خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينىڭ «چوڭ سانلىق مەلۇمات سىستېمىسى» ئۈستىدە تەپسىلىي بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سىستېما ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قوغداش ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئۆكتىچىلەرنى نىشان قىلغان.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، پەن-تېخنىكىنىڭ تېز تەرەققىياتى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. ئەمما شۇنىڭ بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا ئۇ يەنە ئىنسانلارنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكى، ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە قارىتامۇ بەزى خەۋپلەرنى پەيدا قىلدى. ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرىدە بۇ مەسىلىدە ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان مۇنازىرىلەر بولسىمۇ، ئەمما كىشىگە ئائىت خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش، ئۇنىڭغا خالىغانچە ئېرىشىشكە چەكلىمە قويۇش جەھەتتە بەلگىلىك قانۇن-تۈزۈملەر بېكىتىلىپ، كىشىلەرنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكى قوغدىلىپ كېلىنمەكتە.
بىراق، خىتايدىكى خۇسۇسىي ئۇچۇرنىڭ بىخەتەرلىكى بولسا خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ قاتتىق ئەندىشىسىنى قوزغاۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپ قالدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 19-نويابىر كۈنى بۇ مەسىلە ئۈستىدە تەپسىلىي بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ساقچى قىسىملىرىنىڭ ھەربىر كىشىنىڭ خۇسۇسىي ئىشلىرىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى بىر يەرگە يىغىدىغان ۋە ئۇنى ئانالىز قىلىدىغان «چوڭ سانلىق مەلۇمات سىستېمىسى» لىرى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرىنىڭ مەخپىيەتلىكى ھوقۇقىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى بۇ سانلىق مەلۇمات سىستېمىسى مەخسۇس ھالدا پائالىيەتچىلەرنىڭ، ئۆكتىچىلەرنىڭ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كۈندىلىك ھەرىكەتلىرىنى نازارەت قىلىش ۋە ھەتتا ئۇنى ئالدىن مۆلچەرلەشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن. مەزكۇر ئورگاننىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون خانىم باياناتتىكى سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىستېما ئارقىلىق بارلىق كىشىلەرنىڭ ئەھۋاللىرىنى ئىگىلەپ، ئۇنى سىستېمىدا ساقلاش ئارقىلىق ھۆكۈمەت «نورمال» دەپ بەلگىلەپ بەرگەن قېلىپقا چۈشمەيدىغان كىشىلەرنى بەلگىلەپ چىقىش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ كىشىنى چۆچۈتىدىغان بىر ئەھۋاللىقىنى ئېيتتى. ئۇ بۈگۈن بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتايدىكى ساقچىلار ئىشلىتىۋاتقان بۇلۇت سانلىق مەلۇمات سىستېمىسى ھەربىر پۇقرانى، پائالىيەتچىلەرنى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نازارەت قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ئالدىن مۆلچەرلەشنى مەقسەت قىلغان. چاتاق بولغىنى، خىتايدا كىشىلەرنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى قوغداشقا ئائىت بىر قانۇن-تۈزۈملەر يوق. شۇڭا بۇ ھۆكۈمەتنى ئىنسانلارنىڭ ئۆز-ئارا ئۇچرىشىشى، تەشكىللىنىشى، تىنچلىق بىلەن ئۆز پىكرىنى ئىپادە قىلىشىنى چەكلەيدىغان تېخىمۇ مۇكەممەل شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ» دېدى.
دوكلاتتىن قارىغاندا، خىتايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى «ساقچى خىزمەتلىرى بۇلۇتى» قۇرۇلۇشى دەپ ئىسىم قويۇلغان چوڭ سانلىق مەلۇمات سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ سىستېمىدا بىر كىشىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ئىش-ئوقىتىنى قىلىدىغان تاللا بازارلىرى ۋە پوچتا يوللانمىلىرىغىچە بولغان بارلىق ئۇچۇرلارنى شۇ كىشىنىڭ كىملىك نومۇرى ئاستىدا يىغىدىكەن. بۇ ئۇچۇرلار ساقچى ئورگانلىرىغا بىر كىشىنىڭ نەگە بارغانلىقىنى، كىم بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى، نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ۋە ھەتتا ئۇ كىشىنىڭ نېمە قىلىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىش ئىمكانىغا ئىگە قىلىدىكەن. بۇ سىستېما مەخسۇس كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرى ئارىسىدىكى يوشۇرۇن مۇناسىۋەتنى مەسىلەن، كىم ياكى كىملەر بىرلىكتە ساياھەت قىلىۋاتىدۇ ياكى مېھمانخانىدا قېلىۋاتىدۇ؟ دېگەندەكلەرنى ئېنىقلاش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئىكەن. ئۇ شۇنداقلا يەنە «نورمالسىز» كۆرۈنگەن ئەھۋاللارنى مەسىلەن، يەرلىك بىر كىشى ئۆز ئۆيىگە قايتماي، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى مېھمانخانىدا ياتسا سىستېما بۇنى «نورمالسىز» ئەھۋال دەپ قاراپ ساقچىغا سىگنال بېرىدىكەن.
ئامېرىكىدىكى كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى دوكتور مەمەتجان ئابدۇللا ئەپەندى بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغان ئەھۋاللاردا بەزى گۇمانلىق شەخسلەرنىڭ تور ھېسابلىرىنى تەكشۈرىدىغان ئېھتىياج تۇغۇلىدىغانلىقى، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ نۇرغۇن قانۇنىي يوللارغا مۇراجىئەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ بۇ دۆلەتلەردىكى كىشىلەرنىڭ مەخپىي ئۇچۇرلىرىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى چوڭ سانلىق مەلۇمات سىستېمىسى خىتاي دائىرىلىرى «سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن خەتەرلىك» بولۇشى مۇمكىن دەپ قارالغان كىشى ياكى گۇرۇپپىلارنى نىشان قىلغان بولغاچقا، ئاقىۋەتتە ئىرقچىلىق تۈسىنى ئالغان ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا مەلۇم مىللەت ياكى گۇرۇپپىنى ئالاھىدە نازارەت قىلىدىغان، ئۇلارنى بىكاردىن-بىكار ئاختۇرىدىغان، توختىتىپ قويۇپ تەكشۈرىدىغان قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. دوكلاتتا بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ سىستېمىلارنىڭ بەلگىلىك مىللەت ياكى گۇرۇپپىلارغا قارىتا كەمسىتىش خاراكتېرلىك تەسىرلىرى بولىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا. بۇ مەلۇم جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئالدىن لاھىيەلەنگەن. مەسىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش ھەرىكىتى ئاستىدا ئۇيغۇر مىللىتىگە قاتتىق دەرىجىدە بېسىم قىلدى. ئالاقىدار ماتېرىياللار يۇقىرىدىكى ‹ساقچى خىزمەتلىرى بۇلۇتى› سىستېمىسىنىڭ مەلۇم جەھەتتىن مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقا ‹بەلگىلىك مىللەتلەر› دىن بولغانلارنى نازارەت قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا».
سوفى رىچاردسون خانىم بىزگە بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بىز خىتايدىكى ئوخشىمىغان ساقچىخانىلار تەرىپىدىن چىقىرىلغان ھۆججەتلەرنى كۆرۈپ ئانالىز قىلدۇق. ئۇلاردا بەزى مىللەتلەر جۈملىدىن جەنۇبىي شىنجاڭدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنى تەكشۈرۈش ياكى شىنجاڭدا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ماددىلار ئوچۇق-ئاشكارا يېزىلغان. بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەركىزى نۇقتا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز».
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتىدا يۇقىرىدا دېيىلگەنلەرنى تىلغا ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش دېگەن نام ئارقىلىق تىنچلىقپەرۋەر ئۆكتىچىلىكنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئاقلىماقچى بولۇۋاتقانلىقى تەنقىد قىلغان. سوفى خانىم سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلەر ھەققىدە ئۇچۇر يىغىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغان، ئۇنى قوغدايدىغان قانۇن-تۈزۈملەرنى تۈزۈشى كېرەك» دېدى.