوچۇق بولمايۋاتقىنى ئاشۇلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ يوللۇق ئەندىشە ياكى ئەمەسلىكىدۇر.
قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر يەر شارى مىقياسىدا تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇش بولۇۋاتقان ھازىرقىدەك بىر پەيتتە ئۇيغۇرلارنى تېررورچى گۇرۇھلارغا باغلىنىشلىق بولغان باشقا مۇسۇلمان توپلىرىنىڭ قىلغىنىدەك زور ساندا دۇنياۋى جىھادى تەشكىلاتلارغا ئەزا بولۇۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلەش دەسلەپ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە راستتەك ئاڭلىنىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ئاشۇ رايون ھەققىدە راۋۇرۇس چۈشەنچىسى بولمىغان ھەرقانداق ئادەم ئۈچۈن شۇنداق بولۇشى مۇمكىن.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇرلارنى تېررورچىلار بىلەن باغلىۋېلىش ئاز دېگەندىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىككى تۈرلۈك مەنپەئەتكە ئېگە قىلىدۇ: بىرىنچى، بۇ ئارقىلىق ش ئۇ ئا ر دىكى بارلىق نارازىلىقلارنى ‹تاشقى كۈچلەر ۋە ئەسەبىي ئىدېئولوگىيەنىڭ نەتىجىسى› دەپ داۋراڭ قىلىشقا سورۇن ھازىرلايدۇ. بۇنداق بولغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ تارتىۋاتقان كۈلپەتلىرىنى شەرھلىشىگە يوچۇق قالدۇرۇلمايدۇ؛ ئىككىنچى، بۇ ئارقىلىق خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇشىغا يول ئېچىلىدۇ.»
يىغىندا مۇزاكىرىگە تەكلىپ قىلىنغان يەنە بىر مېھمان دوكتور ياڭ جيەنلى بولۇپ، ئۇ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىي ئىلھام توختى دۇچ كەلگەن قىسمەتتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ يىغىن ئەھلىگە ئىلھام توختى قولغا ئېلىنىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئەھۋاللارنى ئەسلىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلاردىكى «تىنچ يول» ئۈمىدىنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ پۈتۈنلەي بەربات قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «(ئىلھام توختى) ئۆزىگە خاس ئىدېئولوگىيە ۋە كۆزقارىشىنى ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن خىتايدا ‹ئىشىكنى ئېچىۋېتىش› سىياسىتى يولغا قويۇلغان ئوتتۇز نەچچە يىلدىن بۇيان مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بىردىن-بىر كىشى. ئۇنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئالغان ليۇ شياۋبو بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. ليۇ شياۋبو خىتاي مىللىتىدىن. ئۇ پۈتۈن خىتاي دۆلىتىنىڭ دېموكراتىيىگە ئۆتۈش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىققان گۇناھى ئۈچۈن ئون بىر يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. شۇڭا بۇنى بەكمۇ زۇلمەتلىك بىر جاۋاب دېيىش مۇمكىن. چۈنكى ئىلھام توختىنىڭ مىللىتى ئۇيغۇر، ئۇ ئۇيغۇرلاردىن چىققان ‹ئوتتۇرا يول› تەشەببۇسچىسى.
ئەمدى بۇنى مۇنداق شەرھلەش مۇمكىن: 1990-يىللاردىن بۇيانقى ئەھۋالغا نەزەر سالىدىغان بولساق شۇنى بايقايمىزكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي دۆلىتىنىڭ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي مىللىتىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىزچىل رەۋىشتە يامانلىشىپ مېڭىۋاتىدۇ. مەن بىلەن بىرلىكتە بۈگۈنكى مۇزاكىرىگە ئىشتىراك قىلغان ئىككىيلەن باياتىن بۇ خىل يۈزلىنىشنىڭ سەۋەبى ھەمدە ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى سۆزلەپ ئۆتتى. دەرۋەقە ھازىر خىتاي ھاكىمىيىتى خەلقئارادىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش شامىلىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى ۋە ئېزىشنى كۈچەيتمەكتە. بۇ بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكى ۋە دىنىي كىملىكىدە ئەڭ روشەن ئەكس ئەتمەكتە. شۇڭا ئۇيغۇرلار ھازىر تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن قورقۇنچقا مۇپتىلا بولۇۋاتىدۇ، چۈنكى ئۇلار ھەر ۋاقىت تۇتۇلۇپ كېتىش، يىللارچە داۋام قىلىدىغان قاماق جازاسى، كىچىككىنە بىر ئىشلار ئۈچۈنمۇ تاغدەك بەدەل تۆلەش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىش مەزمۇنىدىكى جۈملىلەر بولسا پۈتۈن خىتاي مىقياسىدىكى ئۇقتۇرۇشلاردا ۋە سىياسەتلەردە ئاشكارا كۆزگە چېلىقماقتا.»
يىغىن ئاخىرىدا مۇزاكىرىنى تىڭشاشقا كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن «ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى» نىڭ مۇدىرى ئۆمەر قانات زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، بۇ قېتىمقى مۇزاكىرىدەك مەخسۇس ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بېغىشلانغان يىغىنلارنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىنى ئامېرىكا جامائىتىگە بىلدۈرۈشتە زور ئەھمىيەتكە ئېگە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
بۇ قېتىمقى مۇزاكىرىگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم خادىملىرى، ئەلچىخانا خىزمەتچىلىرى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قىزىققۇچى ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى.