يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر رايوندا توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم، نەزىر چىراغ ئىشلىرىدا نىكاھ ئوقۇش، خەتمە-قۇرئان قىلىش ياكى جىنازا نامىزىنى چۈشۈرۈشكە دىنىي زات تېپىلماسلىق ئېغىر ۋەزىيەت پەيدا بولغان.
يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا نىكاھ ئوقۇش، جىنازا نامىزى چۈشۈرۈش، خەتمە قۇرئان قىلىشقا دىنىي زات قالماسلىقتەك بۇ ئېغىر ئەھۋالنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2016-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىدا ئىمام-خاتىپ، مەزىن ۋە دىنىي زاتلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە سولىشى ياكى قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان. يەرلىك ئاھالىلەر، بەزى رايونلاردا دىنىي زاتلار ئاساسەن قالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
مەزكۇر ئەھۋال چارشەنبە كۈنى بەزى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى ۋە ئۇلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى تىنا مۇفۇرت خانىم چارشەنبە كۈنى ئۇيغۇر رايونىدىكى يۇقىرى ۋەزىيەتكە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلغان يەنە بىر چۆچۈتەرلىك ھەرىكىتى» دەپ كۆرسەتتى.
تىنا مۇففۇرت مۇنداق دەيدۇ: «دىنىي زاتلارنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىشتەك بۇنداق ھەرىكىتى تەسەۋۋۇردىن ھالقىغان بىر قىلمىش. بۇ شۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە قانچىلىك ئالدىغا كېتەلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قويغان دىنىي ئەركىنلىك ۋە باشقا جەھەتلەردىكى چەكلىمىسى بەك ئۇزۇن داۋام قىلىپ كەتتى. بەك كۆپ چەكلىمە ۋە بەك كۆپ باستۇرۇش ئېلىپ بېرىلدى. ئۇلار يەنە قانچىلىك ئالغا ماڭالايدۇ. ئۇلار ھەرقانچە قىلدى، دېگەندىمۇ يەنىلا دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇرۇشنىڭ يېڭى سىياسىتى، يېڭى يوللىرىنى ئىجرا قىلىدۇ شۇ. يۇقىرىدا مەن ئېيتقاندەك ئۇنىڭ يۇقىرىقى ھەرىكىتى كىشىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىغان ھەرىكەت. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلغان يەنە بىر چۆچۈتەرلىك قىلمىشىدۇر.»
ئۇيغۇر رايونىدا جىنازە نامىزى چۈشۈرۈشكە دىنىي زات قالماسلىقتەك ۋەزىيەت كېلىپ چىققانلىقىنى يېقىندا ئۇيغۇر رايونىدىكى بىر يەرلىك ئاھالە رادىئويىمىزنىڭ خوڭكوڭدىكى مۇخبىرىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا ئاشكارىلىغان. ئىلى ئوبلاستىدا ئولتۇرۇشلۇق بۇ ئاھالىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى نۇرغۇن جايلاردا دىنىي زات قالمىغان.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «شىنجاڭدىكى بۇرۇنقى قازاق دىنىي زاتلار شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى ياكى گەنسۇ ئىسلام ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇلارغا دىنىي زاتلىق كىنىشكىسى تارقىتىپ بېرىلگەن ئىدى. لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى كېيىن بىر-بىرلەپ تۇتقۇن قىلىندى. ھازىر دىنىي زاتلارنى كۆرەلمەيدىغان بولدۇق. نۇرغۇن مەسچىدلەرنىڭ قۇببىسىدىكى ئاينىڭ بەلگىسى ئېلىپ تاشلاندى. دىنىي زاتلارنىڭ تۇتۇلغانلىرى تۇتۇلدى، قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىرى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. سىياسىي تەربىيەلەرگە ئېلىپ كېتىلگەنلىرى سىياسىي تەربىيىگە ئېلىپ كېتىلدى. ئۆلگەنلىرى ئۆلدى. دىنىي زاتلار ئاساسەن قالمىدى.»
بىز چارشەنبە كۈنى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا تېلېفون قىلىپ، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بۇ ئەھۋالنى قانداق بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقىنى سۈرۈشتۈردۇق. مەيلى يەرلىك ئاھالىلەر بولسۇن ياكى يەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى بولسۇن ھېچكىم بۇ ئەھۋالنى رەت قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئەھۋال ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشكە ياكى پىكىر بايان قىلىشقا پېتىنالمىدى. ئاقسۇنىڭ توقسۇ ناھىيىسىدىكى بىر ھۆكۈمەت ئورگىنىنىڭ كەچلىك خىتاي نۆۋەتچى خادىمى، تېلېفونىمىزنى «خاتا ئۇرۇپ قاپسىز» دەپ قويۇۋەتتى.
قەشقەر مارالبېشى ناھىيىسىگە قاراشلىق سېرىقبۇيا بازىرى ساقچى پونكىتىدا كەچلىك نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئامانلىق خادىمى ئۆزىنىڭ «بۇنداق بىر شىكايەتنى ئاڭلاپ باقمىغانلىقى» نى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ سېرىقبۇيا ساقچىخانىسى، ئۇنداق ئەھۋالنى بىز ئۇقمايدىكەنمىز. بۇ ساقچى پونكىتى كەچلىك نۆۋەتچىخانىسىنىڭ نومۇرى. بىز ئۇنداق ئەھۋالنى ئۇقمايدىكەنمىز. بىز بۇ يەردە ساقچىخانىنىڭ دەرۋازىسى تۈۋىدە نۆۋەتچىلىك قىلىمىز. بىزگە ئۇنداق شىكايەت كېلىپ باقمىدى. بىز ياردەمچى ساقچى بولغاچقا بىز ئاساسلىق دەرۋازا بىلەن تېلېفونغا قارايمىز. سىز دېگەن ئاۋۇ ئىشلارنى ئۇقمايدىكەنمىز.»
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى 2014-يىلى ماقۇللىغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش نىزامى» ۋە 2017-يىلى 3-ئايدا ماقۇللىغان «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» دا كىنىشكىسىز دىنىي زاتلارنىڭ توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ، ئۆلۈم-يىتىملەردە نىكاھ ئوقۇشى، خەتمە-قۇرئان قىلىشى ياكى جىنازا نامىزىنى چۈشۈرۈشى چەكلەنگەن. خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتچى»، «دىنىي ئەسەبىيلىك» بىلەن قاتتىق جازالىنىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىدى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇقىرىقى بەلگىلىمىلەردە كىنىشكىسىز دىنىي زاتلارنىڭ نىكاھ ئوقۇشى، نەزىر-چىراغلاردا خەتمە-قۇرئان قىلىشى ياكى جىنازا نامىزى چۈشۈرۈشى چەكلەنگەچكە بۇ يۇقىرىقىدەك مۇراسىملاردا تېگىشلىك دىنىي زۆرۈرىيەتلەرنى بەجا كەلتۈرۈشكە ئادەم تېپىلماسلىقتەك ئەھۋالنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىدىكى تىنا مۇففارت خانىم، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرىقى بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۇقىرىقى ۋەزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىشى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئۆلچەملىرىگە پۈتۈنلەي خىلاپ ئىكەن.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ خەلقئارا ئۆلچەملەرگە يۈز پىرسەنت خىلاپ. بۇ يەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتمايۋاتقانلىقى ناھايىتى ئېنىق. ئۇ قانداق ۋاستىلارنى قوللىنىپ، خەلقئارا جامائەتنى ئەخمەق قىلمىسۇن، لېكىن بىز خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى، ئامېرىكا ۋە دۇنيادىكى باشقا ئورگانلار ۋە كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەخمەق بولمايدۇ. ئۇلار ئاغزىدا نېمە دېسە دېسۇن، لېكىن بىز ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىغا قارايمىز. ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئەمەلىيەتتىكى ھەرىكىتى پۈتۈن شىنجاڭدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي دىنىي ئەركىنلىك ھەققىنى تارتىۋېلىش، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنىڭ بارلىق ساھەلىرىگە ئارىلىشىش بولۇۋاتىدۇ».
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى يېقىندا خىتاينى يەنە بىر قېتىم 2018-يىلى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ئالاھىدە كۆزۈتىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. خىتاي ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى 1998-يىلى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇنى ماقۇللاپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە دىنىي ئەركىنلىكنى دەپسەندە قىلغۇچى دۆلەتلەرنى جازالاش ھوقۇقى بەرگەندىن بۇيان ئىزچىل بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈپ كەلگەن ئىدى.
تىنا مۇففارتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ يىل يەنە بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈشى ئۇنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتەلمىسىمۇ، بىراق بۇ ئامېرىكىنىڭ ئۇنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
تىنا مۇففارت: «خىتاينىڭ ئالاھىدە كۆزىتىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى بەلكىم ئۇنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتەلمەسلىكى مۇمكىن. بىراق بۇ ئۇلارغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى خاتىرىلىتىپ تۇرىدۇ. بىز ئۇنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز ئۇنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە خىتايدىكى باشقا بارلىق دىنىي مۇرىتلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى سىستېمىلىق ۋە قوپاللىق بىلەن دەپسەندە قىلىپ، جازاسىز قېلىشىغا يول قويمايمىز» دېدى.