مەمەت يۈسۈپ ئابدۇكېرىم: «خىتاي ماڭا تۆھمەت چاپلىدى»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018.11.20
turkiye-istanbul-xitay-konsulxanisi-305.jpg ئىستانبۇلنىڭ تارابىيە رايونىدىكى خىتاي كونسۇلخانىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى. 2011-يىلى 21-ئىيۇل.
RFA/Arslan

تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ماتېرىيالىنى تۈركىيە سوتىغا تاپشۇرۇشقا ۋە بۇ ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىمەكتە باشلىماقتا. بۇ ھادىسە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلماقتا.

بۇ خىل قىسمەتلەرگە يولۇققانلاردىن بىرى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيەسىدىن تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن مەھمەت يۈسۈپ ئابدۇكېرىم ئەپەندىدۇر. ئۇ، 2013-يىلى تۈركىيەگە كەلگەن بولۇپ، تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن توي قىلغان. ئەمما خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىكى مەھمەت يۈسۈپ ئابدۇكېرىمنى يۇرتىدا «بالا چۈشۈرۈۋەتكەن» دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ، تۈركىيە سوتىغا ئەرز سۇنغان.

مەھمەت يۈسۈپ ئابدۇكېرىم ئەپەندى خىتاينىڭ ئۆزىگە قارار چاپلىغانلىقىنى، چۈنكى يۇرتىدا ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا توي قىلماستىن تۈركىيەگە كەلگەنلىكىنى، خىتاينىڭ دېگەنلىرىنىڭ تۆھمەتتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتايدا بالا چۈشۈرۈش راستىنىلا جىنايەتمۇ؟ مەھمەت يۈسۈپ ئابدۇكېرىم ئەپەندى 15-نويابىر كۈنى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ ئۈچىنچى ئېغىر جازا سوتىدا سوتلانغانلىقىنى، 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى قايتا سوتقا چىقىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

بىز ئۇكىسى مەھمەت يۈسۈپ ئابدۇكېرىم توغرىسىدا كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىر قورساق ئاكىسى ئابدۇللا سامى ئەپەندى بىلەنمۇ سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابدۇللا سامى ئەپەندى ئۇكىسى بىلەن فامىلىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىكى سەۋەبنىڭمۇ، خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ زېيىنى بىلەن بولغانلىقىنى، ئۇكىسى پىلان سىرتىدا تۇغۇلغان بولغاچقا ئانىسىنىڭ تۇغقانلىرىغا بېرىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

ھازىر قەيسەرىدە تۇرۇۋاتقان ئابدۇللا سامى ئەپەندى خىتايدا جىنايەت ھېسابلانمايدىغان بالا چۈشۈرۈشنى، خىتاينىڭ تۈركىيە ئەلچىلىكى «جىنايەت» دەپ ھېسابلاپ تۈركىيە سوتىغا بېرىشىنى خىتاينىڭ ئۆز خەلقىنى بېسىم ۋە زۇلۇم بىلەن باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى نامايەندە قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىلەن خىتاي ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىر يۈرۈش توختامنامىلەرنى ئىمزالىماقتا. بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ئەلچىخانىسى يېقىندىن بېرى خېلى كۆپ ساندا ئۇيغۇرنى تۈرك سوتىغا بەرگەن. بۇنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟

ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەنسىزلىك پەيدا قىلىش ئۈچۈن بۇنداق قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم تۈركىيەنىڭ ياۋروپا قانۇنلىرىنى ئۆرنەك ئالغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى، خىتاي بۇنداقلا قىلىدىغان بولسا ئۇزۇن مۇددەتتە زىيان تارتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

2018-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى خىتاي ئەدلىيە مىنىستىرى فۇ چىڭخۇۋا تۈركىيەنى زىيارەت قىلغاندا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئەدلىيە جەھەتتىكى ھەمكارلىشىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، بۇ ھەقتىكى توختامنامىلەرگە قول قويغان ئىدى.

2018-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرى ئابدۇخەمىت گۈل ئەپەندى بېيجىڭدا خىتاي ئەدلىيە مىنىستىرى فۇ چىڭخۇۋا بىلەن كۆرۈشۈپ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش توختامنامىسىگە قول قويغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.