خوڭكوڭ نامايىش باشلامچىلىرىغا يېنىك جازا ھۆكۈم قىلىنىشى دىققەت قوزغىدى

0:00 / 0:00

2014-يىلى 9-ئايدا خوڭكوڭدا يۈز بەرگەن دېموكراتىيە تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى باشلامچىلىرىدىن خۇاڭ جىفىڭ قاتارلىق ئۈچ ئوقۇغۇچى 2016-يىل 15-ئاۋغۇست خوڭكوڭدا «قانۇنسىز يىغىلىشقا تەشكىللەش» بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتقا تارتىلدى.

ئەمما خوڭكوڭ سوتىنىڭ، ئاز كەم ئۈچ ئاي داۋاملاشقان نارازىلىق ھەرىكىتى يېتەكچىلىرى بولغان بۇ ئۈچ ئوقۇغۇچىغا قارىتا چىقارغان خىتاينىڭ سىياسىي پائالىيەتچىلەرنى ئېغىر جازالاش پرىنسىپىدىن پەرقلىق ھالدا ئىككىيلەنگە 80 سائەتتىن 120 سائەتكە قەدەر جەمئىيەت مۇلازىمىتى قىلىش، بىرەيلەنگە 3 ھەپتىلىك قاماق جازاسىنى بىر يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ھۆكۈمى تاراتقۇلاردا مۇنازىرە تېمىسى بولدى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى خوڭكوڭنىڭ سىياسىي مەسىلىلەردە خىتاي قۇرۇقلۇقىدىن پەرقلىق ھالدىكى دېموكراتىيىسىگە قايىللىقىنى بىلدۈردى.

15-ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى خوڭكوڭدا ئېچىلغان سوت، خەلقئارا تاراتقۇلاردا «سېرىق كۈنلۈك ھەرىكىتى» دەپ تەرىپلەنگەن خوڭكوڭلۇقلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ مەمۇرىي رايونىدىكى ئەمەلدار بەلگىلەش پرىنسىپىنى رەت قىلىش ھەرىكىتى باشلامچىلىرىدىن 19 ياشلىق خۇاڭ جىفىڭغا 80 سائەت جەمئىيەت مۇلازىمىتى قىلىش، 23 ياشلىق لو گۈەنسۇڭغا 120 سائەت جەمئىيەت مۇلازىمىتى قىلىش، 25 ياشلىق جۇ يۇڭكاڭغا 3 ھەپتىلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى.

خەۋەرلەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، خوڭكوڭ سوتى بۇ ئۈچەيلەننى 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى يۈز بەرگەن، ساقچىلار نامايىشچىلارنى ئۇلار ئىگىلىۋالغان بىر قىسىم ھۆكۈمەت بىنالىرىدىن قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن، نامايىشچىلارنىڭ يىغىلىشى تېخىمۇ قاتتىق قارشىلىشىشقا ئۆزگىرىپ، نەچچە مىڭلىغان ئادەم كوچىغا چىقىپ، ھۆكۈمەت ئىشخانىلىرىغا يېقىن جايلاردىكى بىرقانچە كوچىنى قامال قىلىۋالغان 79 كۈن داۋاملاشقان «كۈنلۈك ھەرىكىتى» دىكى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ سوتقا تارتقان. تاراتقۇلاردا قىززىق نۇقتا بولغىنى، سوتچىنىڭ ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغاندا ئېيتقان«ئۇلار ئۆزىنىڭ شەخسى ئىشى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى ئېلىپ بارغان نارازىلىق ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش يولىدا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلاردا بولغىنى ئۈچۈن، سوت ئۇلارغا يېنىكلىتىپ جازا ھۆكۈم قىلغانلىقى» ھەققىدىكى ئىزاھاتى ۋە بۇ ئۈچەيلەننىڭ سوت مەھكىمىسىدە «سوتنىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى، ئەمما ئۆز قىلمىشلىرىدىن پۇشايمان قىلمايدىغانلىقى» نى ئىپادىلىگەن سۆزلىرى بولغان.

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ 15-ئاۋغۇست خەۋىرىدە، خۇاڭ جىفىڭ قاتارلىقلارنىڭ سوتتىكى بايانىدا ئېيتقان: «بىزگە نىسبەتەن، بۇ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىدىغان ئۇرۇش»، «سوتنىڭ ھۆكۈمى بىزنىڭ ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەردىكى قەتئىيلىكىمىز ۋە جۈرئىتىمىزگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ» دېگەن سۆزلىرى نەقىل ئېلىندى. خەۋەردە يەنە دېيىلىشىچە، 79 كۈنلۈك قارشىلىق ھەرىكىتىدىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى داھىلىرى يەنە ئۆزىنىڭ سىياسىي يولىنى تاللىغان بولۇپ، خۇاڭ جىفېڭ ۋە لو گۈەنسۇڭ بىرلىكتە پارتىيە قۇرغان. لو گۈەنسۇڭ 2016-يىلى 9-ئايدا ئېلىپ بېرىلىدىغان خوڭكوڭدا قانۇن بېكىتىش سايلىمىغا قاتنىشىشقا تەييارلانغان. خوڭكوڭ قانۇنىدا قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ سىياسىي جەھەتتىن سايلاش، سايلىنىش ئىستىقبالىغا تەسىر يېتىدىغانلىقى ھەققىدىكى قانۇنىي بەلگىلىمىلەرنى نەزەرگە ئالغان سوت بۇ ئىككىيلەنگە قاماق جازاسى ئەمەس، بەلكى جەمئىيەت مۇلازىمىتى جازاسى بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ داۋاملىق سايلامغا قاتنىشىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالغان.

چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ«خوڭكوڭ سوتىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ بۇ ئۈچ نەپەر داھىيسىغا يېنىك ھۆكۈم چىقىرىشى، خوڭكوڭدا يەنىلا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنىڭ ساقلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە» دېدى.

خۇ پىڭ ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «گەرچە 1997-يىلى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى خوڭكوڭغا قاراتقان ئىدارىچىلىقىنى باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەنگلىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئۇزۇن مەزگىل تۇرغان خوڭكوڭنىڭ قانۇن سىستېمىسىدا ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي ئىدىيىسىدىن خالى بولغان، قانۇنىي بەلگىلىمىلەر بويىچە مۇستەقىل ھۆكۈم چىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە سوت تەرتىپى ساقلاپ قېلىنغان. ھالبۇكى، كومپارتىيىنىڭ بىۋاسىتە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا، بولۇپمۇ سىياسىي باستۇرۇش ئېغىر بولغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاتارلىق جايلاردا بىز بۇ خىل مۇستەقىل قانۇن سىستېمىسى ۋە پۇقرالارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىدىغان سوتنى ئۈمىد قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. خۇاڭ جىفىڭ قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار داھىلىرى خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرىدە خوڭكوڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن سوتنىڭ ئۇلارغا بەرگەن جازاسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشىدىن پۇشايمان قىلمايدىغانلىقىنى، تاللىغان سىياسىي يولىدىن يانمايدىغانلىقىنى سوتتا دادىللىق بىلەن دېيەلىدى. ئەمما ھازىر خىتاي ئۆلكىلىرىدە سىياسىي جىنايەتلەر ئارتىلىپ، سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىغان بولسىمۇ، ئېغىر جازالارغا تارتىلىۋاتىدۇ. ھالبۇكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە نارازىلىق پىكرىنى ئىپادىلەش مۇمكىن ئەمەس. نارازىلىق پىكرىنى ئىپادىلىگەن ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئۆكتىچى زىيالىيلارغا ھەر خىل سىياسىي قالپاقلار كىيدۈرۈلۈپ ئېغىر قاماق جازالىرى بېرىلدى. مانا بۇ گەرچە سىياسىي جەھەتتە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئىدارە قىلىشى ئاستىغا ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغا قەدەر غەرب دېموكراتىك قانۇن سىستېمىسىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان خوڭكوڭدا سوتنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي بەلگىلىمىسى بويىچە ئەمەس، بەلكى مۇستەقىل قانۇن سىستېمىسى بويىچە ھۆكۈم چىقىرالايدىغان ئەۋزەل شارائىتى.»

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى، سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ ئۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ، بۇ سوت، گەرچە خوڭكوڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما خوڭكوڭدا يەنىلا ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدىكى غەرب دېموكراتىك تۈزۈمىدىكى مۇستەقىل ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ ساقلىنىپ قالغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ۋەزىيەت، بولۇپمۇ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىياسەتنىڭ خوڭكوڭ ۋەزىيىتىدىن ئاسمان-زېمىن پەرق قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ قانۇن سىستېمىسى ئىچىدە تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تىنچ يول بىلەن تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن «دۆلەتنى پارچىلاش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» دېگەندەك جىنايەتلەر ئارتىلىپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە بۇ يىللاردا ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىق، قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ «تېررورلۇق» قالپىقى كىيدۈرۈلۈپ قانلىق باستۇرۇلغانلىقى قاتارلىق ۋەقەلەرنى نەقىل ئالدى.