خوتەن ۋىلايەتلىك ئارخىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئۆمەرجان ھەسەن بىلەن كېرىيە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كاتىپى ئېلىجان ئەخمەتنىڭ بۇلتۇر 5 -ئايدا ئىككى يۈزلىمىچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ 11 يىللىقتىن كېسىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. خوتەن ۋە كېرىيەدىكى ئالاقىدار خادىملار ئۇلارنىڭ نۆۋەتتە ئىش ئورنىدا يوقلۇقىنى دەلىللىگەن بولسىمۇ، ئەمما كېسىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئېغىز ئاچمىدى. ئۆمەرجان ھەسەن بىلەن ئېلىجان ئەخمەتنىڭ مۇھاجىرەتتىكى دوستلىرى ئۇ ئىككىسىنىڭ كورلىدىكى جازا لاگېرىدا ئىكەنلىكىدىن ئىشەنچلىك مەنبەلەر ئارقىلىق خەۋەر تاپقانلىقىنى ئېيتتى.
يېقىندا ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، خوتەن ۋىلايەتلىك ئارخىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئۆمەرجان ھەسەن بىلەن كېرىيە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كاتىپى ئېلىجان ئەخمەتنىڭ بۇلتۇر 5 -ئايدا «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ 11 يىللىقتىن كېسىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە بۇ يىل 39 ۋە 35 ياشلاردا بولغان ئۆمەرجان بىلەن ئېلىجان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكۇلتېتلىرىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن كەسپىي جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكى بىلەن خىزمەتتە تېز كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە مۇھىم ئورۇنلارغا ۋەزىپىگە قويۇلغان. يىللاردىن بېرى ئەتىۋارلىنىپ ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان بۇ ئىككى كادىر، بۇلتۇر ئۇيغۇر رايونىدا «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» كە زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلانغاندا، دەسلەپكى زەربە نىشانلىرىغا ئايلانغان. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ئىككىسى خىزمەت ئورنىدا خىتايغا قارشى ھەرقانداق بىر ئاشكارا سۆز ھەرىكەتلەردە بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىدىن ئۈستۈن ئەمەلدارلارغا خۇشامەت قىلىپ كەتمىگەنلىكى، ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» لەرگە قارشى قەسەمياد يىغىنلىرىدا ئاكتىپلىق بىلەن ئالدىغا چىقمىغانلىقى ئۈچۈنلا زەربە نىشانىغا ئايلانغان. يەنە ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، سوتتا ئۇلارنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىشىگە، ئۇلارنىڭ بىرقانچە يىل ئىلگىرى 1989-يىلى بېيجىڭدا يۈز بەرگەن تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى ھەققىدىكى ئىنگلىزچە بىر خەۋەرنى توردىن كۆرگەنلىكى باھانە قىلىنغان.
بىز ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ بۇ بايانلىرىنىڭ توغرا خاتالىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن خوتەندىكى ئالاقىدار ئىدارە ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق. خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ بىر خادىمى، ئۆمەرجان ھەسەن ئىسىملىك بىر ئىدارە باشلىقىنىڭ بولغانلىقىنىمۇ ئىنكار قىلدى. كېرىيە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى، بۇ يەردە ئېلىجان ئەخمەت ئىسىملىك بىر كادىرنىڭ بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭ جازالانغانلىقىنىمۇ ئىنكار قىلمىدى. ئۇ ئېلىجان ئەخمەت ھەققىدە ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىدىن مەلۇمات سورىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. بىز ئۇنىڭدىن ئېلىجان ئەخمەتنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى ئېنىقلايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلاردىن بىرىنى چاقىرىپ بېرىشىنى سورىدۇق. ئۇ چاقىرىپ بەرگەن ئۇيغۇر رەھبىرى كادىر ئېلىجان ئەخمەتنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىشىمىز بىلەن سۆزىدىن توختاپ قالدى. ئۇ ئېلىجان ئەخمەت ھەققىدىكى ھەرقانداق بىر سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشكە پېتىنالمىدى:
- ئۇنداق بولسا، ئېلىجان ئەخمەت ئىش ئورنىدا بار، ئىشلەۋاتىدۇ دېيەلەمسىز؟
- ......
- ئېلىجان ئەخمەتنىڭ ئايالى قايسى ئورۇندا ئىشلەيدۇ؟
- ......
كېرىيە ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ يەنە بىر خادىمىمۇ، ئۆزىنىڭ بۇ ئورۇنغا يېڭى ئىكەنلىكىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.
نۆۋەتتە نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان، ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونىدا تۆۋەنگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى قاتارىدا كېرىيەدە ئىككى يىل خىزمەت قىلغان، سىياسىي كۆزەتكۈچى زۇمرەت خانىم، ئۆمەرجان ھەسەن بىلەن ئېلىجان ئەخمەتنىڭ ھەر ئىككىسىنى تونۇيدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇلتۇر كېسىلگەنلىكى ھەققىدە بىرقانچە كىشىدىن ئېنىق ئۇچۇر ئالغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۆمەرجان ھەسەن بىلەن ئېلىجان ئەخمەتنىڭ ئۆزىدە ئەتراپلىق بىلىمى ۋە دۇرۇس كىشىلىك پەزىلىتى بىلەن تەسىر قالدۇرغانلىقىنى بايان قىلغان زۇمرەت خانىم، بۇ ئىككىسىنىڭ كېسىلىشىگە، ئۇيغۇر رايونىدا نۆۋەتتە ئەۋجىگە چىققان سىياسىي بوران-چاپقۇننىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئىككى مەھكۇمنى بۇرۇندىنلا تونۇيدىغان كېرىيەلىك بىر مۇھاجىر، ئىككىسىنىڭ كېسىلگەنلىك خەۋىرىنى بىرقانچە ئاي بۇرۇن ئاڭلاپ ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈردى.