نورۋېگىيەنىڭ ن ر ك تېلېۋىزىيىسىنىڭ تور بېتىدە ب د ت نىڭ يېقىندا خىتايدىكى كىشىنى جىنسىي پاراكەندىچىلىك ۋەقەلىرى ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسى ھەققىدە ماقالە يېزىلغان. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى ھەر تۆت ئەر كىشىدىن بىرىنىڭ ئاياللارغا پوخۇرلۇق قىلىشنى ئويلايدىغانلىقى، يېرىمىنىڭ ئۆز جۈپلىرىنى خورلايدىغانلىقى ۋە بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ئادەمنى ئىنتايىن چۆچۈتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ب د ت ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئائىت بىر قېتىملىق خەلقئارا تەكشۈرۈشتە 2000 نەپەر خىتاي ئەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. بۇلارنىڭ يېرىمىنىڭ ئاياللىرىنى ياكى سۆيگىنىنى روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن خارلىغانلىقىنى، قالغان يېرىمىنىڭ بولسا ئاياللارغا زوراۋانلىق قىلغانلىقىنى، تەخمىنەن 5 پىرسەنتكە يېقىن ئەرلەرنىڭ گۇرۇپپىلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلىشقا قاتناشقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ھەققىدە خىتاي خەلق گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىنغانلىقى يېزىلغان.
بۇ ماقالىنىڭ «مۇھىم نۇقتا چوقۇم ئەرلەر بولۇشى كېرەك» دېگەن ماۋزۇ بىلەن باشلانغان بۆلىكىدە، ب د ت نىڭ مۇداپىئە پىلانى بولغان «ھەمكارلاشقۇچى ھەمراھلار» پروگراممىسىنىڭ كوردىناتورى جامېس لاڭ «تۇنجى قېتىملىق ئائىلە زوراۋانلىقىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئادەمنى قاتتىق چۆچۈتىدۇ» دەپ ئېيتقان.
ئۇ،«زوراۋانلىق بولسا مۇرەككەپ بىر ئەھۋال. بۇ ھەقتىكى كۆپلىگەن تەتقىقاتلاردا ئاياللار مەركەز قىلىنغان. ئەگەر ناۋادا بىز زوراۋانلىقنى ئازلىتىشنىڭ ئۇسۇلىنى تاپماقچى بولساق، ئەرلەرنى دەل مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى قىلىشىمىز كېرەك. مانا بۇ، نۆۋەتتىكى تەتقىقات خىزمىتىنىڭ مۇھىم مەقسىتى» دەپ تەكىتلىگەن.
مەزكۇر ماقالىدە «باسقۇنچىلىققا قارشى ئىپادە بىلدۈرگەن ئايال قولغا ئېلىندى» دېگەن تېما ئاستىدا يانداش ماقالە بېرىلگەن بولۇپ ماقالە مۇنداق باشلانغان:
بۇ ھەپتە پايتەخت بېيجىڭدا بىر خەلق ساقچىسىنىڭ 22 ياشلىق ئايال يۈەن لياغا باسقۇنچىلىق قىلغانلىق ۋە ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىك خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلغان. نامايىش باشلانغاندىن كېيىن 28 ياشلىق بىر نەپەر خىتاي ئايال جۇڭگونىڭ تۋىتتېرى ھېسابلىنىدىغان ۋېئىبوم تور بېتىدە بۇ ۋەقە ھەققىدە يازغان. نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، بۇ ئايالنىڭ يالغان ئىغۋا تارقاتتى دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى يېزىلغان.
ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئايالدا ھېچقانداق مەست قىلىنغان، باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان ياكى ئۆلتۈرۈلگەن ئالامەت كۆرۈلمىگەن، ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان دەپ كۆرسىتىلگەن. بېيجىڭدا يۈز بەرگەن بۇ نامايىش شەھەر ئىچى ۋە كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ تەكشۈرۈش ئورگانلىرىدا بىسەرەمجانلىق پەيدا قىلغان. نۆۋەتتە تور بەتلىرىدىكى ئۆلگەن ئايال ۋە نامايىشقا ئائىت ئۇچۇرلارنى بىۋاسىتە ئىزدەيدىغان ئىزدەش سۆزلىرى تاقالغان بولۇپ،مىكرو بلوگ مۇلازىمەتلىرىمۇ ساقچىلاردىن بۇ ۋەقە ھەقتىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈۋېتىشكە بىۋاسىتە بۇيرۇق ئالغان.
نۆۋەتتە، قىز-ئاياللارنىڭ خورلىنىشى ۋە جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىشى پەقەت خىتاي ئاياللىرىغىلا خاس بولغان مەسىلە بولماستىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاياللار ۋە قىزلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھى جەھەتتە تۈرلۈك ئۇسۇلدا ئېغىر زەربىلەرگە ئۇچرىشىمۇ ئادەمنى چۆچۈتىدىغان بىر ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان. توي قىلىش يېشىدىكى ياش قىزلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە يۆتكىلىشىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپتىن تىزگىنلەنمىگەنلىكى، ئويۇن قويۇپ پۇل تېپىش ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ بېرىلغان ئارتىس قىزلارنىڭ مەخپىي ھالدا پاھىشىخانىلارغا سېتىۋېتىلىشى، ياش ئانىلار ۋە قىزلارنىڭ خروئىن ئەتكەسچىلىكى ۋە ئوغرىلىق قىلىشقا مەجبۇرلىنىشى، نورمال تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ھەر قايسى چوڭ - كىچىك شەھەرلەردە سەرسان بولۇپ يۈرگەن قىزلار ۋە ئانىلارنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ۋە ئىقتىسادى كاپالىتىنىڭ بولماسلىقى قاتارلىق كۆپ قىسىم مەسىلىلەر نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغان پاكىتلار بولۇپ، بۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىزچىل تۈردە ھەرقايسى ئىنسان ھەقلىرى ئورگانلىرى ۋە ب د ت غا دوكلات قىلىپ تۇرۇۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.
بۇ ھەقتە بىزنىڭ سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سابىق ئادۋوكات بەختىيار ئەپەندى خىتايدىكى مەۋجۇت ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالدى.
بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ب د ت نىڭ ئەڭ چوڭ پىلانلىق خىزمىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئاسىيادىكى 6 دۆلەتتىن 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەر كىشى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسى ھەر قايسى دۆلەتلەردە 7-ئايدا رەسمىي ئېلان قىلىنىدىكەن.