ياپونىيەنىڭ ناھا شەھىرىدە ئۇيغۇر ۋە ياپونلار بىرلىكتە خىتايغا قارشى نامايىش قىلدى

0:00 / 0:00

29-ئۆكتەبىر ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى ناھا شەھىرىدە ياپون ۋەتەنپەرۋەرلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىللىشى ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

28-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى ناھا شەھىرىدە باشلانغان «شەرقىي تۈركىستان كۈنى» تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە، مەزكۇر شەھەردىكى تارىخىي جاي ھېسابلىنىدىغان شۇجىرو قەلئەسىنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر ۋە ياپونلار بىرلىكتە خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ باردى.

نامايىش ناھا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئوكىناۋانىڭ 6-قېتىملىق ئۇچىنانچۇ بايرىمى كۈنىگە توغرا كەلگەن بولۇپ، مەزكۇر بايرامنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتقان خىتايدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان.

نامايىش شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت ئون يېرىمدىن ئون ئىككى يېرىمغا قەدەر ئىككى سائەت داۋام قىلغان بولۇپ، نامايىشقا بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پروفېسسورلىرى ۋە ناھا شەھىرىدىكى ئانىلار ۋەكىلى، 80 ياشلىق موماي نوخارا خانىممۇ قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.