ئىگىلىشىمىزچە، خوتەن ۋىلايىتىدە كۆچمە تېلېفونلاردىكى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋە ئالاقىلەرگە بولغان قاتتىق تەكشۈرۈش بىر ئايدىن بۇيان جىددىي داۋام قىلماقتىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 27-ماي كېچە سائەت 12:00 دىن باشلاپ ئۈندىدار قاتارلىق 17 خىل ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋە ئالاقە ۋاسىتىلىرى خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدە ئىشلىتىشتىن توختىتىلغان. شۇنىڭدىن بۇيان خوتەندىكى ئاۋام پۇقرالار يول-يوللاردا رەسمىي ساقچى ۋە ياردەمچى ساقچىلارنىڭ يانفون تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، ئەمما نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر يەرلىك ئۇيغۇر بۇ ھەقتە ئۆزى كۆرگەن ۋە بىلگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دەسلەپ مەزگىللەردە سەپەرگە چىققۇچىلار ۋە بىر قىسىم گۇمانلىق دەپ قارالغان كىشىلەرنىڭ يانفونىدىكى ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈشتىن باشلانغان بۇ ھەرىكەت نۆۋەتتە كېڭىيىپ، ھەتتا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان ئۇيغۇر خىزمەتچىلەرنىڭ يانفونىنى تەكشۈرۈشكىچە كېڭەيگەن.
ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مەن ئىلگىرى بۇ ئىش پەقەت ئادەتتىكى پۇقرالار بىلەن چەكلەنسە كېرەك دەپ ئويلاپتىمەن، ئەمما يېقىندا بۇنىڭ ھەتتا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەرگە قەدەر ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدىم. شەخسىي ئىش بىلەن ئۆتكەن ھەپتە ھۆكۈمەتنىڭ بىر ئىشخانىسىغا تامغا ئۇرغۇزغىلى كىرگەن ئىدىم. ئادەتتە ئۇلار بىزدەك پۇقرالارغا تامغا ئۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن قانچىلىغان ئورۇنلارنىڭ تونۇشتۇرۇش خېتىنى تەلەپ قىلاتتى، كۆپ سوئاللارنى سورايتتى. ھەر خىل باھانە-سەۋەبلەرنى تېپىپ تامغا بېسىپ بېرىشنى كەينىگە سوزاتتى. ئۇ كۈنى كىرسەم ئىشخانىدا بىرقانچە ئۇيغۇر كادىر بېشىنى كۆتۈرمەستىن ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفونلىرىدىكى ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرگىلى تۇرۇپتۇ. مەن بىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئىلتىماسىمغا تامغا بېسىپ بېرىشنى سورىدىم. ئۇ ئىلتىماسىمنى ئوقۇپمۇ قويمىدى، ھەتتا بېشىنىمۇ كۆتۈرمەستىن تامغىنى ئېلىپ بېسىپ بەردى. ھەيران بولۇپ قارىسام يانفونىدىكى ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرگىلى تۇرۇپتۇ. ئۇلارنىڭمۇ كۆڭلى خاتىرجەم ئەمەسكەن دېگەن خىيال بىلەن ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدىن قايتىپ چىقتىم.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «خوتەندە بىر ناھىيەدىن يەنە بىر ناھىيەگە بارغۇچە نۇرغۇن تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئىلگىرى بۇ پونكىتلاردا ساقچىلار كىملىك تەكشۈرەتتى. يېقىنقى بىر ئايدىن بۇيان ئاپتوموبىل ۋە يولۇچىلارنىڭ سومكىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرىدىغان بولدى. ئەگەر يولۇچىلارنىڭ يانفونلىرى تورغا ئۇلىنىدىغان يۇقىرى ئىقتىدارلىق تېلېفون بولسا دەرھال ئېلىۋېلىپ ئىچىگە ئەكىرىپ سىرتتىن قوبۇل قىلغان ياكى ئۆزى يوللىغان ئۇچۇر ۋە خەۋەرلەرنى بىرمۇ-بىر تەكشۈرىدۇ. ناۋادا تېلېفوندىن گۇمانلىق ئۇچۇر ياكى دىنىي مەزمۇندىكى يازمىلار بايقىلىپ قالسا، شۇ كىشىنىڭ تۈگەشكىنى شۇ. شۇنداق بولغاچقا ھازىر خوتەندە كۆپ ساندىكى كىشىلەر يۇقىرى ئىقتىدارلىق قىممەت تېلېفونلارنى ئىشلەتمەيدىغان بولدى. ئادەتتىكى تېلېفونلارنى ساقچىلار ئانچىمۇ تەكشۈرۈپ كەتمىگەچكە كىشىلەر شۇنى ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئايفون تىپىدىكى قىممەت تېلېفونلارنىڭ خوتەندە بازىرى كاساتلاشتى. ھازىر ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىمۇ بۇنداق تېلېفونلارنى ئىشلىتىشتىن ئەنسىرەۋاتقان يەردە، ئادەتتىكى پۇقرالار تېخىمۇ ئىشلەتمەيدۇ-دە!»
ئۇ يەنە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى بايان قىلدى: «ئىلگىرى ئۈرۈمچىگە بېرىپ قالساق، خەنزۇلاردىن يانفون سىمكارتلىرىنى خالىغانچە سېتىۋالاتتۇق. ئۇلار كىملىك نومۇرىمىزنى تىزىملىمايلا سېتىپ بېرەتتى. بىز بۇ تېلېفون كارتىنى ۋاقىتلىق ئىشلىتىپ، يۇرتقا قايتىدىغان ۋاقتىمىزدا تاشلىۋېتەتتۇق. ھازىر ئۇنداق ئەھۋاللار قالمىدى. تېلېفون سىمكارتى ئېلىش ئۈچۈن تېلېگراف شىركىتىگە بېرىپ كۈن بويى ئۆچىرەت تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇلار كىملىك نومۇرىمىزنى تىزىمغا ئېلىپ نۇرغۇن رەسمىيەتلەر بىلەن ئاندىن نومۇرنى بېرىدۇ. بۇنى خالىغانچە تاشلىۋەتكىلى بولمايدۇ. ئۇنى توختىتىش ئۈچۈن مەخسۇس يەنە كۆچمە ئالاقىلىشىش ئىدارىسىگە بېرىپ كىملىك بويىچە نومۇرنى توختىتىشقا توغرا كېلىدۇ.»
ئۇ ئاخىرىدا يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ھازىر خوتەن تەۋەسىدە يانفون ئارقىلىق چەتئەللەرگە تېلېفون ئۇرغىلى بولمايدۇ. ئىلگىرى تورغا ئۇلىغىلى بولىدىغان يۇقىرى ئىقتىدارلىق تېلېفونلاردىكى ئۈندىدار قاتارلىق ئاممىۋى ئۇچۇر-ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىپ چەتئەللەردىكى تۇغقانلار ۋە دوستلار بىلەن ھەقسىز ئالاقىلىشالايتتۇق. ھازىر ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ئۇرۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ تېلېگراف ئىدارىلىرىگە بېرىپ كىملىك نومۇرىمىزنى تىزىملىتىپ ئۇرىدىغان گەپ. ئىشقىلىپ خەلققە قىيىن بولۇۋاتىدۇ.»
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.