بۈگۈن خىتاي مەركىزى تېلىۋىزىيەسى خوتەندە يەنە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە ۋەقەنىڭ تىنجىتىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئەمما ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى. مۇخبىرىمىز بۈگۈن خوتەندىكى ساقچى ۋە ئاھالىلەرگە تېلېفون قىلىش ئارقىلىق ۋەقە ھەققىدە بىر قىسىم مەلۇماتلارغا ئېرىشتى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۈگۈن خانئېرىقنىڭ 8 -كەنتىدىكى مەسچىتنىڭ بىر تۈركۈم جامائىتى 8 -كەنتتىن 7 -كەنتكە قاراپ موتوسېكىلىتلار بىلەن قاتارلىشىپ يولغا چىققان ۋە يول ئۈستىدە تەكبىر ئېيتىپ ماڭغان. كەيپىياتتىن گۇمانلانغان خىتاي ساقچىلىرى ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن نازارەت قىلىپ ماڭغان. موتوسېكىلىتلىق جامائەت 2 كىلومېتىرچە ماڭغاندىن كېيىن خىتاي ساقچىلىرى نامەلۇم بىر سەۋەب بىلەن جامائەتكە قارىتىپ چىقارغان. ئوققا تۇتۇشتا ئاز دېگەن ئىككى كىشى ئۆلگەن ۋە بىر كىشى يارىلانغان. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىنى ئاڭلايسىلەر.
مۇخبىر: سىز ناۋاغ ساقچىخانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غەيرەتمۇ؟
خادىم: شۇنداق، مەن شۇ.
مۇخبىر: بۈگۈن ۋەقە يۈز بەرگەن يەر سىلەرنىڭ تەۋەلىكتىمۇ ئەمەسمۇ؟
خادىم: ياق، خانئېرىق ساقچىخانىنىڭ تەۋەلىكىدە.
مۇخبىر: بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قانداقراق ئېلىپ بېرىۋاتىسىزلەر؟
خادىم: ئاساسلىق ساقچىخانىنى مۇداپىئە قىلىپ تۇردۇق.
مۇخبىر: ۋەقەدە جەمئىي قانچە كىشى ئۆلدى؟
خادىم: بۇنى ناھىيىلىك ساقچىخانىدىن سوراڭ.
****************
مۇخبىر: خانئېرىق ساقچىخانىمۇ؟
خادىم: شۇنداق.
مۇخبىر: ۋەزىيەت قانداقراق؟
خادىم: مەن شۇ مۇداپىئە قالپىقىمنى كىيىپ نۆۋەتتە تۇرۇۋاتىمەن، كەلگەن تېلېفونلارنى ئېلىۋاتىمەن، چازىدا تۇتۇلغانلارنى تىزىملاپ سوجاڭغا يوللاۋاتىمەن.
مۇخبىر: ۋەقەدە قانچە كىشى ئۆلدى؟
خادىم: بايا زىداۋيۈەن بالىلارنى يىغىپ يىغىن ئېچىپ بۈگۈنكى ئىشلارنى مەلۇم قىلغان ھەم بۇ ھەقتە ئۇچۇرلارنى بىزنىڭ رۇخسىتىمىزسىز بەرمەڭلار دېگەن.
مۇخبىر: ۋەقە سائەت نەچچىدە يۈز بەردى؟
خادىم: جۈمەدىن كېيىن سائەت 2دە.
مۇخبىر: ۋەقە قەيەردە يۈز بەردى؟
خادىم: نەق مەيدانغا مەن بارمىدىم، بىلمەيمەن.
مۇخبىر: نۆۋەتتە تۇرغان ئادەممۇ ۋەقەنىڭ جەريانىنى بىلمەمدۇ؟
خادىم: ھازىر ھەممە ئادەم بەك ئالدىراش، ساقچىلار كىرىدۇ-چىقىدۇ، كىيىم يەڭگۈشلەيدۇ، تاپانچىلىرىغا ئوق تولۇقلايدۇ، ئالدىراش، شۇڭا ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئۇقمىدىم.
**************
مۇخبىر: سوجاڭ مەمتىمىن مەتقاسىممۇ؟
خادىم: ھە، مەن شۇ.
مۇخبىر: خانئېرىقتا يۈز بەرگەن بۈگۈنكى ۋەقەنىڭ باش-ئاخىرىنى دەپ بەرسىڭىز؟
خادىم: مەن ھازىر ئادەم تۇتقىلى كېتىپ بارىمەن، سەل تۇرۇپ دەپ بېرەي.
مۇخبىر: ۋەقەدە قانچە ئادەم ئۆلدى، شۇنى دەپ بېرىڭ؟
خادىم: ياق بۇلارنى دەپ بېرەلمەيمەن.
********************
مۇخبىر: بۇ خانئېرىقتىكى بىر ئائىلىمۇ؟
ئاھالە: شۇنداق، خانئېرىق.
مۇخبىر: بۈگۈن خانئېرىقتا يۈز بەرگەن قانداق ۋەقە؟
ئاھالە: 2-3 ئادەم ئۆلەپتۇ، دەپ ئاڭلىدۇق.
مۇخبىر: قانداق بولۇپ ئۆلۈپتۇ؟
ئاھالە: ھەربىيلەر ئوق چىقىرىپ ئۆلتۈرۈپتۇ دەپ ئاڭلىدۇق. كىشىلەر « ۋەقە يېڭى يولدا يۈز بەرسە، كونا يولدىكىلەرنى ئېتىۋەتتى» دېيىشىۋاتقان.
مۇخبىر: ۋەقە زادى نېمە ۋەقەكەن، قانداق كېلىپ چىقىپتۇ؟
ئاھالە: مەسچىتتىن قايتقانلارنىڭ ئىشى ئوخشايدۇ. ئۆتكەن جۈمەمۇ ۋەقە يۈز بەرگەن ئۇ مەسچىتتە.
مۇخبىر: ئۆتكەن جۈمەكى نېمە ۋەقە ئىكەن؟
ئاھالە: ساقچىلار مەسچىتنى قورشىۋالغان، مەسچىتنىڭ دەرۋازىسىغا قۇلۇپ سېلىپ سىرتقا چىقمايسەن دېگەندىن كېيىن، مەسچىتتىكىلەر، ساقچىلارنى بۆسۈپ چىقىپ كەتكەن. بۈگۈنكىسىمۇ شۇ ئىش بىلەن چېتىشلىق بولسا كېرەك.
مۇخبىر: ئۆتكەن جۈمە ساقچىلارنىڭ مەسچىتنى قورشىۋېلىشى نېمە سەۋەبتىنكەن؟
ئاھالە: مەسچىتنىڭ ئىمامى ھۈكۈمەت دە دېگەننى دېمىگەن ئىشكەن.
مۇخبىر: ساقچىلار گۇماندارلارغا قارىتىپ ئوق چىقارغان گەپمىكەن ياكى قارىسىغا ئوق چىقارغانمۇ؟
ئاھالە: كىشىلەر كونا يولدا 4-5 كىشىنىڭ قانغا مىلىنىپ ياتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ، پۇتىغا ئىككى پاي ئوق تەككەن كىشى بىر قولى يوق مېيىپ كىشى ئىكەن.
************
مۇخبىر: ۋەقە ھەققىدە جەمئىيەتتە نېمە گەپلەر بار؟
ئاھالە: 8 -دادۇيدىكى مەسچىتتىكىلەر نامازدىن كېيىن 7 -دادۇيگە قاراپ « ئاللاھۇئەكبەر» دەپ توۋلاپ مېڭىپتۇ، ،موتوسېكىلىتلار بىلەن، ساقچىلار كەينىگە چۈشۈپتۇ، ئۇلار 2 كىلومېتىرچە ماڭغاندىن كېيىن ساقچىلار ئوق چىقىرىپتۇ.
مۇخبىر: ئۇلار موتوسېكىلىتلار بىلەن 7 -دادۇي تەرەپكە قاراپ ماڭغاندا نېمە مەقسەت بىلەن مېڭىپتۇ، بىرسىنى يوقلىغىلىمۇ، ياكى توپلىشىپ بىر ئىشقا نارازىلىق بىلدۈرگىلىمۇ؟
ئاھالە: ئۇنى ئۇقمىدىم. بۇ بەك جىددىي بىر ئىشكەن، ھەممىزنى سېكرىتار ئۆيدىن تالاغا چىقماڭلار دېدى، ئۆيدىن چىقماي ئولتۇردۇق.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، خانئېرىقتىكى بىر مەسچىت جامائىتى بىلەن خانېرىقتىكى خىتاي ساقچىلىرى ئارىسىدا يېقىندا بىر ئىختىلاپ پەيدا بولغان ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ساقچىلار مەزكۇر جامائەتكە قارىتا كونتروللۇقنى كۈچەيتكەن، نەتىجىدە بۈگۈنكى قانلىق ۋەقە كېلىپ چىققان. ۋەقەدە ساقچىلار توپلىشىپ ئۆيلىرىگە قايتقان ياكى توپلىشىپ نارازىلىق بىلدۈرۈشكە ماڭغان جامائەتكە ئوق چىقارغان. ئوققا تۇتۇشتا ئاز دېگەندە ئىككى كىشى ئۆلگەن ۋە بىر كىشى يارىلانغان. بۈگۈن خىتايچە ب ب س نىڭ خوتەن خانئېرىقتىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىدىن قارىغاندا، خانئېرىقتىكى بىر تۈركۈم ياشلار ئىتتىپاق مەيدانىغا توپلىنىپ، مەلۇم بىر نەرسىگە ئوت يېقىپ كۆيدۈرگەن. نەتىجىدە ساقچىلار بىلەن ياشلار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان.
0:00 / 0:00