پائالىيەتچىلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەر: خىتاي «كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى» نىڭ ئەمەلىيلىشىشى گۇمانلىق
2016.09.29
![xitayda-kishilik-hoquq.jpg xitayda-kishilik-hoquq.jpg](https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/xitayda-kishilik-hoquq-09292016125846.html/xitayda-kishilik-hoquq.jpg/@@images/d1205729-7ff1-4f2f-a17b-3a0f798f2be4.jpeg)
خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 4 يىللىق «كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى» دا، خىتايلار ۋە ئاز سانلىق مىللەت پۇقرالىرىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى ھەق-ھوقۇقى، مۇھىت، ئەدلىيە، دىنىي ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا دائىر نۇرغۇن ۋەدىلەر بېرىلگەن.
خىتاينىڭ مەزكۇر ھەرىكەت پىلانى بۇرۇنقىلىرىغا قارىغاندا نىسبەتەن كونكرېت بولۇپ، قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى قانۇن دائىرىسىدە كونترول قىلىش، گۇماندارلارنى قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قانۇن ئىجراچىلىرىنىڭ ھوقۇقى قانۇندىن ھالقىپ كەتمەسلىك، كىشىلىك ئەركىنلىكنى بوغىدىغان تەدبىرلەر ئاساسى قانۇن ۋە قانۇنلارغا خىلاپ بولسا قوللانماسلىق، ئادۋوكاتلارنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتىش، ئۆلۈم جازاسىنى قاتتىق كونترول قىلىش، سوتنىڭ مۇستەقىل، قانۇنلارغا ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش... قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاينىڭ مەزكۇر ھەرىكەت پىلانى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى يېقىنقى 4 يىل مابەينىدە ئىزچىل ئارقىغا چېكىنىپ، خەلقئارا تەشكىلاتلار، ئۇيغۇر، تىبەت، ب د ت ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2012-يىلى ئېلان قىلغان «كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى» دا نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر، تىبەت پائالىيەتچىلىرى بۇنىڭ قۇرۇق ۋەدىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن.
بەزى خىتاي ئۆكتىچى تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم ئېلان قىلغان 4 يىللىق «كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى» نىڭ ئەمەلىيلىشىشى گۇمانلىق. ئامېرىكىدىكى «پۇقرالار كۈچى» ناملىق خىتاي ئۆكتىچى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور ياڭ جيەنلى، «خەلق ئۇنىڭ بۇ پىلاننى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى سەمىمىيىتىگە گۇمان بىلەن قارىماي قالمايدۇ» دېدى.
ياڭ جيەنلى مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ (خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى) ئەڭ ناچار مەزگىلدە ئۆزىنىڭ 2- قېتىملىق دۆلەت كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ قېتىمقى ئۆتكەن قېتىمقىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇكەممەل، تېخىمۇ ياخشىدەك ئاڭلانسىمۇ، ئەمما خەلق ئۇنىڭ سەمىمىيىتىگە قارىماي قالمايدۇ. ئۇنىڭ بۇ ھۆججەتنى ئېلان قىلىشتىكى مەقسىتى نېمە، ئۇ راست بۇنى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى ئالغا سۈرۈش ئۈچۈن ئېلان قىلدىمۇ ياكى خەلقئارا تەنقىدتىن قۇتۇلۇشنى مەقسەت قىلامدۇ. مەن كېيىنكى ئېھتىماللىقنى زور دەپ قارايمەن. ئەگەر شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ ھازىرقى پارتىيە قانۇندىن ئۈستۈن، دەيدىغان بۇ چۈشەنچىسىنى ئۆزگەرتىپ، قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنى يولغا قويمىسا، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئۆزگەرتمىسە، بۇ ھۆججەتنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. كۆپچىلىكمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ. بۇ يەردىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە يەنىلا ئۇنىڭ ھەرىكىتى.»
خىتاينىڭ كەلگۈسى 4 يىللىق «كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى» دا يەنە، دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئاساسلىق ئورۇنغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى ۋە قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭدا، «دۆلەت بەلگىلىك نىسبەتتىكى ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىدا، مەركىزى ۋە يەرلىك مەمۇرىيەت، ئەدلىيە، تەپتىش ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ»دېيىلگەن.
ھەرىكەت پىلانىدا قەيت قىلىشىچە، دۆلەت يەنە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تەڭ-باراۋەر خىزمەت ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ مائارىپ تەربىيىسى ئېلىش، ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىنىش، ئۇنى قوغداش ۋە ئىشلىتىش، مىللىي مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.
بىراق دوكتور ياڭ جيەنلى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانىدىكى بۇ ۋەدىلەر پەقەت ئۇيغۇرلارغا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى ھەل قىلىش ھوقۇقى بېرىلسە، ئەمەلىيلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياڭ جيەنلى: «بىز بىلىمىز، شىنجاڭدا يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ زوراۋان باستۇرۇشى كۈنسېرى ئېغىرلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقى بارغانسېرى كۈندىلىك مەسىلىگە ئايلاندى. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى پەقەت كۆزدىن كەچۈرۈپ باقمىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار بۆلۈنۈپ چىقماقچى، توپىلاڭ چىقارماقچى. ئۇنىڭ قارىشىچە يەنە، ئىقتىساد تەرەققىي قىلسىلا بارلىق مەسىلىلەر ھەل بولىدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇ ئىقتىسادى تەرەققىيات مەسىلىسى ئەمەس، ئۇ بىر مىللىي مەسىلە. مىللىي مەسىلە مىللىي ئۇسۇللار بىلەن ھەل بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ توغرا چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە راست ئىشەنسە، ب د ت نى ئىلىك ئالسا، ئۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى ھەل قىلىش ھوقۇقىغا ئىشىنىشى كېرەك» دېدى.
خىتاينىڭ «كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانىدا، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا دائىر نۇرغۇن ۋەدىلەر بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا ئىگىلىك ۋە ھاكىمىيەتنى پۈتۈنلەي خىتايلار كونترول قىلىپ تۇرغان مىللىي رايونلاردا بۇنى قانداق ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن.
بەزى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ راست مەزكۇر پىلاندىكى ۋەدىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش نىيىتى بولسا، ئۇ چوقۇم خىتاي قانۇن ئىجراچىلىرىنىڭ ھوقۇقىنى كونترول قىلىدىغان كۈچلۈك مېخانىزم قۇرۇشى كېرەك.
ئامېرىكىدا ئولتۇرۇشلۇق يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلىك ھوقۇق ھېلىھەم خىتايدا پەقەت بىر خىل تەشۋىقات دەرىجىسىدە تۇرۇۋاتىدۇ. بىر خەلقنى، جامائەتنى تىنچلاندۇرۇشنىڭ بىر ۋاسىتىسى، دەپ قاراۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە كىشىلىك ھوقۇقنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ناھايىتى كۈچلۈك قانۇنى ھوقۇق بېرىشى كېرەك. بۇنىڭغا يەتمىگۈچىلىك تەشۋىقات بىلەن بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشمايدۇ. مەسىلەن، ھازىر بېرىلىۋاتقان ۋەدىلەرنىڭ ئۆزى بۇ بىر چىرايلىق گەپ. لېكىن ئەگەر ساقچى مەھبۇسلارنى قانۇنسىز ھالدا ئازابلىغان ياكى جازالىغان بولسا، ساقچى قانداق جازاغا ئۇچرىشى كېرەك، دېگەن نەرسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى شەرت.
بىزگە كېرىكى، كىشىلىك ھوقۇق ئۇ پۇقرالارغىلا ئەمەس، قانۇن ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچى ۋە ئەدلىيە ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسىگە تەڭ-باراۋەر ئىجرا قىلىنىشى كېرەك.»
دوكتور قاھار باراتنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ «كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى» دا، ئۇيغۇرلاردىكى نامراتلىق، نارازىلىق، رايوندىكى باراۋەرسىزلىك، ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇشلارنى پەيدا قىلىۋاتقان نېگىزلىك سەۋەب تىلغا ئېلىنمىغان.
ئۇ، رايوندىكى تۈپ ئىختىلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز -ئۆزىنى ئىدارە قىلىشىغا يول قويۇش قويماسلىق مەسىلىسى، دەپ كۆرسەتتى.
قاھار بارات: «ئۇيغۇر ئاپتونومىيىلىك قانۇنلارنى ئىجرا قىلىش قانۇنى كۈچكە ئىگە بولۇشى كېرەك. ئۇ بىر تەشۋىقات ئەمەس. گەپ چىرايلىق، ئۇنىڭدا ھېچقانداق مەسىلە يوق. لېكىن ئاشۇنى ئىجرا قىلىدىغان قانۇنى كۈچ يوق. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭكى كىشىلىك ھوقۇقىنى، ئاپتونومىيىلىك قانۇنىنى قوغداش ھوقۇقىنى ئۇيغۇرلار ئۆزىگە ئېلىشى كېرەك. ئۇيغۇرلارمۇ بىر مەسىلىلەرگە ياق، دېيەلەيدىغان ھوقۇققا ئىگە بولۇشى كېرەك. بۇنىڭغا كۆز يۇمۇش ياكى بىر چەتكە قايرىپ قويۇش ئارقىلىق ئۈمىد قىلغان ياخشى كۈچلەرگە ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر مۇشۇ ھازىرقى باياناتلىرىدىكى گەپلەر بىلەن بولسا، ئاپتونوم رايون، بىز مۇنداق قىلىمىز ياكى قوشۇلمايمىز ۋە ياكى بىز رەت قىلىمىز دېگەن گەپلەرنى بىز ئاڭلىساق بولىدۇ. شۇنىڭدا ئىش باراۋەر بولىدۇ. ئەڭ تۈپ مەسىلە مۇشۇ» دېدى.
خىتاينىڭ «كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى»دا يەنە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ۋەكىللىرىنى خىتاينى زىيارەت قىلىشىغا تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن ئىزچىل تىركىشىپ، ئۇنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشنى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتى ۋەكىللىرىنىڭ خىتايدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى.
ئەمما خىتاي بۇ قېتىمقى «كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى» دا، «خىتاي ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتى ئۆز ئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىق ئېلىپ بارىدۇ. ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن باراۋەرلىك ۋە ئۆز ئارا ھۆرمەت ئاساسىدا كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئېلىپ بارىدۇ» دېيىلگەن.