1 - يانۋار توكيودىكى ياسۇكۇنى مازارلىقى ئالدىدا ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان ئىچكىي موڭغۇل ياشلىرى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خادا ئۈچۈن ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.
19 - يىل خىتاي تۈرمىسىگە قامالغان موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خادا ئۆتكەن يىلى 9 - دېكابىر تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تۈرلۈك بېسىم قىلىشى تۈپەيلىدىن، بۇ ئائىلىنىڭ كىتابخانا ئېچىپ تىرىكچىلىك قىلىشى، ھەتتا ئوغلىنىڭ سىرتتا ئىشلەپ ئاتا - ئانىسىنى بېقىشىمۇ چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن خادا ئائىلىسى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن.
19 يىللىق تۈرمە ھاياتى جەريانىدا تۈرلۈك كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خادانىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىش ئۈچۈن ياپونىيەدىكى ئىچكىي موڭغۇل ياشلىرى ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ، ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچى دايچىننىڭ يىتەكچىلىكىدە توكيودىكى ياسۇكۇنى مازارلىقى ئالدىدا ئىئانە توپلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان.

ياسۇكۇنى بۇزۇرۇكۋالار مازارلىقىنىڭ ئالدىدا خادانىڭ سۈرىتى بېسىلغان ۋە شۇنداقلا «خاداغا ياردەم قىلىڭلار» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن موڭغۇل ياشلىرى يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن مازارلىققا تاۋاپ قىلغىلى كەلگەن ياپونلارغا ئىچكىي موڭغۇلدىكى موڭغۇللارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن تۈرلۈك سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىملارغا ئۇچراۋاتقانلىقى شۇنداقلا خادا ئەپەندىنىڭ تۈرمە ھاياتى ۋە ھازىرقى سالامەتلىك ئەھۋالى بايان قىلىنغان تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقىتىپ، ياپون خەلقىنىڭ خادا ئەپەندىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىشىنى سورىغان.
ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى دايچىن ياسۇكۇنى مازارلىقى ئالدىدا ئىئانە توپلاش ھەرىكىتىنى باشلاشتىن ئىلگىرىكى كۆپچىلىككە قىلغان نۇتۇقىدا ئىچكىي موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى بىپايان كەتكەن يايلاقلارنىڭ ياپ - يېشىل ئورمانلارنىڭ، تاغ - دەريالارنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كان ئېچىشتىن ئىبارەت بايلىق بۇلاش ھەرىكىتى جەريانىدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ زور دەرىجىدە ئېكولوگىيەلىك بۇزۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان.
دايچىن سۆزىدە:«تەبىئەتنىڭ بۇزۇلۇشىغا، بىگۇناھ موڭغۇل خەلقىنىڭ ئېزىلىشىگە چىداپ تۇرالمىغان خادا خىتاي كومپارتىيەسىگە خىتاپ قىلىپ، موڭغۇللارنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش، تەبىئەتنى ۋەيران قىلىشتىن ئىبارەت قەبىھ ھەرىكىتىنى توختىشنى ۋە شۇنداقلا موڭغۇللارغا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كۆپلىگەن ماقاللەرنى ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇ، 19 يىل تۈرمىگە قامالدى» دېگەن.
ئۇ،سۆزىدە:«خىتاي كومپارتىيەسىدىن ئىبارەت بۇ دىكتاتور ھاكىمىيەت ئاستىدا ياشاۋاتقان مۇستەملىكە مىللەتلەرنىڭ تەبىئەتنى ۋە ئىنسانىيەتنى سۆيۈشىمۇ گۇناھ ھېسابلىنىدۇ. تەبىئىي بايلىقى مول بولغان ئىچكىي موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى موڭغۇللار ئۆز بايلىقىغا ئىگە بولۇش ۋە ئۇنىڭدىن ئىقتىسادىي جەھەتتىن پايدىلىنىش ئەمەس، بەلكى ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلەشتىنمۇ مەھرۇم قىلىندى، موڭغۇل مائارىپى خىتاي تىلىغا ئۆزگەرتىلىپ، مەدەنىيىتى يوق قىلىندى، ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە خەلقىمىز ئۆز كىملىكىنى يۈتتۈرۈپ قويدى. موڭغۇللارنىڭ بۇ خىل پاجىئەلىك تەغدىرىگە كۆڭۈل بۆلگەن خادا ئەپەندىدەك موڭغۇل زىيالىيلىرى تۈرمىلەرگە تاشلاندى. ھەتتا بەزەنلىرى تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتتى» دەپ بايان قىلغان.
موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى دايچىن نۇتۇقىدا يەنە، خىتاي تۈرمىلىرىگە قامالغان ئاز سانلىق مىللەت زىيالىيلىرىدىن يالغۇز خادا ئەپەندىملا بولۇپ، قالماستىن بەلكى ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەردىنمۇ كۆپلىگەن زىيالىيلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش سىياسىتىگە قارشى پىكىردە بولۇپ، ئاپتونومىيە ھوقۇقى تەلەپ قىلىپ ماقالە ئېلان قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن مەڭگۈلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ،ئۇيغۇر ئۆكتىچىسى زىياليىسى ئىلھام توختىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن.
ئۇ، سۆزىدە يەنە، تىنچلىقپەرۋەر ياپون خەلقىنى موڭغۇل، تىبەت، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەغدىرىدىن ساۋاق ئېلىپ، ياپون ئاراللىرىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بېسىۋېلىشىدىن ھۇشيار بولۇشقا چاقىرىغان.
دايچىن سۆزىنىڭ ئاخىرىسىدا، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى ۋە خەلقىنى خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەت مەسىلىسىگە، بولۇپمۇ خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ھاياتىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىغان.
پائالىيەت داۋامىدا ياپونىيە مەتبۇئاتلىرى ۋە شۇنداق بىر قىسىم تېلېۋىزىيە قاناللىرى موڭغۇل پائالىيەتچىلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
ئىئانە توپلاش ھەرىكىتى كۆپلىگەن ياپونلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، پائالىيەت ئەتىگەن سائەت سەككىزدىن چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچكە قەدەر داۋاملاشقان.
پائالىيەتتىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۈگۈنكى ئىئانە توپلاش پائالىيىتىنىڭ مەسئۇلى دايچىن سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
- بۈگۈنكى پائالىيىتىمىزگە ئىشتىراك قىلغان ئەزالار ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان ئىچكىي موڭغۇلىيەدىن كەلگەن موڭغۇل ياشلىرى بولۇپ، ئۇلار ئەلۋەتتە خادا ئەپەندىمنى قوللىغۇچىلاردۇر. ئوقۇغۇچىلار خادانىڭ يېقىنقى ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئۆز - ئارا بىر يەرگە جەم بولۇپ، بۇ پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغان. پائالىيىتىمىز ھەقىقەتەن كۆپلىگەن ئاق كۆڭۈل ياپونلارنىڭ ساخاۋىتىگە ئېرىشتى. بىز يىغىلغان ئىئانە پۇللارنى بىر ئامال قىلىپ خادانىڭ رەپىقىسىگە يەتكۈزۈپ بېرىمىز. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خاداغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش چەتئەلدە ياشاۋاتقان ھەر موڭغۇلنىڭ ۋىجدانى بۇرچىمىزدۇر.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.