كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى پرېزىدېنت ترامپنى خىتايدا دىنىي ئەركىنلىكنى تەكىتلەشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.11.07
tramp-repiqisi-yaponiye.jpg ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ رەپىقىسى مېلانىا ترامپ بىلەن يوكودا ھاۋا ئارمىيىسى بازىسىنى زىيارەت قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 5-نويابىر، ياپونىيە. (ياپونىيە بولسا ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئاسىيا زىيارىتىدىكى بىرىنچى بېكەت.)
AFP

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ساندرا جولېي خانىم بىلەن مەزكۇر ئورگاننىڭ كومىسسارى تەنزىن دورجې يېقىندا ئامېرىكانىڭ «دىپلومات» تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، پرېزىدېنت ترامپنىڭ تۈرمىدىكى تىبەت راھىبى پەنچەن لاما بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر ۋىجدان مەھبۇسى گۈلمىرە ئىمىننى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرغان.

ساندرا جوللېي ۋە تەنزىن دورجېنىڭ قەيت قىلىشىچە، دىنىي ئەركىنلىك ۋە دىنىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش مەسىلىسى پرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئېلىشى كېرەك. ئۇلار، پرېزىدېنت ترامپنىڭ نېمە ئۈچۈن خىتايدا دىنىي ئەركىنلىكنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ: «خىتاي خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتى ئارقىلىق تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە» دېگەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ گۈلمىرە ئىمىن ۋە پەنچەن لامانى قويۇپ بېرىش، دىنىي ئەركىنلىككە كۆڭۈل بۆلۈش ھەققىدىكى باياناتى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسىتى نۇقتىلىق سودا مەسىلىسى ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو تەھدىتىگە مەركەزلىشىپ قالغان، بۇ مەسىلىلەردە خىتاينىڭ ھەمكارلىقىغا ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى تىنا مۇفورد خانىمنىڭ قەيت قىلىشىچە، پرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتايدا گۈلمىرە ئىمىننىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور ئىكەن. ئۇ سەيشەنبە كۈنى زىيارىتىمزىنى قوبۇل قىلغاندا، «بۇ بىزنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى كۆزىتىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.

تىنا مۇفورد مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئىزچىل دىنىي ئەركىنلىكنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا، بولۇپمۇ بىزنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرىمىز باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە كونكرېت دىنىي ئەركىنلىك دېلولىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ دېلولارغا يۇقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشكە، بۇ ئارقىلىق دىنىي ئەركىنلىك ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ مۇھىم ھالقىسى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ كەلدۇق. بۇنداق قىلىشنىڭ ھالقىلىق يوللىرىنىڭ بىرى، پرېزىدېنت ترامپ ۋە باشقا ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ پەنچەن لاما، گۈلمىرە ئىمىن ۋە ياكى ئىلھام توختىغا ئوخشاش خىتايدىكى سان-ساناقسىز مەھبۇسلارنىڭ دېلوسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇر. بىز پرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇ مەھبۇسلارنىڭ ئىسمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

بۇ يىل 39 ياشلىق يازغۇچى ۋە تور پائالىيەتچىسى گۈلمىرە ئىمىن ئۈرۈمچى سايباغ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ كادىرى بولۇپ، ئۇ 2009‏-يىلى 5‏-ئىيۇل ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغان ۋە مۇددەتسىز قاما جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ساندرا جوللېي 2016‏-يىلى گۈلمىرە ئىمىننى مەزكۇر كومىتېتنىڭ «ۋىجدان مەھبۇسلىرى تىزىملىكى» دىكى شەخس، دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.

تىنا مۇفورد، گۈلمىرە ئىمىننىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ «تىزىملىك» تىكى شەخس ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭ تەقدىرى پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە پۈتۈن دۇنياغا ئالاقىدار مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تىنا مۇفورد: «گۈلمىرەنىڭ كەچۈرمىشى مۇئاۋىن رەئىسىمىز، كومىسسار جولېيغا بىر ئانا بىر ئايال سۈپىتىدە بەك قاتتىق تەسىر قىلدى. شۇڭا، ئۇ گۈلمىرە ئۇچراۋاتقان پېشكەللىككە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كەلدى. ئۇنىڭدا گۈلمىرەنىڭ قانداق ئىشلارنى بېشىدىن كۆچۈرۈۋاتقانلىقىغا قارىتا ئىنتايىن كۈچلۈك بىر ھېس-تۇيغۇ بار. ئۇ گۈلمىرەنىڭ تەقدىرى ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ، بۇ پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە پۈتۈن دۇنياغا ئالاقىدار مەسىلە دەپ قارايدۇ. مانا بۇ مۇئاۋىن رەئىسى جولېينىڭ گۈلمىرە بىلەن كۆرۈشۈپ باقمىغان بولسىمۇ بىراق ئۇنىڭ تەقدىرىگە قىزىقىپ، ئۇنىڭ مەسىلىسىنى ئۆزىنىڭ شەخسى مەسىلىسىدەك كۆرۈشىنىڭ سەۋەبى. ئۇ ئۆزىنى گۈلمىرەگە باغلاپ تۇرغان بىر باغ باردەك ھېس قىلىدۇ».

لېكىن پرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتاي زىيارىتىدە سودا ۋە شىمالىي كورېيە ئۇنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى ھالقىلىق مەسىلە ئىكەنلىكىنى مەلۇم بولسىمۇ، بىراق دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇش-قويماسلىقى مەلۇم ئەمەس. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات، د ئۇ ق نىڭ باش مەسلىھەتچىسى نۇرى تۈركەل، خىتاي-ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ قوشۇمچە كۈنتەرتىپىدىكى تېمىلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى: «دونالد ترامپ بىلەن شى جىنپىڭنىڭ كۆرۈشكەندە سۆزلىشىدىغان تېمىلار بۇرۇن بېكىتىلىپ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قوشۇمچە تېمىلار بولىدۇ. مەيلى گۈلمىرە ئىمىننىڭ مەسىلىسى بولسۇن ياكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاساسى تېمىدىكى مەسىلىلەر ئەمەس. لېكىن بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى ئەمەلدارلاردىن ئىگىلىشىمگە قارىغاندا، بۇ قېتىم ئاساسى تېمىنىڭ ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇق بولمىغان بىلەن قوشۇمچە مەسىلىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ چوقۇم تىلغا ئېلىنىدىغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىندىن بۇيان چىقىرىۋاتقان، بولۇپمۇ بۇ يىلدىن بېرى بولغان سىياسىي ئۆگىنىشكە يىغىۋېلىش، رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش مەسىلىلىرىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىدۇق».

نۇرى تۈركەل ئەپەندى يەنە ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا سەل قارىشى خىتاي ئۈچۈن بىر بۇسلۇق يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ساندرا جولېي «دىپلومات» تورىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ترامپ ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە بەزى تەكلىپلەرنى بەرگەن. ئۇ، بۇ يىل دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينى يەنە دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش، دۆلەت مەجلىسىنىڭ 1872 ‏-نومۇرلۇق تىبەت قانۇنىنى تېز ماقۇللاش، ئامېرىكا يەر شارى ماگنىتىسكىي قانۇنى ۋە فرانك ۋولف خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇنىنى ئىشقا سېلىپ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىدىكى تىنا مۇفورد، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ يە شارى ماگنىتىسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر بىزنىڭ قولىمىزدىن بۇرۇنقىدىنمۇ كۆپ كوزۇرلىرىمىز بار. مەيلى بۇ يەر شارى ماگنىتىسكىي قانۇنى، مەيلى يەر شارى دىنىي ئەركىنلىك قانۇنى، مەيلى دۆلەتسىز پۇقرالار قانۇنى بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز ئىشلەتسە بولىدۇ. ئۇ باشقا ھۆكۈمەتلەرنى نوقۇل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ قالماي، كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلغان ئەمەلدارلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك. بىز بۇ ئەمەلدارلارنىڭ جىنايىتىگە دائىر كۈچلۈك دەلىللەرگە ئېرىشكەندە ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلىشىمىز كېرەك. راستىنى ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە خىلاپ قىلمىشى ئۈچۈن ئىزا تارتقۇزۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەر بىر پۇرسەتتە بۇ قورالنى ئىشلىتىشى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىمۇ شۇنداق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى زۆرۈر».

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ يەر شارى ماگنىتىسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى 2016‏-يىلى ماقۇللانغان. رۇسىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ماگنىتىسكىنىڭ نامىدىكى بۇ قانۇندا، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەن قىلغان باشقا دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى جازالاش، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى، پەرزەنتلىرىنىڭ ئامېرىكادا ئوقۇشى ۋە ئامېرىكا پۇل-مۇامىلە سىستېمىسىنى ئىشلىتىشى چەكلەنگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.