ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتى ئىشخانىسى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئادۋوكات جياڭ تيەنيوڭنىڭ يوقاپ كېتىشى ئۆزلىرىدە قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ دەرھال ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
جاڭ تيەنيوڭ بۇ يىل 8-ئايدا خىتايدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارى بىلەن ئۇچراشقان. ئۇ، خىتاينىڭ ئومۇمىي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت رايونلىرىدىكى سىياسىتىنى ئاشكارا تەنقىد قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ كەلگەن نادىر كىشىلەرنىڭ بىرى ئىدى.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇلار جياڭ تيەنيوڭنىڭ ب د ت ئەمەلدارى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى سەۋەبلىك ئۆچ ئېلىش نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى چەتكە قاقمايدىكەن.
ب د ت نىڭ كەمبەغەللىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنى تەكشۈرۈش ئالاھىدە ئەمەلدارى فىلىپ ئالستون، سەيشەنبە كۈنى جياڭ تيەنيوڭ ھەققىدە توختىلىپ، «خەلقئارا ئۆلچەملەر ناھايىتى ئېنىق: دۆلەتلەر ئۆچ ئېلىشتىن يىراق تۇرۇشى ۋە بارلىق كىشىلەرنى ئۆچ ئېلىنىشىدىن قوغدىشى شەرت» دەپ كۆرسەتتى. جياڭ تيەنيوڭ فىلىپ ئالستوننىڭ بۇ يىل 8-ئايدا خىتايدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىدە كۆرۈشكەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرى ئىدى.
ئامېرىكىدىكى خىتاي ئۆكتىچى تەشكىلاتى- «جۇڭگو پۇقرالار كۈچى»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور خەن ليەنچاۋ، خىتايدا ئادۋوكاتلار ئاۋام پۇقرالارنىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداش، ئادالەت ئالدىدا ئۆزىنى ئىپادىلەشتىكى ئەڭ ئاخىرقى قورغىنى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى باستۇرۇش ئاۋام خەلقنىڭ ئۆزىنى قانۇن ئورنىغا قويۇپ، ئۆزىنى زوراۋانلىق ۋاسىتىلەر بىلەن قوغداشقا مەجبۇرلايدىكەن.
خەن ليانچاۋ مۇنداق دەيدۇ: «قانۇن ئىجتىمائىي ئادالەتنى قوغداشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى توسۇقى. ئەگەر بۇ توسۇق ئېلىپ تاشلانسا، بۇ شۇ ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جەمئىيەت تەرتىپسىزلىشىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار قانۇننى قولىغا ئالىدۇ، قانۇننى ئۆزى ئىجرا قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ قانداق ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دېگەندە، زوراۋانلىق، قالايمىقانچىلىق، قىسقىسى ھەر خىل نومۇسسىزلىق ئەھۋاللىرىنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
دېمەك، سىزنىڭ مەپەئەتىڭىزنى قوغدايدىغان ئادۋوكات بولمىسا، بۇ تېخىمۇ چوڭ ئادالەتسىزلىكنى پەيدا قىلىدۇ. چۈنكى، سىزنىڭ دەردىڭىزنى يەتكۈزىدىغان، مەنپەئەتىڭىزنى قوغدايدىغان ھېچقانداق قانال قالمايدۇ. بۇ يىغىلىپ، تېخىمۇ زور ئىجتىمائىي پارتلاشنى پەيدا قىلىدۇ.»
ئۇنىڭ يوقاپ كېتىشى خىتاي ھۆكۈمىتى مەملىكەت مىقياسىدا كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى، سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەرگەن ئىدى.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، 2015-يىلى 7-ئايدا بۇ دولقۇنىدا 250 دىن ئارتۇق پائالىيەتچى، ئادۋوكات ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، ئائىلە تاۋابىئاتى تۇتقۇن قىلىنغان ياكى سوراق قىلىنغان.
دوكتور خەن ليەنچاۋنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى كېيىنكى يىللاردا قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنى تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى ئىزچىل ئۆز ھاكىمىيىتىگە تەھدىت، دەپ قاراپ كەلگەن.
خەن ليەنچاۋ: «ئۇلار ئادۋوكاتلارنى قانۇن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، كومپارتىيە بىلەن قارشىلىشىۋاتقان كۈچلەر، دەپ قاراپ كەلدى. چۈنكى، كومپارتىيىنىڭ قانۇنى بىز بىلىدىغان غەرب جەمئىيىتىدىكى ھەقىقىي قانۇن ئەمەس. ئۇنىڭ قانۇنى بىر پارتىيە دىكتاتورلۇقىنى قوغدايدىغان بىر خىل قورال. شۇڭا، ھەرقانداق ئادەم سوت پارتىيە گۇرۇپپىسى ياكى يەرلىك پارتكوملارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىسا، بۇنداق كىشىلەر ئۇنىڭ نەزىرىدە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا زىيانلىق ئاغدۇرمىچىلار. شۇڭا ئۇ كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى باستۇرۇپ كەلدى» دېدى.
ب د ت باياناتىدا يەنە، خىتاي دۆلەت ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ جياڭ تيەنيوڭنى ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى پائالىيىتى سەۋەبلىك غايىب قىلىۋېتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. جياڭ تيەنيوڭ ئىلگىرى نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق دېلولىرىنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتلىقىنى ئۈستىگە ئالغان، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ بۇ رايونلاردىكى سىياسىتىگە ئاشكارا پىكىر بىلدۈرۈپ كەلگەن ئاز ساندىكى خىتاي پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرى ئىدى.
جياڭ تيەنيوڭ 2011-يىلى 1-ئايدا رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نىزامى» غا پىكىر بىلدۈرگەن. ئۇ، ئەگەر بۇ نىزام مەلۇم بىر توپنى نىشان قىلىپ چىقىرىلغان بولسا، ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
جياڭ تيەنيوڭ: ئەگەر بۇ (نىزام) 3 خىل كۈچلەرنى نىشان قىلمىسا، ئۇ ھەر قايسى تەرەپلەرگە بىردەك ئىجرا قىلىنسا، بەلكى ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتكە بولغان بىر تەرەپلىمىلىك قارىشىنى، خەنزۇلارغا قارشى ئۆچمەنلىكىنى توسۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئەمما بۇ ئوخشاشلا خەنزۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۆچمەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى بەزى قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. بۇ مەلۇم بىر توپنى نىشان قىلمىسا، ئۇ ھەممىگە بىردەك ئىجرا قىلىنسا، ھازىرقى ۋەزىيەتتە مەلۇم ئەھمىيىتى بولىدۇ. ئەگەر بۇ (نىزام) مەقسەتلىك مەلۇم بىر توپنى نىشانغا ئالسا، ئۇ تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن» دېگەن.
لېكىن ئۇ يەنە، ئۇيغۇر رايونىدا بۇ خىل نىزامنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى قوللىمايدىغانلىقى، چۈنكى ئۇنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى بوغىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «قىسقىسى، مەن بۇ نىزامنىڭ چىقىرىلىشىنى قوللىمايمەن» دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتىنىڭ ئالاھىدە تەكشۈرۈش ئەمەلدارى فىلىپ ئالستون يەنە، ئۆزلىرىنىڭ بۇ يىل 8-ئايدىكى خىتاي سەپىرىدە ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەن باشقا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ئۇ، «ھۆكۈمەتلەر ب د ت بىلەن ھەمكارلاشقان شەخسلەرنىڭ قورقۇتۇش، پاراكەندىچىلىك، تەھدىت ياكى جازالاشقا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى شەرت» دېگەن.