ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى بۇ يىللىق دوكلاتىدا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاينى بۇ يىل يەنە دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى دىققەت قىلىنىدىغان ئالاھىدە دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى تەكلىپ قىلدى.
بۇ، مەزكۇر كومىتېتىنىڭ خىتاينى 1999-يىلدىن بېرى ئۇدا بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈشنى تەكلىپ قىلىشىدۇر.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئوز دوكلاتىدا بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى شەرھلەپ، 2016-يىلى خىتايدا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى داۋاملىق ناچارلاشقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار، بۇددىست تىبەت، فالۇنگوڭ ۋە ئائىلە خرىستىئان چېركاۋلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ كەلگەنلىكى، ئۇنىڭ «دۆلەتكە تەھدىت، دەپ قارالغان ھەرقانداق دىندار، ئادۋوكات، پائالىيەتچى ۋە باشقا ئىجتىمائىي گۇرۇھ ئەزالىرىنى باستۇرغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا يېڭى بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە دىنىي تەربىيە بېرىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەق-ھوقۇقلىرىغا چەكلىمە قويۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
230 نەچچە بەتلىك دوكلاتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى چەكلەش ئائىلىسىدە ناماز ئوقۇغان ياكى دىنىي ماتېرىيال ساقلىغان ئۇيغۇرلارنى تېپىۋالسا، «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» قىلغان، دەپ جازالاش دەرىجىسىگە بارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. دائىرىلەرنىڭ يەنە، مەكتەپ بالىلىرىنى ئائىلىدە ناماز ئوقۇيدىغان ئاتا-ئانىلارنى پاش قىلىشقا قىستاپ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ «رادىكاللىقنىڭ كەڭ ئەۋجى ئېلىشى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدىكى زوراۋانلىق خاھىشىنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ، دېگەن پىكرىنى يەكۈنلەپ كەلگەن» لىكى ۋە «دىنىي ئېتىقاد ھەم باشقا كۈندىلىك تۇرمۇش پائالىيەتلىرىگە ھەر خىل بەلگىلىمە ۋە چەكلىمىلەرنى قويغانلىقى» بىلدۈرۈلگەن.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس رېيس چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ بىگۇناھ ئۇيغۇرلارغا «تېررورچى»، «ئەسەبىي» مۇئامىلىسى قىلىپ كەلگەنلىكى ۋە بۇنىڭ ناھەقچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
توماس رېيس: «خىتاي ھۆكۈمىتى تىنچ، بىگۇناھ كىشىلەرگە ‹ئەسەبىي›، ‹تېررورچى›، ‹ئاشقۇن› مۇئامىلىسى تۇتۇپ كەلدى. بىز بۇنى پۈتۈنلەي ناھەقچىلىك ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە خىلاپ، دەپ قارايمىز. ئەلۋەتتە، بۇ تېما بىز مۇتلەق رەۋىشتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىدە ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلىدىغان بىر مەسىلە»، دەپ كۆرسەتتى.
ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى چارشەنبە كۈنى تېلېفون ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مۇخبىرىمىزنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە قىلدى. توماس رېيس ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مۇئامىلىنى ئامېرىكا، ب د ت، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن. شۇنداقلا بۇ مەسىلىدە يۇقىرىقى دۆلەت ۋە ئورگانلارنىڭ خىتاي بىلەن سۆزلىشىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن.
توماس رېيس مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۇچرىغان مۇئامىلىدىن بەك ئەندىشە قىلىمىز. بىز بۇ مەسىلىنى دوكلاتىمىزدا ئوتتۇرىغا قويدۇق ۋە مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ سۆزلەشتۇق. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە رادىكال ئاشقۇن مۇئامىلىسى قىلىۋاتىدۇ. بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن باشقا دىپلوماتىك ئورۇنلار ۋە چەتئەل ۋەكىللىرى بىلەن جۈملىدىن ب د ت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بىرگە، خىتاينى زىيارەت قىلغاندا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇيغۇرلارنى قوغداشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدۇق. شۇنداق قىلىش ۋە ئۇيغۇرلارنى قوغداشنى ئىزچىل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىغا قويۇپ تۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە. بۇ دەل بىز ھازىر قىلىۋاتقان ئىشلارنىڭ بىرى».
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2016-يىلى چىقارغان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش چارىسى» ۋە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ 2016-يىلى ئېلان قىلغان «شىنجاڭنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئاق تاشلىق كىتابى»نى تەنقىد قىلغان.
دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى 2016-يىلى «ئاق تاشلىق كىتاب» ئېلان قىلىپ، نورمال دىنىي پائالىيەت، دىنىي ئېھتىياج ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ قوغدىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ «شۇ يىلى رانمىزاندا يەنە چەكلىمە قويۇپ، ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ، ئوقۇغۇچى ۋە بالىلارنىڭ روزا تۇتۇشى، ناماز ئوقۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.»
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلىدۇ: «2016-يىلى 1-نويابىردىن باشلاپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئاتا-ئانىلارغا بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشى مەنئى قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پۇقرالار ھۆكۈمەت چەكلىگەن ھەرقانداق پائالىيەتكە قاتناشقان قوشنا-قۇلۇملىرىنى پاش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلدى».
بىراق بەزى ئۆكتىچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا دىنىي ئەركىنلىككە قارشى يۈرگۈزگەن رادىكال سىياسىتى، ئۇنىڭ بۇ رايوندىكى «كارخانىلاشقان» مۇقىملىق سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى.
كانادادا ئولتۇرۇشلۇق خىتاي ئۆكتىچى، «دېموكراتىك جۇڭگو فرونتى»نىڭ رەئىسى شېڭ شۆي خانىم مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ياكى ئۇنىڭ تىبەت،تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرۇش سىياسىتىنىڭ ھەممىسى كارخانىلاشقان بىر-بىرىگە تۇتاش گەۋدە. ئالىي دەرىجىلىك دائىرىلەرنىڭ بۇنداق بىر ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ بار-يوقلۇقىدىن قەتئىينەزەر، ھەر قاتلامدىكى ئەمەلدارلار كارخانىلاشقان بۇ سىياسەتكە تايىنىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. شۇڭا، بۇ ئادەملەر شىنجاڭدىكى ۋەزىيەتنى ئۆز قولى بىلەن ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ تۇرىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ۋەزىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرسە، مەركەزدىن تېخىمۇ كۆپ پۇلغا ئېرىشىدۇ».
بىراق شېڭ شۈي، خىتاي ھەرقانچە كۈچلۈك بولسىمۇ، بىراق بۇنداق قاتتىق قول سىياسەتنىڭ بىر بەدىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەل قىلىش ناھايىتى زور مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
شېڭ شۆي مۇنداق دەيدۇ: «شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى ھەقىقەتەن تاقابىل تۇرۇش ناھايىتى مۈشكۈل بىر قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بۇ قىيىنچىلىق خىلمۇ-خىل زىددىيەتلەرگە ھامىلىدار. بىراق ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ زور خەۋپ-خەتەر چېگرا رايوندىن كېلىدۇ. شۇڭا، ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، دەيدىغان بۇ چوڭ ئارقا كۆرۈنۈش، چوڭ ۋەزىيەتنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى ئۇنىڭغا قارشى بارلىق كۈچلەرنى ئەڭ تۆۋەن قاتلامغا قەدەر يوقىتىشنى ئويلاۋاتىدۇ. بىراق ئۇنىڭ بۇ ۋەھىمىسىگە قارشى يەرلىك خەلقنىڭ چوقۇم بىر ئىنكاسى بولىدۇ».
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى دوكلاتىدا يەنە ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ ئادالەتسىز سوتلىنىۋاتقانلىقى، تۈرمىلەردە قوپال مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، 2014-يىلى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختىنىڭ سوتى ئادۋوكاتلار تەرىپىدىن «ساختىپەزلىك» دەپ ئەيىبلەنگەنلىكىنى، گۈلمىرە ئىمىن ئۆزى رەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىكى ئاتالمىش رولى سەۋەبلىك ئۇنىڭغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس رېيسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۈلمىرە ئىمىن ئەھۋالىنى مەزكۇر ئورگان تەقىب قىلىدىغان ئۇيغۇر ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ بىرىكەن.
ئۇ مۇخبىرىمىز مۇنداق دېدى: «(ئۇيغۇر) ۋىجدان مەھبۇسلىرىدىن بىرى بىزنىڭ بىر كومىسسارىمىز مەسئۇل بولۇپ مەخسۇس ئەھۋالىنى تەقىب قىلىشقا تاللىۋېلىندى. ھەر بىر كومىسسار مەسئۇل بولۇپ تەقىب قىلىدىغان بىر ۋىجدان مەھبۇسى بار. تاللىۋېلىنغان شۇ كىشىلەردىن بىرى ئۇيغۇر ۋىجدان مەھبۇسى. بۇ ۋىجدان مەھبۇسلارغا تېگىشلىك مۇئامىلە قىلىش ۋە ئاخىرىدا ئۇلارنى قويۇپ بېرىش پەۋقۇلئاددە مۇھىم مەسىلە».