ئاشكارىلىنىشىچە خىتاي دائىرىلىرى خوتەن شەھىرىنىڭ ئىلچى يېزا گازون كەنتىدە ئاتالمىش «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» بىلەن شۇغۇللانغان مەمتىمىن مەتتۇرسۇننى 4 يىللىق، ئۇنى قانات ئاستىغا ئالغان كەنت ئامانلىق مۇدىرى جېلىل ئابدۇللانى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلەپ 17 يىللىق كەسكەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاتالمىش «جىنايەتچى» گە قارىغاندا «قانات ئاستىغا ئالغۇچى» نى 4 ھەسسە ئارتۇق جازالىشى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان گېرمانىيەدىكى سىياسىي كۆزەتكۈچى پەرھات يۇرۇڭقاش ئەپەندى، دائىرىلەرنىڭ بۇ خىل جازا تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا مىللىي مېھىر-مۇھەببەتنى ۋە ئىنسانىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
بىز ئۆتكەندە خوتەننىڭ ئىلچى يېزىسىدا 400 نەچچە ئائىلىلىك گازون كەنتىدە ھەر ئىككى ئائىلىدىن بىردىن مەھبۇس بارلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق. گازوندىكى كەنت كادىرلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەنە شۇ كەنتتىكى مەھبۇسلاردىن بىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەڭ ئېغىر كېسىلگىنى، سابىق كەنت ئامانلىق مۇدىرى جېلىل ئابدۇللا؛ ئۇنىڭ قىلمىشى «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» بىلەن شۇغۇللانغان مەمتىمىن مەتتۇرسۇننى قانات ئاستىغا ئېلىش؛ يەنى قانۇن ئورگانلىرى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئۈچۈن كەنتكە كەلگەندە، يەر ئاستى دىنىي تەلىم تېلىپ بېرىۋاتقان مەمتىمىن مەتتۇرسۇننى قاچۇرۇۋېتىش.
ئەجەبلىنەرلىكى، دائىرىلەر ئاتالمىش ئەسلى «جىنايەتچى» نى 2016-يىلى 4 يىللىق، ئۇنى «قانات ئاستىغا ئالغۇچى» ئامانلىق مۇدىرى جېلىل ئابدۇللانى 17 يىللىق كەسكەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نۆۋەتتە داۋام قىلىۋاتقان تۇتقۇن ۋە كېسىملەرنى قانۇنىي نۇقتىدىن ئىزاھلاش مۇمكىن ئەمەس؛ ئۇنداقتا، بۇ ئىجرائاتلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي نۇقتىدىكى كۆرۈنۈشى زادى قانداق؟ ئۇنىڭ ماھىيىتى نېمە؟ بۇ سوئالىمىزغا گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى پەرھات يۇرۇڭقاش ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «خىتاي دائىرىلىرى دەۋرلەردىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ تەشكىللەش ۋە تەشكىللىنىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە يوقىتىشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتىدۇ؛ دائىرىلەر بۇنى ئىقتىسادىي جەھەتتە نامرات قالدۇرۇش ۋە مائارىپ جەھەتتىن ئارقىدا قالدۇرۇشتىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆزئارا مىللىي مېھىر-مۇھەببەتنى ئاجىزلاشتۇرۇش، ئۆز-ئارا بىر-بىرىدىن قېيىداش، بەختسىزلىكلىرىنى بىر-بىرىگە دۆڭگەش پسىخىكىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ؛ خىتاينىڭ قانات ئاستىغا ئالغۇچىلارنى جازالاش، جازالىغاندىمۇ ئېغىر جازالاش تەدبىرى خىتاينىڭ رايوندا يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى مىللىي بىرلىكنى بۇزۇشتىكى يۈزلەرچە تەدبىرىدىن بىرى.»
جېلىل ئابدۇللانىڭ 17 يىللىق كېسىلىشىدە، ئۇنىڭغا ئارتىلغان «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» جىنايىتىنىڭمۇ مۇھىم رولى بارلىقىنى تەكىتلىگەن پەرھات ئەپەندى، خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر كادىرلارنى مىللىي مەسىلىدە تېخىمۇ ئېنىق سەپ ئايرىشقا قىستاۋاتقانلىقىنى، يەنى ئۇيغۇر كادىرلارنى ئۆز مىللىتىدىن ئاشكارا ھالدا يۈز ئۆرۈشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.