گۈلىستان خانىم: ياپونلار بىزنىڭ كۈرىشىمىزنى قوللىماقتا

0:00 / 0:00

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بەش يىلدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا توكيودىكى ياسۇكۇنى بۇزۇرۇكۋالار مازىرىنىڭ ئالدىدا، بۇ مازارلىققا تاۋاپ قىلغىلى كەلگەن ياپونلارغا ئۇيغۇر ئېلىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئائىت تۈرلۈك تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى تارقىتىش بىلەن بىرگە، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلارنىڭ سۈرەتلىرىنى بىر-بىرلەپ ئېسىپ، قوللىرىدىكى مىكروفونلار ئارقىلىق غايىبلار ئائىلىسىنىڭ نىداسىنى ئاڭلىتىشتەك تەشۋىقات پائالىيىتىنى ئېلىپ بارماقتا.

بۇ يىلمۇ ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئىلگىرىكى يىللارغا ئوخشاشلا بۇ خىلدىكى پائالىيەتنى ئېلىپ بارغان. پائالىيەت 1-ئاينىڭ 2-كۈنى باشلىنىپ بۈگۈن ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويغان.

بىز مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئىككىنچى كۈنىدىكى ئەھۋالى توغرىسىدا تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، مەزكۇر پائالىيەتكە بەش يىلدىن بۇيان ئىزچىل قاتنىشىپ كېلىۋاتقان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن بىرى گۈلىستان خانىم بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.