19 - سېنتەبىر رادىئويىمىزنىڭ مۇخبىرى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيىسى كۆكتېرەك يېزىسى 23 - كەنتىدە 10 - سېنتەبىر ساقچىلار بىر گۇماندارنىڭ ھويلىسىدىكى گەمىنى تەكشۈرۈۋاتقان چېغىدا بومبا پارتلاش يۈز بېرىپ، ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە ئۇندىن باشقا بىر قانچە ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۈگۈن خوتەن شەھىرىدىكى بىر قانچە مېھمانخانىغا تېلېفون قىلىپ مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە بىر قىسىم ئىنكاسلارغا ئىگە بولدۇق.
ئالدى بىلەن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خوتەن ۋىلايەتلىك غەربىي يۇرت مېھمانخانىسىنىڭ مەسئۇلى بىزنىڭ خوتەننىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئەھۋالى، بولۇپمۇ گۇما ناھىيىسىدە بومبا پارتلىغاندىن كېيىنكى ۋەزىيەت ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ:«خوتەننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە بىخەتەرلىك ياخشى.گۇما ناھىيىسىدە پارتلىغان بومبا ۋەقەسى ئۇ بىر كىچىك ۋەقە، تەسىرى ئانچە چوڭ ئەمەس.لېكىن، ھازىر خوتەندە بىخەتەرلىك خىزمەتلىرى ناھايىتى قاتتىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ»دېدى.
مېھمانخانا مەسئۇلى بىزنىڭ: - «سىزنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتى ناھايىتى قاتتىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ؟ - دېگىنىڭىز نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟» - دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ:«كىملىك تەكشۈرۈش،تىزىملاش،ئاختۇرۇش دېگەندىن ئىبارەت»دېدى.
ئۇ،بىزنىڭ خوتەنگە بارغان كىشىلەر باشقا ناھىيىلەرگە، مەسىلەن؛ گۇما ناھىيىسىگىمۇ زىيارەتكە بارسا بولامدۇ؟دېگەن سوئالىمىز ھەققىدە توختىلىپ:«مەن بۇنى بىلمەيمەن»دېدى.
بىز،ئۇنىڭدىن:«- گۇمىدا بومبا پارتلىغانلىقى توغرىسىدا گېزىتلەردىن بىرەر خەۋەر كۆردىڭىزمۇ؟»دېگىنىمىزدە،ئۇ:«گېزىتلەردە بۇ ھەقتە خەۋەر بەرمىدىغۇ دەيمەن.مەن گېزىت ۋە باشقا ماتېرىياللاردا بۇ ھەقتە ھېچقانداق خەۋەر كۆرمىدىم.بىراق،باشقىلاردىن بومبا پارتلىغانلىقىنى ئاڭلىدىم»دېدى.
مېھمانخانا مەسئۇلىدىن «بىز: - سىزلەر بومبا پارتلىغانلىقى ھەققىدە مېھمانخانا خىزمەتچىلىرىگە يىغىن ئاچمىدىڭلارمۇ؟» - دەپ سورىغىنىمىزدا،ئۇ:«بىز بۇ توغرىسىدا يىغىن ئاچمىدۇق. بىراق،ساقچى ئىدارىسى،قانۇن كومىتېتى بىزگە يىغىن ئېچىپ بىزنىڭ مېھمانخانا بىخەتەرلىك خىزمىتىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتتى.بىراق،بۇ ھەقتە سۆز قىلمىدى»دېدى.
ئۇ،زىيارىتىمىز جەريانىدا يەنە:«مەن مېھمانخانا مەسئۇلى شۇڭا قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىشىم كېرەك. سىز شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى ۋەقە سادىر بولغان يەرنىڭ ئەلۋەتتە، بىختەرلىكى كۈچەيتىلىدۇ»دېدى.
بىز شۇنىڭ بىلەن يەنە خوتەن شەھىرىدىكى ۋېنجۇ مېھمانخانىسىغا تېلېفون قىلىپ:«گۇمىدا بومبا پارتلىغاندىن كېيىن خوتەننىڭ ۋەزىيىتىنى ئانچە ياخشى ئەمەس دەپ ئاڭلىدۇق.شۇنداقمۇ؟»دەپ سورىغىنىمىزدا،تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان كۈتكۈچى خىتاي قىز پەس ئاۋازدا:«شۇنداق»دەپ جاۋاب بەردى.
بىز ئۇنىڭدىن يەنە :«گۇما ۋەقەسى بېسىقتۇرۇلۇپ بولدىمۇ؟ۋەقەدە قانچە ئادەم ئۆلۈپتۇ؟»دەپ سورىغىنىمىزدا ئۇ، قىز:«ۋەقە بېسىقتۇرۇلۇپ بولدى.كەچۈرىسىز مەن ۋەقەدە قانچە ئادەم ئۆلگەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن.بىز بۇ ھەقتە ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالمىدۇق»دېدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خوتەن پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ يېنىدىكى بېيجىڭ شىلۇ مېھمانخانىسىنىڭ كۈتكۈچىسى خوتەننىڭ يېقىندىن بۇيانقى ۋەزىيىتى ۋە گۇمىدا يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ:«مەن گۇمىدا بومبا پارتلىغانلىقىنى باشقىلاردىن ئاڭلىدىم.بىز ھازىر نورمال خىزمەت قىلىۋاتىمىز.ۋەقەنىڭ بىزگە تەسىرى زور بولمىدى.بىراق،خوتەندە ھازىر بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى قاتتىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ئاممىۋى سورۇنلارغا بارسىڭىز كىملىكىڭىزنى كۆرۈش بىلەن بىرگە سومكا ۋە بەدەنلىرىڭىزنى تەكشۈرىدۇ.گۇمىدىكى ۋەقەدىن كېيىن شۇنداقلا ئۈرۈمچىدە ئېچىلىۋاتقان ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمە يىغىنىغا مەركەزدىن رەئىسلەر كەلگەنلىكى ئۈچۈن ھازىر بىخەتەرلىكنى ۋە تەكشۈرۈشنى دائىرىلەر كۈچەيتىۋەتتى»دېدى.
بىز ئاخىرىدا گۇمىدا يۈز بەرگەن بومبا پارتلاش ۋەقەسى توغرىسىدا خوتەن پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىغا تېلېفون قىلىپ، بۇ ھەقتە ئۇيغۇرلاردىن ئۇچۇر ئىگىلىمەكچى بولغان بولساقمۇ بىراق،تېلېفونىمىز جاۋاب قالدى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00