خىتايدا بۇلتۇر ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنىڭ ئۇچۇر مەزمۇنى سەۋەبىدىن تاقالغانلىقى دىققەت قوزغىدى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى چاغاندىن كېيىن ئېلان قىلغان خىتاي تور بېكەتلىرىنىڭ 2016-يىللىق ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىدا، بۇلتۇر تەكشۈرۈش ئارقىلىق لاياقەتسىز دەپ تاقالغان تور بېكەتلىرى ئارىسىدا بىر تۈركۈم ناھىيە، يېزا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ئىدارە، جەمئىيەتلەرنىڭ تور بېكەتلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا يەنە مەزكۇر تور بېكەتلىرىنىڭ زور كۆپچىلىكىنىڭ ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلارنىڭ مەزمۇنى ساغلام بولمىغانلىقى سەۋەبلىك تاقالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

چەتئەللەردىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، دائىرىلەرنىڭ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنىمۇ قاتتىق تەكشۈرۈشىنى، ئەمەلىيەتتە خىتايدا بارغانچە ناچارلىشىۋاتقان مۇقىملىق ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىش سەۋەبىدىن كۈچەيتىۋاتقان ئىنتېرنېت ئۇچۇر كونتروللۇقىنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسى دېيىشكە بولىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى، خەلق تورى قاتارلىقلارنىڭ چاغاندىن كېيىنكى سانلىرىدا 2016-يىللىق خىتايدىكى ئىنتېرنېت تور ئالاقىسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ۋە تەپسىلىي خەۋەرلەر ئېلان قىلىنىپ، 2016-يىل بىر يىل ئىچىدە تاقىۋېتىلگەن تور بېكەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.

7-فېۋرال جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلىنغان «2016-يىلى 4-قېتىملىق پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ھۆكۈمەت تورلىرىنى ئۆرنەك ئېلىپ تەكشۈرۈش دوكلاتى» دا ئاساسلىق نىشاننىڭ ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەر، ۋىلايەت، ناھىيىلەردىكى ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىگە قارىتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. مەزكۇر دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، 2016-يىلى يىل بېشىدا خىتايدىكى ھۆكۈمەت نامىدىكى تىزىمغا ئېلىنغان تور بېكەتلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە سانى 66 مىڭ 453 كە يەتكەن. 2016-يىلى يىل ئاخىرىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بۇلارنىڭ ئىچىدىن تەخمىنەن 30% يەنى 20 مىڭ 120 تور بېكىتى لاياقەتسىز دەپ بېكىتىلىپ، پۈتۈنلەي تاقىۋېتىش ياكى 2-3 يىل ئىچىدە قايتا رەتلەپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلغان.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 8-فېۋرالدىكى مەخسۇس خەۋىرىدە يەنە، بۇلتۇر بىر يىل ئىچىدە تەكشۈرۈلۈپ لاياقەتسىز بولغان ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنىڭ تاقىلىش سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ تور بېكەتلىرىنىڭ تاقىلىشىغا ئاساسلىقى مەزكۇر تور بېكەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇر-يازمىلار ئارىسىدا ساغلام بولمىغان، دۆلەت ھاكىمىيىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە زىيانلىق يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار ئىپادىلەنگەنلىكى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تور بىخەتەرلىكىنى نەزەرگە ئېلىپ، 2017-يىلدىن باشلاپ خىتايدا يېزا دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا تور بېكىتى قۇرۇشىنى چەكلىگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چاغاندىن كېيىن ئېلان قىلغان ئىنتېرنېت ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتى ۋە بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر خەلقئارا تاراتقۇلار ھەم خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

تۈنۈگۈندىن بۇيان گېرمانىيە دولقۇنلىرى، فىرانسىيە ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىقلار ۋە چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىدىن چوڭ ئىرا، بوشۈن قاتارلىقلارنىڭ خەۋەرلىرىدە، خىتايدا بىر تۈركۈم ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنىڭمۇ تاقىلىش قىسمىتىگە يۈزلىنىشى، خىتايدىكى ئىنتېرنېت ئۇچۇر كونتروللۇقىنىڭ يەنىمۇ كۈچەيگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى دېيىلدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىلەر بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتايدا يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىنتېرنېت تور چەكلىمىلىرىنىڭ نۆۋەتتە خىتايدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنىڭمۇ تاقىۋېتىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىشىدەك ئاقىۋەتكە ئۇچرىشى، شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ خىتايدىكى ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى پۈتۈنلەي رادىكاللاشقان ئۇسۇلدا چەكلەۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى خىتايدىكى ئىنتېرنېت ئۇچۇر كونتروللۇقىغا ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان خەلقلەر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە خىتايدىكى ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىگىمۇ قارىتىلغان نازارەت ۋە تەقىب قىلىشنى كۈچەيتىشى ئەمەلىيەتتە شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىدىن ئەنسىرەش، بولۇپمۇ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان خەلقلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق ئىپادىلەنگەن پىكىرلەرنىڭ كۆپىيىشى ۋە بۇ رايونلاردا قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەش سەۋەبىدىن بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ بىرى.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بايانىدا بۇلتۇر يىل بېشى يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىغا قاراشلىق ۋۇجې يەنى چېگراسىز تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى ئىستېپاغا چاقىرغان نامەلۇم كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىمزالىق خېتى ۋە 2016-يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرى يۈز بەرگەن خىتايدىكى جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى تورىدا ئېلان قىلىنغان چەتئەللەردىكى تۇڭگان ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مۇسۇلمانلارغا قاراتقان سىياسىتى تەنقىدلەنگەن ئوچۇق خەتلەر سەۋەبىدىن، بۇ ئىككى تور بېكىتىنىڭ تاقىۋېتىلگەنلىكىنى نەقىل ئېلىپ، نۆۋەتتە خىتايدا پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ ئەڭ رادىكال ئۇسۇلدا چەكلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېلشات ئەپەندى يەنە، نۆۋەتتە خىتايدا ھەر جەھەتتىن ئېغىر چېكىنىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى دەۋرىدە خىتاي دۆلىتىدە پىكىر ئەركىنلىكى قاتتىق چەكلىنىدىغان سىياسەتلەر رادىكاللارچە ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-70-يىللىرىدىكى ماۋ زېدۇڭ يۈرگۈزگەن بارلىق پىكىرلەر چەكلىنىدىغان ھاكىم مۇتلەقلىق دەۋرىنى يەنى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ خىل يۈزلىنىشنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ غۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.