خىتاينىڭ «خەلق پوچتا-تېلېگراف گېزىتى» دە 23-ماي بېرىلگەن ئۇقتۇرۇشتا، خىتايدا ماقۇللانغان «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، بۇ يىل ئاخىرىغىچە 90% خىتاي ئاھالىسىنىڭ شەخسى تېلېفونىنى كىملىك بويىچە تىزىملاش خىزمىتىنى تاماملاپ، كېلەر يىلى يەنى 2017-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن ئىلگىرى بارلىق تېلېفونلارنى كىملىك بويىچە تىزىملاش ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي ھۆكۈمىتى 2013-يىلدىن باشلاپ تېلېفونلارنى كىملىك بويىچە تىزىملاشنى باشلىغان بولۇپ، دائىرىلەرنىڭ بۇ پىلانىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىدا ئەندىشە قوزغىغانلىقى توغرىسىدا ئىنكاسلار كۆپەيمەكتە.
خىتاي تېلېفون -ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئالاقىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى بارلىق ئۇچۇر-ئالاقە شىركەتلىرى تېلېفون ئابونتلىرىغا تېلېفون قىلىش، قىسقا ئۇچۇر يوللاش، مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تېلېفون ئىگىلىرىدىن كىملىك بويىچە تىزىملىتىشنى تەلەپ قىلىشى، بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە كىملىك بويىچە تىزىمغا ئالدۇرمىغانلارنىڭ تېلېفونىنى توختىتىشى تەلەپ قىلىنغان.
مەزكۇر ئۇقتۇرۇش نۆۋەتتە خىتاي ئۆلكىلىرىدە نارازىلىق كەيپىياتىنى كۈچەيتىۋەتكەن. تورداشلار ئۆز ئىنكاسلىرىدا «دائىرىلەر تەرىپىدىن يولغا قويۇلۇۋاتقان تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت مۇلازىمىتىدە كىملىك تەلەپ قىلىش تۈزۈمى شۇ شەخسنىڭ ھەرقانداق شەخسى ئۇچۇرى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئىگىلىنىپ تۇرىدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرىدىغان» لىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ قىلمىش ھۆكۈمەت ئۆزى بەلگىلىگەن پۇقرالار كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىغا خىلاپ» دەپ تەنقىدلىدى.
نارازىلىق ئىنكاسى يازغان تورداشلاردىن تور ئىسمى ئەي ۋۇ ئىسىملىك بىر تورداش رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.
ئەي ۋۇ خانىم مۇنداق دېدى: «ھازىر بۇنداق كىملىك بويىچە تىزىمغا ئالدۇرىدىغان تەلەپلەر بارغانچە كۆپەيگىلى تۇردى. ئالايلۇق، ئاشخانىدا ئىشلىتىلىدىغان پىچاق سېتىۋالسىڭىزمۇ كىملىكنى كۆرسىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئەمما 80 مىليون كومپارتىيە ئەزاسى ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى يوشۇرۇن مال-مۈلكى كىملىك بويىچە تىزىمغا ئېلىنغىنى يوق، مېنىڭچە بۇلارنىمۇ كىملىك بويىچە تىزىمغا ئالدۇرۇش كېرەك. ئەنە شۇندىلا بىز پۇقرالاردا باراۋەرلىك تۇيغۇسى بولىدۇ. ئۇندىن باشقا بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ 3-4 -خوتۇنلىرى، ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئاشنىلىرى، قانۇنسىز تاپقان بالىلىرىمۇ بىر-بىرلەپ كىملىك بويىچە تىزىمغا ئېلىنىشى كېرەك. شەخسىيەتكە ياتىدىغان ھەممە مەخپىيەتلىكلەر ئاشكارىلانسۇن! قېنى، ئۇلارمۇ ھەممە مەخپىيەتلىكلىرىنى ئاۋامغا ئاشكارىلىۋېتىپ ئازادە يۈرۈپ باقمىسۇنمۇ؟!»
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2016-يىلى 5-ئايغا قەدەر خىتايدا تېلېفوننى رەسمىي كىملىكى بويىچە تىزىمغا ئالدۇرغۇچىلار 92% كە يەتكۈزۈلگەن. ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە تىبەت ئاپتونوم رايونى قاتارلىق جايلاردا تېلېفوننى كىملىك بويىچە تىزىملىتىش 2013-يىلدىن باشلاپ يولغا قويۇلۇپ، ئومۇملاشتۇرۇلۇپ بولغان. خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قارىتىلغان تېلېفون-ئۇچۇر، ئىنتېرنېت كونتروللۇقىنىڭ ھەرقانداق ئىچكىرى خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدىنمۇ قاتتىقلىقى تەكىتلەنمەكتە.
ئۇيغۇر رايونىنىڭ سانجى شەھىرىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خۇ جۈن ئەپەندى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دائىرىلەرنىڭ خېلى ئىلگىرىلا تېلېفوننى كىملىك بويىچە تىزىملىتىش تۈزۈمىنى ئومۇملاشتۇرۇپ بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تېلېفون-ئۇچۇر ئالاقىسىنىڭ كونتروللۇقى پۇقرالاردىكى ئەنسىرەش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خۇ جۈن ئەپەندى مۇنداق دېدى: «تېلېفوننى كىملىك بويىچە تىزىملىتىش يولغا قويۇلغان بىرقانچە يىلدىن بۇيان، بۇ يەردە باشقۇرۇشمۇ بەك قاتتىق بولدى. ئەگەر تېلېفونىڭىز كىملىك بويىچە تىزىملانمىغان بولسا، دەرھال مۇلازىمەتتىن توختىتىلىدۇ. سەزگۈر ئۇچۇرلار بايقالغانلار قاتتىق جازالانغاچقا ھازىر ھەممە كىشى ئەنسىزلىك ئىچىدە ياشىماقتا.»
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى پىكىر بايان قىلىپ، يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تېلېفون-ئۇچۇر كونتروللۇقىنىڭ پۈتكۈل خىتاي بويىچە ئەڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، دائىرىلەرنىڭ بۇ خىل قاتتىق كونتروللۇقى ۋە باستۇرۇشى سەۋەبلىك نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تېلېفون ئىنتېرنېت ئۇچۇرىدا زىيادە دىققەت قىلىش، ئەقىللىق تېلېفونلارنى ئىشلىتەلمەسلىك ۋەزىيىتى شەكىللەنگەنلىكىنى، سەزگۈر ئۇچۇر سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭمۇ خىتاي بويىچە ئەڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تېلېفون ئۇچۇر كونتروللۇقىنىڭ زىيادە قاتتىقلىقى سەۋەبىدىن، نۆۋەتتە چەتئەللەردە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تېلېفون قىلىشتىنمۇ ئېھتىيات قىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ۋەتەندىكى سىڭلىسىنىڭ ئۆزى بىلەن نورمال ئامانلىق سوراشقىنى ئۈچۈنلا دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى نەقىل ئېلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كونتروللۇق، باستۇرۇشتىكى ئۇچۇر-ئالاقە كونتروللۇقى خەلقئارانىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.