ئامېرىكا - خىتاي ئىستراتېگىيە - ئىقتىساد دىئالوگى 11 - ئىيۇل كۈنى ئاياقلاشتى. سۆھبەتتە خىتاينىڭ تاشقى ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى ياڭ جېچىنىڭ «ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر تارىختىكى ئەڭ ياخشى شارائىتتىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ» دېگەن سۆزى، كۆپلىگەن خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا تىلغا ئېلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتە بارغانچە يامانلىشىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەنچىلىكى مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندى.
10 - ئىيۇل ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتوندا باشلانغان ئامېرىكا - خىتاي ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆھبىتىدىن كېيىن، خىتاينىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل دۆلەت كومىسسارى ياڭ جېچى پەيشەنبە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ، خىتايدا بارغانچە يامانلىشىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى تەنقىدىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ «شىزاڭ خەلقى تارىختا كۆرۈلمىگەن مىسلىسىز بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خەلق تارىختا كۆرۈلمىگەن ئەركىنلىكتىن بەھرىمان بولۇۋاتىدۇ. ئەكسىچە، ئامېرىكا ئۆزىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە دىققەت قىلىشى كېرەك» دېگەن.
بۈگۈن گرمانىيە ئاۋازى، ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى ۋە باشقا خەلقئارا ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرى ياڭ جېچىنىڭ بۇ سۆزىنى نەقىل ئېلىپ،ياڭ جېچىنىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ، يېقىندىن بۇيان ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كۆپ قېتىم يۈز بېرىپ، تىنچسىز زېمىن دەپ ئاتالغان، قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتى ۋە ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىقىنى ئىپادىلەۋاتقان تىبەت ۋەزىيىتىنى ئىنكار قىلىش ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويدى.
گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ 12 - ئىيۇل كۈنى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە،«خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتلەر ۋە ئۇيغۇرلارنى بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ، تارىختا ھېچقاچان كۆرۈلمىگەن ئەركىنلىكتىن بەھرىمان بولىۋاتىدۇ دېدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى 1951 - يىلى تىبەتنى بېسىۋالغاندىن بۇيان تىبەتنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باشقۇرۇۋاتىدۇ. 2009 - يىلدىن بۇيان بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالغان تىبەتلىك 110دىن ئاشتى. ئۆتكەن ھەپتە دالاي لامانىڭ 78 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەۋاتقان تىبەتلىكلەرگە ساقچىلار ئوق چىقىرىپ كۆپ ئادەمنى يارىلاندۇردى. ياڭ جېچى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھەر خىل كەمسىتىش ۋە بېسىملارغا نارازى بولۇپ، ئۈزلۈكسىز قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بارماقتا. ئۇيغۇر رايونىدا ئارقا - ئارقىدىن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەردى» دېگەن بايانلار بېرىلدى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن سىياسىي ئانالىزچى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا خىتاينىڭ دىپلوماتى ئاتالغان ياڭ جېچىنىڭ ئاغزىدىن چىققان سۆزلەرنى نەقىل ئېلىپ، بۇنى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر ئۇچراۋاتقان باستۇرۇش ۋەزىيىتى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يالغانچىلىقىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئۆزىنى دىپلومات دەپ ئاتاۋاتقان خىتاي ئەمەلدارىغا قىلىنغان مەسخىرە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئېلشات ئەپەندى يېقىنقى مەزگىلدە ئۇيغۇر ئېلىدا ئارقا - ئارقىدىن يۈز بەرگەن بىرقانچە قېتىملىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى ۋە ئۇيغۇرلار تولۇق قوراللانغان خىتاي ئارمىيىسىنىڭ نازارىتى ئاستىدا رامىزاننى كۈتۈۋالغان ۋەزىيەتنى مىسالغا ئېلىپ،گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئىنكار قىلسىمۇ، ئەمما ئېلىكترونلۇق ئۇچۇر سەھنىسىدە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى، شۇڭا خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ياڭ جېچىنىڭ سۆزلىرىگە قارىتا بۇنداق تەنقىدى ئىنكاسلارنىڭ بولۇشى تەبىئىي ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
10 - ئىيۇل چارشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ۋاشىنگىتوندا باشلانغان ئامېرىكا - خىتاي ئىستراتېگىيە - ئىقتىساد دىئالوگى 11 - ئىيۇل كۈنى ئاياقلاشقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى سۆھبەتكە ئامېرىكا تەرەپتىن مۇئاۋىن پرېزىدېنت جون بايدىن، دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررىي، مالىيە مىنىستىرى جەك لۈۋ قاتارلىقلار، خىتاي تەرەپتىن خىتاي دۆلەت كومىسسارى ياڭ جېچى، مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋاڭ ياڭ قاتارلىقلار قاتناشقان. مەتبۇئات خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە ئىككى كۈن داۋاملاشقان سۆھبەتتە ئامېرىكا خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى بىر قاتار سىياسى ئىقتىسادىي مەسىلىلەر، كورىيە يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش مەسىلىسى قاتارلىقلار مۇزاكىرە قىلىنغاندىن باشقا، ئامېرىكا تەرەپ سىنوۋدىن مەسىلىسى ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلىگەن. يىغىندا ئامېرىكا تەرەپ يەنە، خىتايدا بارغانچە يامانلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى، جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي سىياسىتىدىكى دىنىي ئېتىقاد ۋە باشقا جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلىگەن.
0:00 / 0:00