0:00 / 0:00
گوللاندىيەدىكى نامايىش پائالىيەتلىرىدە سەپلەرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، جاراڭلىق شوئارلىرى بىلەن غەزەپلىك چۇقان سالىدىغان، بوينىدا زەنجىر، پۇتىدا كېشەن بىلەن ھەيۋەتلىك قەد كېرىپ تۇرىدىغان بىر كىشى بار. كىشىلەر ئۇنى تاھىرھاجىم دەيدۇ.
تەبىئىيكى ئۇنىڭ بۇ خىل كۆرۈنۈشىدىن راھەتسىزلىنىدىغانلار خىتايلار ئىدى. نېمە ئۈچۈنكىن، بۇ قېتىمقى 5-ئىيۇل نامايىشىدا زەنجىر، كېشەن تاقاشتىن مەنئى قىلىنغان تاھىرھاجىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا ئاڭلاتتى.