خىتاي يەنە كىشىلىك ھوقۇقتا «پارلاق نەتىجىلەر» نى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئۆكتەبىردە ئېچىلىدىغان 19-قۇرۇلتاي ھارپىسىدا «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق نەتىجىلىرى 2012-2017» ماۋزۇلۇق بىر پارچە كىتاب تۈزگەن. مەزكۇر كىتابقا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى كىرىش سۆز يازغان بولۇپ، ئۇ كىرىش سۆزىدە، شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى بۇ 5 يىل جەريانىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە ئاجايىپ تەرەققىياتلار بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ھالبۇكى، چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئەڭ ناچار سەۋىيىگە چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈزۈپ نەشرگە تەييارلانغان «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق نەتىجىلىرى 2012-2017» دەيدىغان كىتابقا يازغان كىرىش سۆزى 14 ‏-سېنتەبىر كۈنى خىتاينىڭ «خەلق تورى» دا ئېلان قىلىنغان ئىدى. ۋاڭ يى كىرىش سۆزىدە خىتايدا شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە چىققان بۇ 5 يىلنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىدا زور نەتىجىلەر قولغا كەلگەن 5 يىل بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ مەدھىيەلەر بىلەن تولغان كىرىش سۆزىدە، ئالدى بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل ئېلىپ تۇرۇپ، خىتايدا ھازىرغىچە پادىشاھلىق تۈزۈمى، پارلامېنت تۈزۈمى، كۆپ پارتىيەلىك تۈزۈم، پرېزىدېنتلىق تۈزۈمى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقى، پەقەت خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭلا خىتاينى ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ تۇرۇپ باشقۇرۇش ئارقىلىق توغرا جاۋابنى تاپقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. يەنى، ئۇنىڭ دېيىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق نورملىرىنى خىتاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۇرۇپ، خىتاينىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان ئۇسۇل ئارقىلىق خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان.

ھالبۇكى، ئامېرىكىدىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، ئوبزورچى خۇ پىڭ ئەپەندى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ سۆزىگە قارشى چىقىپ، «خىتاي خەلقى ئەڭ ئېغىر كۈننى كوممۇنىست پارتىيە ھاكىمىيىتىدىن كۆردى»، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ۋاڭ يىنىڭ سۆزى پۈتۈنلەي خاتا. ئۆتكەن يۈز نەچچە يىلدا خىتايدا ھەقىقەتەن ئوخشىمىغان تۈزۈملەر يۈرگۈزۈلۈپ باقتى. ئەمما تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، خىتاينىڭ بىر پارتىيىلىك تۈزۈمىنىڭ خىتاي خەلقىگە ئېلىپ كەلگەن بالاھىي-ئاپىتى ئەڭ ئېغىر ۋە ئەڭ چوڭقۇر بولدى. يەنە كېلىپ، بىر دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئۇ دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ئەمەس، خەلق باھا بېرىدۇ. ھەرقانداق بىر مۇكەممەل سىستېما بىلەنمۇ ھەممە ئادەمنى رازى قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ. ئۇنى چوقۇم تەنقىدلەيدىغانلار چىقىدۇ. دېمەك، بىر سىستېمىنى تەنقىدلەيدىغان ئادەم يوق ئىكەن، دېمەك بۇ شۇ دۆلەتتە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. مانا خىتاي ھازىر مۇشۇنداق ناچار بىر ۋەزىيەتتە. بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى مەزگىلىدە بولۇپمۇ پىكىر-مۇنازىرە ئەركىنلىكىگە قاتتىق زەربە بەردى. ئۇنىڭ بۇ زەربىسى خۇ جىنتاۋ ۋە جياڭ زېمىن دەۋرىدىكىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى. پىكىر ئەركىنلىكى بىر دۆلەتتە كىشىلىك ھوقۇق بار-يوقلۇقىنى باھالايدىغان ئەڭ بىرىنچى ئۆلچەم. شۇڭا بۇ جەھەتتىن قارىغاندا، شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى مەزگىلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئىنتايىن ئېغىر».

ئۇنداقتا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى نېمىگە ئاساسەن كىشىلىك ھوقۇقتا پارلاق نەتىجىلەر قولغا كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى؟ ئۇنىڭ كەلتۈرگەن مىساللىرىغا قاراپ باقايلى. ئۇ خەلق تورىدا ئېلان قىلغان كىرىش سۆزىدە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مەدھىيىلىگەندە تۆۋەندىكى 4 مىسالنى كۆرسەتكەن. بىرىنچىسى، ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئىشنى ئەڭ يۇقىرىدىن باشلاپ، «ھەق-تەلەپ قانۇنى» «خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى قانۇنى» ۋە «ئائىلە ئىچى زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» قاتارلىقلارنى ئېلان قىلغان.

ئىككىنچىسى، ئىقتىسادنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خىتايدا پۇقرالارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمنى 5940 دوللاردىن 8260 دوللارغا چىقارغان،

ئۈچىنچىسى، سوت ھۆكۈملىرى تور بەتلەردە ئېلان قىلىنىپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ زور تور سىستېمىسى شەكىللەندۈرگەن،

تۆتىنچىسى، 5 يىل جەريانىدا 20 دىن ئارتۇق دۆلەت بىلەن 50 قېتىمدىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئۆتكۈزگەن.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكى ۋاڭ يىنىڭ يۇقىرىدا كۆرسەتكەن مىساللىرىنى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللىغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مىساللار ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ۋاڭ يىنىڭ مىساللىرى ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق چۈشەنچىسىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. مەسىلەن ئۇ سۆزىدە، خىتايدا ئۆكتىچى ئاۋازلارنىڭ تۈرمىگە ئېلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى. ئىلھام توختى بۇنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالى، ئۇ مىللىي باراۋەرلىك، ئادالەت تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىدە يېتىۋاتىدۇ. ۋاڭ يى سۆزىدە خىتاي ئىقتىسادىدىكى تەرەققىياتنى كىشىلىك ھوقۇققا مىسال، دەپ كۆرسەتتى. توغرا ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى بىر پاكىت، ئەمما ئۇ كىرىمدىكى تەڭسىزلىكتىن، خىتاينىڭ باي-كەمبەغەللىك پەرقىدىكى زورىيىشنى تىلغا ئالمىدى. خىتايدا ئاياللارنىڭ ھەم شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىرىمى خىتاي دەۋاتقان ئوتتۇرىچە كىرىمدىن ئىنتايىن ئۇزاق. قىسقىسى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي بىلەن شىمالىدىكى كىرىم پەرقىمۇ شۇنداق زور. ئۇ يەنە بىر قاتار قانۇنلارنىڭ ماقۇللانغانلىقىنى دەپتۇ. ئەمما خىتايدا بۇ قانۇنلار ئۆز پېتى ئىجرا قىلىنمايدۇ. بۇنىڭ مىسالى، ئۇيغۇر ئېلىدە ئاپتونومىيە قانۇنلىرى ئۆز پېتى ئىجرا قىلىنىۋاتامدۇ. ئەڭ قىسقىسى، ئۇيغۇرلار ھازىر قانۇندا بېرىلگەن ئۆز تىل يېزىقىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم. شۇڭا ئۇنىڭ كۆرسەتكەن مىساللىرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى شەرھلەش ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەس».

«بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلى تەھرىرى خۇ پىڭ ئەپەندى ۋاڭ يىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە كىرىمدىكى ئارتىشنى كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىغا مىسال قىلىپ كۆرسىتىشى ئۈستىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پاكىتى پۇت تىرەپ تۇرىدىغان پاكىت ئەمەس، دەيدۇ.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ياشاش ھوقۇقىنى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپ تۇرۇۋالىدۇ. شۇڭا دائىم ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى بىر نەتىجە قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق باشقا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. كىشىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغانلىق پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان سەۋەب ئەمەس. پىكىر ئەركىنلىكى بولماي تۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇقتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. خىتايدا 1959 ‏-يىلىدىن 1962‏-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا دەل مۇشۇ پىكىر ئەركىنلىكى ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكى بولمىغاچقا ئۇ يىللاردا زور ئاچارچىلىق كېلىپ چىقىپ، نەچچە مىليون ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان. دېمەك، پىكىر ئەركىنلىكى بولمايدىكەن، ياشاش ھوقۇقىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولمايدۇ».

خۇپىڭ ئەپەندى يەنە، خىتايدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق تۈزۈمدىكى دېموكراتىك تەيۋەن ئىقتىسادىنىڭ ھەر دائىم خىتايدىن ياخشى بولۇپ كەلگەنلىكىنى، ئۇلاردا خىتايدا بولغاندەك ئاچارچىلىق بولۇپ باقمىغانلىقىنى مىسال ئېلىپ تۇرۇپ، «تەيۋەندىن ئىبارەت بۇ ئۆرنەكمۇ خىتاي ئۈچۈن ئەڭ ياخشى بىر جاۋاب بولالايدۇ»، دەيدۇ.

نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھەققىدىكى دوكلاتلىرىدا خىتايدىكى ۋەزىيەتنى ھازىرغىچە بولغان ئەڭ ناچار سەۋىيىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى تىلغا ئېلىشقان ئىدى. يۇقىرىدىكى كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى نەشرگە تەييارلىغان بۇ كىشىلىك ھوقۇق نەتىجىلىرى دەيدىغان كىتابى ئارقىلىق ھېچكىمنى ئۆزىگە ئىشەندۈرەلمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىر بىھۇدە بىر ئۇرۇنۇشلىقىنى بىلدۈردى. قىزىقارلىقى، دىپلومات تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، شۇ كۈنى خىتايدىكى تور ساقچىلىرى ۋاڭ يى ئېلان قىلغان بۇ كىرىش سۆزگە ۋېيبو تورىدا يېزىلغان بارلىق پىكىرلەرنى بىراقلا ئۆچۈرۈپ، مۇنازىرە بېتىنى تاقىۋەتكەن.