گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى 2018-يىلى 6-ئايدىن بۇيان، گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامىستېردامدا يالغۇز كىشىلىك نارازىلىق نامايىشى ئارقىلىق، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلار ئەھۋالىنى ئاڭلىتىپ كەلمەكتە.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئابدۇرېھىم ئەپەندى، ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ خىل نارازىلىق بىلدۈرۈش يولىنى تاللىغانلىقى ۋە يېرىم يىلدىن بۇيان ئۆزى توپلىغان تەجرىبىلىرىنى ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2017-يىل 5-ئايدىن باشلاپ ئاقسۇ ئۇچتۇرپاندىكى ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىسى ئۈزۈلگەن. شۇندىن بۇيان ئۇ ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن گوللاندىيەدىكى پارلامېنت ئەزالىرىغا خەت يېزىش، ئائىلە ئەزالىرى ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا گۇۋاھلىق بېرىش، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇيۇشتۇرغان نامايىشلارغا قاتنىشىش قاتارلىق بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن.
ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى گوللاندىيە پايتەختى ئامىستېردامدىكى دام مەيدانىدا ئۆزى كۆرگەن بىر پەلەستىنلىكنىڭ يالغۇز كىشىلىك نامايىشىدىن ئىلھام ئېلىپ، بىر كىشىلىك نامايىشىنى باشلىغان. 2018-يىلى 6-ئايدىن بۇيان ئۇمۇ ھەر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرىدىكى دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئامىستېردامدىكى دام مەيدانىدا يالغۇز كىشىلىك نارازىلىق نامايىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
يېرىم يىل جەريانىدا داۋاملاشتۇرغان پائالىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ، دەسلەپكى كۈنلەردە ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغان بولسا، كېيىنكى چاغلاردا ئۆز خىراجىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشلەر يېزىلغان تاختا، خەرىتە ۋە يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ۋە ئۇ يەرلەردە ئۆلۈپ كەتكەن ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ فوتو سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەن لوزۇنكىلارنى تىكلەش ئۇسۇلى قوللانغان.
ئۇ يەنە تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تەييارلاپ، بۇلارنى ساياھەتچىلەرگە تارقىتىش، چۈشەندۈرۈش ھەتتا ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان.
ئۇنىڭ يالغۇز كىشىلىك نامايىشى دام مەيدانىغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ، تەتقىقاتچىلارنىڭلا دىققىتىنى قوزغىغان ۋە كېيىنكى چاغلاردا ئۇنى ئىزدەپ كېلىدىغان مۇخبىرلارمۇ كۆپەيگەن. ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقان تەتقىقاتچىلار، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئەھۋاللارنى ئىگىلەيدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن. ئۇنىڭ يالغۇز كىشىلىك نامايىشى ھەققىدە «ۋال سترېت ژۇرنىلى» گېزىتى قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلاردا ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە خەۋەرلەر بېرىلگەن.
ئۇ بايانىدا ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار ئۆز تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىشتا ئۆزىنىڭ شارائىتى، تۇرۇۋاتقان دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۆزىگە خاس ئۇسۇللارنى تاللىسا بولىدىغانلىقىنى تەۋسىيە قىلدى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى سۆھبەت ئۇلىنىشىدىن ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00