فىرانسۇز مۇخبىر ئۇرسۇلانىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالىسى سەۋەبلىك خىتايدىن چىقىرىۋېتىلىش ئېھتىماللىقى ئىنكاس پەيدا قىلدى

0:00 / 0:00

بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق فىرانسىيەلىك مۇخبىر ئۇرسۇلا گوتىيىر ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان «خەلق گېزىتى» تەرىپىدىن ئىسمى ئوچۇق تىلغا ئېلىنىپ تۇرۇپ تەنقىدلەندى. ئەمدىلىكتە ئۇ خىتايدىكى مۇخبىرلىق كىنىشكىسىنى يېڭىلىيالماي، خىتايدىن چىقىرىۋېتىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. ئۇرسۇلا گوتىيىر بۇنىڭ پەقەت ئۆزىلا ئەمەس، بەلكى بارلىق چەتئەل مۇخبىرلىرىغا قىلىنغان تەھدىتلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارالىق مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇخبىرلارغا قىلىۋاتقان بېسىمىنىڭ ئارتىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى ۋە خىتاينى دەرھال ئۇرسۇلانىڭ ۋىزىسىنى يېڭىلاپ بېرىشكە چاقىردى.

فرانسىيىدە نەشردىن چىقىدىغان «لوبىس» ناملىق خەۋەر ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرى ئۇرسۇلا گوتىيىر خانىم 22-دېكابىر كۈنى «نيۇيورك ۋاقتى» گېزىتى ۋە خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتىغا قىلغان سۆزىدە، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان ماقالىسى سەۋەبلىك خىتايدىن چىقىرىۋېتىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئادەتتە خىتايدا چەتئەللىك ژۇرنالىستلارنىڭ تۇرۇشلۇق كىنىشكىسى يىلدا بىر قېتىم يېڭىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ يېڭىلاش خىزمىتى 11-ئايدىن 12-ئاينىڭ بېشىغىچە پۈتۈپ بولىدىكەن. بىراق، ئۇ ھازىرغىچە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئۆزىنىڭ تۇرۇشلۇق كىنىشكىسىغا ئائىت رەسمىيەتنى تاپشۇرۇۋالمىغان. بۇ ئەھۋال ئاستىدا ئۇ 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن خىتايدىن چىقىپ كېتىشى كېرەك ئىكەن.

13-نويابىر كۈنى پارىژدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ فىرانسىيە بىلەن تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇرسۇلا گوتىيىر خانىم خىتاينىڭ بۇ پوزىتسيىسىغا قارىتا «خىتاينىڭ ھۇجۇمدىن كېيىنكى ھەمكارلىق چاقىرىقى يوشۇرۇن مەقسەتكە ئىگە » ماۋزۇسىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ ماقالىسى «لوبىس» ژۇرنىلىنىڭ 18-نويابىر كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان. ئۇرسۇلانىڭ ماقالىسىدە خىتاينى ئەڭ قاتتىق نارازى قىلغىنى، ئۇنىڭ باي كۆمۈر كان ھۇجۇمىنىڭ خىتاي دېگەندەك خەلقئارا جىھاد تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى قىلغان ھەرىكەت ئەمەس، ئەكسىچە يەرلىكنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاتتىق نارازىلىقىدىن چىققان توقۇنۇشلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى بولغان ئىدى.

ئۇ ماقالىسىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن ئىدى: «خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئىككى ئاي ئاۋۋال بايدا 50 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە يول ئاچقان ۋە ‹تېررورچى› دەپ ئاتىلىۋاتقان ھۇجۇمچىلارنىڭ باشلىقىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. گەرچە بۇ ۋەقە پارىژدىكى ۋەقەگە ئوخشاش ئىنتايىن قانلىق بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ 13-نويابىر پارىژدا يۈز بەرگەن ھۇجۇم بىلەن ھېچقانداق ئوخشاش نۇقتىسى يوق. بۇ ۋەقە ئەسلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قوللۇق بېسىمى ئاستىدا ياشاۋاتقان تۈركىي مۇسۇلمان خەلق ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان زېمىندا داۋاملىق كۆرۈلۈپ تۇرۇۋاتقان باشقا ۋەقەلەرگە ئوخشاشلا، يەرلىكلەرنىڭ نارازىلىقىنىڭ پارتلاپ چىقىشى ئىدى. قارىماققا، چىقىش يولى قالمىغان بىر كىچىك تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرلار قوللىرىدا پالتىلار بىلەن كۆمۈر كاندىكى خىتاي ئىشچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئۇچرىغان زۇلۇم، ئادالەتسىزلىك ۋە ئېكسپىلاتاتسىيەنىڭ ئۆچىنى ئالماقچى بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىشىدا ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ئەمما شىنجاڭدىكى قانلىق ۋەقەلەرنى خەلقئارا جىھاد تەشكىلاتلىرىغا باغلاشقا بولمايدۇ.»

«نىيۇيورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ يېزىشىچە، ئۇرسۇلانىڭ ماقالىسى ئېلان قىلىنغاندىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 2-دېكابىر كۈنى ئۇرسۇلا گوتىيىرنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ ئۇنى تەنقىد قىلغان ۋە «نېمىشقا باشقا دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئالغان تەدبىرى قانۇنلۇق دەپ قارىلىدۇ -يۇ، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى ئالغان تەدبىرلىرى ئېتنىك گۇرۇپپىلارغا بېسىم، دەپ قارىلىدۇ؟ بۇنداق قاراش ئىنتايىن مەنتىقسىز. ئۇ سىياسىي ھۆكۈمدىن ۋە ئىككى خىل ئۆلچەمدىن كېلىپ چىققان» دېگەن.

ئۇرسۇلا گوتىيىرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت بۇ ماقالىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتى ۋە «خەلق گېزىتى» نىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان. بۇ گېزىتلەر ئۇرسۇلانىڭ ئىسمىنى ئوچۇق تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، ئۇنى «تېررورلۇققا ئىككى خىل ئۆلچەم قويۇش»، «تېررورچىلارغا چاپان يېپىش» بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. ئۇرسۇلا خانىمنىڭ «نيۇ يورك ۋاقتى» گېزىتىگە ئېيتىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇرسۇلانى 3 قېتىم چاقىرىپ ئاپىرىپ، ئۇنى ئۆزلىرىدىن كەچۈرۈم سوراشقا ۋە «خاتا خەۋەر بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا قىستىغان». ئەمما ئۇرسۇلا خانىم بۇنى قەتئىي رەت قىلىپ «مەن بىر ئېغىز سۆزۈمنىمۇ ئۆزگەرتەلمەيمەن» دېگەن.
بۈگۈن، خەلقئارالىق مۇستەقىل ئورگان بولغان «خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى» بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى مۇخبىرلارغا قىلىۋاتقان بېسىمىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا چاقىردى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى بوب دىتىز رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە خىتايدا چەتئەللىك ژۇرنالىستلارنىڭ خىزمەت شارائىتىنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇرسۇلا گوتىيىرگە قىلىنغان بۇ ھاقارەت شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل ئاخباراتلىرىنىمۇ خۇددى ئۆزىنىڭ ئاخباراتلىرىغا ئوخشاش جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇرسۇلانىڭ ۋىزىسىنى يېڭىلاپ بېرىشكە ۋە شۇنداقلا بارلىق چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ خىتايدا ئەركىن ۋە بىخەتەر خىزمەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىشقا چاقىرىمىز.»

ئۇرسۇلا گوتىيىر خانىم «خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى» غا بىلدۈرگەن ئىپادىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھۇجۇمىنى يالغۇز ئۆزىگە ئەمەس، بەلكى خىتايدا خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق چەتئەللىك مۇخبىرلارغا قىلىنغان ھۇجۇم، دەپ قاراش كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى فرانسۇز مۇخبىرنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ ئىشنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەركىنلىك سارىيى 2015-يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتايدا خىزمەت قىلىۋاتقان چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسى ئۈستىدە خەۋەر ئېلىشىنىڭ قاتتىق چەكلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى بوب دېتىز ئەپەندى بۇنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ۋە تىبەتتە قاتتىق قوللۇق سىياسەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا. ئۇلار بۇ مەسىلىلىرىنىڭ خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلۇشىنى خالىمايدۇ. ئۇلار بۇنى خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى سۈپىتىدە قېلىشىنى ئويلايدۇ، ئۇنىڭغا خەلقئارا تەرىپىدىن بىر ھەل قىلىش چارىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى خالىمايدۇ. بۇ خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن سەزگۈر مەسىلىلەر، شۇڭا شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسىدە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىدىغان خەۋەرلەرنىڭ بېرىلىشىغا يول قويمايدۇ.»

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇندىن ئىلگىرىمۇ «ئەلجەزىرە» تېلېۋىزىيەسىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى مېلىسسا چېننى خىتايدىن چىقىرىۋەتكەن ئىدى. خىتايدا تۇرۇشلۇق چەتئەللىك مۇخبىرلار كۇلۇبى 2014-يىللىق دوكلاتىدا ئاز دېگەندە 42 مۇخبىرنىڭ ئۇيغۇر رايونى ۋە تىبەتنى زىيارەت قىلىشقا بېرىشتىن چەكلەنگەنلىكى، بېرىشقا مۇۋەپپەق بولغانلىرىنىڭمۇ ساقچىلارنىڭ نازارىتى ۋە سوراق قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.