خوتەن ۋىلايىتى كەنتلەرگە مەخسۇس دىنىي پائالىيەتلەرنى باشقۇرىدىغان كادىر ئەۋەتتى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.10.21
xoten-namaz-jamaet-305.png خوتەندىكى جامائەت
AFP


خوتەن ۋىلايىتىدە «كەنتتە تۇرۇپ مەسچىت باشقۇرۇش» سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى 300 نەپەردىن ئوشۇق كادىر كەنتلەرگە ئەۋەتىلگەن. بىزنىڭ يەرلىكتىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرىمىزدىن قارىغاندا، بۇ كادىرلار ئاساسلىق شۇ يەرلىكتىكى دىنىي پائالىيەتلەرنى، ئىمام - ئاخۇنۇملارنى باشقۇرۇش ۋە شۇنداقلا ئاممىنى كۆزىتىش ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەيدىكەن. مەسچىتلەرنى كۆزىتىش سىياسىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي سىياسىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن. ئۇلار بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان دوكلاتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاساسىي دىنىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشىغىمۇ ئارىلىشىپ، بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارانىڭ تەنقىدىگە قارىماي، بۇ خىل سىياسەتلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، خوتەن ۋىلايىتىدە يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان «كەنتتە تۇرۇپ مەسچىت باشقۇرۇش» سىياسىتى مانا بۇنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە. خوتەن ۋىلايەتلىك تېلىۋىزىيىسىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خوتەن ۋىلايىتىدە «كەنتتە تۇرۇپ مەسچىت باشقۇرۇش» سىياسىتى يولغا قويۇلغان ۋە تۇنجى تۈركۈمدىكى كادىرلار كەنتلەرگە ئۇزۇتۇپ قويۇلغان.

خوتەن تېلىۋىزىيىسنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، خوتەن ۋىلايىتى 17-ئۆكتەبىر كۈنى مەخسۇس مۇراسىم بىلەن مەسچىت تەكشۈرۈش خىزمىتى ئۈچۈن كەنتلەرگە چۈشىدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 352 نەپەر كادىرنى ئۇزىتىپ قويغان.

ئۇزۇتۇش مۇراسىمىدا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ جېنبياۋ مەخسۇس سۆز قىلىپ، «مەسچىتلەردىكى دىنىي پائالىيەتلەرنى باشقۇرۇش قارارى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش پىرىنسىپى بويىچە ھازىرقى ۋەزىيەتنى توغرا تەھلىل قىلىپ تۇرۇپ چىقارغان قارارى...» دېگەن. ئۇ شۇنداقلا تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلاردىن «كەنتتە تۇرۇپ مەسچىت باشقۇرۇش خىزمىتى» نى ياخشى ئىشلەپ، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ماسلاشتۇرۇش، دىننى زامانىۋىي تۇرمۇشقا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى، دىنىي زاتلارنى ۋە ئېتىقادچى ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

بىز مەسچىت باشقۇرۇش سىياسىتى بويىچە كەنتلەرگە چۈشكەن بۇ كادىرلار توغرىسىدا ئەھۋال ئىگىلەپ بېقىش ئۈچۈن شۇ جايدىكى مەلۇم بىر كەنتكە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزغا چىققان كىشى تېخى بۈگۈن ئەتىگەن شۇ كەنتكە دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن كادىرلارنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئاچقانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ كەنتىگە 6 نەپەر كادىر كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ كىشىنىڭ گېپىدىن قارىغاندا، كەنتكە دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن كادىرلار شۇ جايدىكى مەسچىتلەرنىڭ پائالىيەتلىرىنى، ئىمام، ئاخۇنۇملارنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرىنى تەكشۈرۈپ، نازارەت قىلغاندىن باشقا، ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ كىشىلەرنىڭ دىنىي خاھىشىنى، كۆز قاراشلىرىنى ئىگىلەيدىكەن. ئۇ كىشى مۇنداق دېدى: «  كەنتىمىزگە جەمئىي 6 كادىر چۈشىدىكەن. بۈگۈن ئەتىگەن 4 نەپىرى كەپ بولدى. قالغان ئىككىسى كەچتە كېلىدىكەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ئىكەن. ئۇلار ئاساسلىق شۇ دىنىي خىزمەتلەرنى باشقۇرىدىكەن.... ئىمام، ئاخۇنۇملارنى تەكشۈرەيدىكەن. يىغىندىكى گەپتىن قارىغاندا، بۇ كادىرلار شۇ ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەيدىكەن. ھازىر بەزىبىر ھەر خىل كىشىلەر بار. ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرىدىن يامانلايدىغان، نارازى بولىدىغان، بەزىبىر ئىمام - ئاخۇنۇملارنىمۇ ياقتۇرمايدىغان، تىللايدىغان ئادەملەر بار. شۇڭا شۇنداق كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، سەن زادى كاللاڭدا نېمە ئويلايسەن، كىمنى ياخشى كۆرىسەن، دەپ ئەھۋال ئىگىلەيدىغان چېغى.»

بىز بۇ كىشىنىڭ ئېيتقانلىرىدىن دائىرىلەرنىڭ بولۇپمۇ «دىنىي تۇيغۇسى قويۇق» دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە نىشان قىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ گەپ سۆز، ئىش - ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىشنى قاتتىق چىڭىتىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.  

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «كەنتتە تۇرۇپ مەسچىت باشقۇرۇش» سىياسىتىنىڭ خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك ئالاقىدار قانۇنلارغا پۈتۈنلەي خىلاپلىقىنى بىلدۈردى. تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى سۆزىدە يەنە، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى جاڭ جېنبياۋنىڭ « دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ماسلاشتۇرۇش» دېگەن سۆزىگە قارشى چىقىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىننى سۈيئىستىمال قىلىپ، ئۇنى بۇرمىلاش ئارقىلىق، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش مەقىستىنى ئوچۇق - ئاشكارا تىلغا ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتلىرى يىللىق دوكلاتلىرىدا بىردەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاتتىق دىنىي بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش قاتارلىق دىننىڭ ئەڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى بىجا كەلتۈرۈشىگىمۇ تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق توسقۇنلۇق پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنى ھەتتا «رادىكال» دەپ ئەيىبلەپ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقىنى قەيىت قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.