خىتاي دۇنيادىكى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى ئەڭ ناچار دۆلەت بولۇپ باھالاندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015-10-28
Share
xitayda-internet.jpg خىتاي ياشلىرىنىڭ تورخانىدا تور ئويۇنى ئويناۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2015-يىلى 9-ئىيۇل، فۇياڭ.
Imaginechina

بۈگۈن خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى بولغان ئەركىنلىك سارىيى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىك ۋەزىيىتىگە دائىر يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا 65 دۆلەتنىڭ ئىنتېرنېت-ئۇچۇر ئەركىنلىك ۋەزىيىتى باھالاپ چىقىلغان بولۇپ، خىتاي يەنە ئىنتېرنېت قاتتىق قامال قىلىنىدىغان، پۇقرالارنىڭ ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئەركىنلىكى قاتتىق دەپسەندە قىلىنىۋاتقان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنتېرنېت قامال قىلىش ئۈچۈن يولغا قويۇۋاتقان تەدبىرلىرىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

ئەركىنلىك سارىيى 28-ئۆكتەبىر كۈنى ھەرقايسى ئەللەردىكى ئىنتېرنېت-ئۇچۇر ئەركىنلىك ۋەزىيىتى باھالاپ چىقىلغان دوكلاتىدا، 65 دۆلەتنى ئىنتېرنېتقا ئېرىشىش قۇلايلىق دەرىجىسى، ئىنتېرنېتتىكى مەزمۇنلارنىڭ كونترول قىلىنىشى، ئىنتېرنېتنى باشقۇرۇشقا قارىتىلغان بەلگىلىمىلەر، تور ئاكتىۋىستلىقى، كىملىك مەلۇماتلىرىنىڭ خۇسۇسىيلىقى ۋە تەقىبلەش قاتارلىق ئۆلچەملەرگە ئاساسەن دەرىجىگە تىزىپ چىققان. ھەر بىر ئۆلچەم بويىچە قويۇلۇپ ماڭغان نومۇرغا ئاساسلانغاندا ئالغان نومۇرى 100 نومۇرغا قانچە يېقىنلاشسا، ئۇ دۆلەتنىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنىڭ شۇنچە ناچارلىقىنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئەكسىچە 0 نومۇرغا قانچە يېقىنلاشقانسېرى ئىنتېرنېت شۇنچە ئەركىن ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاي ئىنتېرنېتتىكى مەزمۇنلارنى كونترول قىلىش ۋە ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرىنىڭ ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىش بويىچە ئەڭ تۆۋەن نومۇر ئېلىپ، جەمئىي 88 نومۇرغا ئېرىشكەن. خىتاي 65 دۆلەت ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى نومۇر ئېلىپ، ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى ئەڭ ناچار دۆلەت دەپ باھالاندى. دوكلاتتا دىققەت تارتىدىغىنى، خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنىڭ خىتايغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئوخشاش تەنقىدلىنىدىغان ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايدىن كۆپ ئارقىدا بولغان دۆلەتلەردىنمۇ ناچار بولۇشىدۇر. مەسىلەن، خىتايغا قوشنا ھېسابلىنىدىغان دۆلەتلەر ئىچىدە ۋىيېتنام 76 نومۇر، كامبودژا 48، بېرما 63، قازاقىستان 61، قىرغىزىستان35، پاكىستان 69، ھىندىستان 40 نومۇر ئالغان. ئىنتېرنېت ئەركىن دەپ باھالانغان 18 دۆلەت بولسا ئامېرىكا 19، ئاۋسترالىيە 19، ياپونىيە 22، گېرمانىيە 18، كانادا 16 نومۇر. 0 نومۇرغا ئەڭ يېقىنلاشقان ئىككى دۆلەت بولسا ئىسلاندىيە ۋە ئېستونىيە بولۇپ ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا 6 ۋە 7 نومۇرغا ئېرىشىپ، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئورۇندا يەر ئالغان.

دوكلاتنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا ئېيتىلىشىچە، خىتايدا شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە كەلگەندىن بۇيان خىتايدىكى ئىنتېرنېتقا قارىتىلغان كونترول ھەسسىلەپ ئاشقان. ھۆكۈمەت 2015-يانۋاردىن ئېتىبارەن ئىنتېرنېت فىلتىرلەش سىستېمىسىنى قايتىدىن يېڭىلىغان ھەم شۇنداقلا ئىنتېرنېتتىكى مەزمۇنلارنى كونترول قىلىش، ئىنتېرنېت ۋە قول تېلېفونلاردىكى ئالاقىلىشىش پروگراممىلىرىنى تەقىب قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئۆز ئىسمى ۋە كىملىك نومۇرى بىلەن تىزىملىتىش، دۆلەت ئىگىلىدىكى ۋە شەخسى تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنى ئۇچۇرنى قامال قىلىش بويىچە تەربىيىلەش، ئىنتېرنېتتىكى يازمىلىرى ئۈچۈن قاماققا ئېلىنىشقا ئوخشاش ئەھۋاللار ئېغىرلىشىپ بارغان. نۇرغۇن تور قوللانغۇچىلىرى ئۆسەك سۆز تارقىتىش، تەرتىپنى بۇزۇش، بۆلگۈنچىلىك، ئاغدۇرمىچىلىققا ئوخشاش جىنايەتلەر بىلەن قولغا ئېلىنغان.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتايدا ئىنتېرنېتنى ئومۇميۈزلۈك كېسىۋېتىش ۋەقەسى پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىلا كۆرۈلگەن. 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىكى 10 ئايلىق ئىنتېرنېت كېسىلىشتىن كېيىن 2014-يىلى 7-ئايدا يەكەندە ۋەقە يۈز بەرگەندىمۇ ئوخشاش ئەھۋال يەنە پۈتۈن ناھىيە بويىچە تەكرارلانغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېتتا ئەڭ چەكلەيدىغىنى، سىياسىي سەزگۈرلۈككە ئائىت تېمىلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسى ھەم شۇنداقلا تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا ئائىت تېمىلار بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئادەتتە بۇ تېمىلاردىكى مۇلاھىزە قىلغۇچى تور قوللانغۇچىلىرىنى « بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق ۋە ياكى جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش» قا ئوخشاش جىنايەتلەر بىلەن جازالاپ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېتقا قاراتقان قامالى يەنە شۇ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتە ئەڭ كۈچلۈك ئىكەن. 2015-يىلى يانۋاردا ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت مەخسۇس بەلگىلىمە چىقىرىپ، كومپيۇتېر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفون ۋە شۇنىڭدەك باشقا ئامبارلاش ئەسۋابلىرى سېتىۋالغۇچىلارغا كىملىك نومۇرى ۋە ھەقىقىي ئىسمى بىلەن سېتىپ بېرىشنى باشلىغان ھەم شۇنداقلا بۇنداق ئۈسكۈنىلەرنى ساتىدىغان دۇكانلارنى خېرىدارلارنىڭ ئۇچۇرى شۇ ھامان ساقچىخانىنىڭ ئۇچۇر سىستېمىسىغا كىرىدىغان ئۈسكۈنە ئورنىتىشقا مەجبۇرلىغان. بۇنىڭدىن سىرت، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەخسۇس ياسالغان، ۋىرۇسلۇق ئېلخەتلەرنى بىر قىسىم نىشانلىق تەقىب قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە ئەۋەتىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ كومپيۇتېرلىرىغا سۇقۇنۇپ كىرىپ، تەقىب قىلىش تاكتىكىلىرىنى قوللانغان.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتېرنېت-ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى قاماق قىلىش، تور قوللانغۇچىلىرىنى تەقىب قىلىش قىلمىشىغا ئۆتكەن يىلى يەكەن ۋەقەسى ھەققىدە ئۆسەك سۆز تارقىتىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان 22 ياشلىق ئۇيغۇر ياش ئابدۇۋەلى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىلار تىپىك مىسال بولالايدىكەن. ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى يازمىلىرى سەۋەبلىك «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماققا ئېلىنغاندىن سىرت، ئىلھام توختى دېگەن ئىسىممۇ ئىزدەش ماتورلىرىدىن چىقمايدىغان قىلىۋېتىلگەن ئىكەن.

دوكلاتتىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېتقا قاراتقان قامالى تۈپەيلىدىن بۇ يىل 9-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاي تۈرمىلىرىدە ئىنتېرنېتتىكى يازمىلىرى تۈپەيلىدىن يېتىۋاتقان تور قوللانغۇچىلىرىنىڭ سانى جەمئىي 84 نەپەرگە يەتكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت