19-ئۆكتەبىر كۈنى گېرمانىيەنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلقئارالىق تەشكىلات ۋەكىللىرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن.
تەكلىپكە بىنائەن بۇ يىغىنغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۆھبەت گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىگە جايلاشقان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان. يىغىنغا گېرمانىيە فېدېرال ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم مەسىلىلىرى ئالىي كومىسسارى دوكتور باربىل كۆفلېر خانىم رىياسەتچىلىك قىلغان.
يىغىنغا قاتناشقان تىبەت ۋەكىللىرى، خىتاي تەتقىقاتچىلىرى ۋە ئۇنىۋېرسىتېت خادىملىرى تەييارلىغان ماتېرىياللار، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرىغا سۇنۇلغان ھەمدە بۇ مەسىلىلەرنى 8-9-نويابىر كۈنلىرى خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان 14-قېتىملىق «كىشىلىك ھوقۇق ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مەسىلىسى دىئالوگى» دا ئوتتۇرىغا قويۇش تەلەپ قىلىنغان.
ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي بىلەن گېرمانىيە ئارىسىدا داۋام قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مەسىلىسى دىئالوگى 2003-يىلى باشلانغان بولۇپ، بۇ يىل 14-قېتىملىقى خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. مەزكۇر دىئالوگنىڭ 14-قېتىملىقى ھارپىسىدا گېرمانىيە ھۆكۈمىتى گېرمانىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتايغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرىنىڭ سۆھبەت يېغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى توغرىلىق قانداق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى؟ بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېرلىندىكى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت يېغىنىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مىللىي ۋە دىنىي سىياسەتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ تالان-تاراج قىلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى ئىچى-سىرتىدىكى پاسپورتىغا مۇناسىۋەتلىك ھىيلە-نەيرەڭلىرى، شەھەر-يېزىلار ئارىسىدىكى سەپەر ئەركىنلىكىگە توسالغۇ بولۇۋاتقان سۇيىقەستلىرى، ھەمدە ئىلھام توختى، ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى،
دىنىي مويسىپىت ئابدۇسەمەت ھاجىم، قەلەمكەش ئۆمەرجان ھەسەن بوز قىر قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي زىندانلىرىدا ناھەق يېتىۋاتقانلىقىدەك كۆپ مەسىلىلەر مەلۇم قىلىنغان، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن خىتاي بىلەن ئۆتكۈزمەكچى بولغان كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئۇچرىشىشىدا خىتايغا بېسىم قىلىش تەلەپ قىلىنغان.
زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ خىل ئۇچرىشىشلارنىڭ پايدا-مەنپەئەتلىرى توغرىلىق قاراشلىرىنىمۇ رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.