خوتەننىڭ چىرا ۋە كېرىيە ناھىيەلىرىدە ئىككى مەيدان قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ 5 كىشى ئۆلگەن

0:00 / 0:00


بۈگۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيىسىدە 28 - ۋە 29 - يانۋار كۈنلىرى قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالدى، مۇخبىرىمىزنىڭ بۇنىڭغا ئاساسەن ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا ۋەقەنىڭ چىنلىقى ئاھالىلەر ۋە ساقچى خادىملىرى تەرىپىدىن دەلىللەندى. ئاشكارىلىنىشىچە، ۋەقە چىرا ناھىيىسىنىڭ بوستان كەنتى ۋە كېرىيە ناھىيىسىنىڭ لەنگەر يېزىسىنىڭ يېڭى كۆل كەنتىدە بولۇپ ئىككى مەيداندا داۋام قىلغان.

بىرىنچى مەيدان توقۇنۇشتا، ئىككى نەپەر ياردەمچى ساقچى ۋە بىر ئامانلىق خادىمى 3 نەپەر گۇمانلىق يولۇچىنىڭ ئالدىنى توسىغان ۋە ئۇلارنى ساقچىخانىغا ئېلىپ مېڭىشقا ئۇرۇنغان، بۇ چاغدا گۇماندارلار پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىپ مەزكۇر 3 خادىمنى بوغۇزلاپ ۋە چاناپ ئۆلتۈرگەن، ئۇلار ۋەقەدىن كېيىن ساقچى ئاپتوموبىلىنى بۇلاپ ئېلىپ نەق مەيداندىن ئۇزاقلاشقان. گۇماندارلارنىڭ ئىككى نەپىرى ئەتىسى لەنگەر يېزىسىنىڭ يېڭى كۆل كەنتىدە ساقچىلار تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلىنىپ ئېتىۋېتىلگەن، ئۈچىنچىسى بۈگۈن سەھەر ئەسىر چۈشكەن.