توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن جەنۇبىي موڭغۇلىيە يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

0:00 / 0:00

17-يانۋار توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن «جەنۇبىي موڭغۇلىيەنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى» ناملىق سىياسىي مۇھاكىمە سۆھبەت يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ ئاڭلىتىلدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 17-يانۋار توكيودا ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان جەنۇبىي موڭغۇلىيە ئەركىنلىك، دېموكراتىيە فوندىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا «جەنۇبىي موڭغۇلىيەنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى» ناملىق سىياسىي مۇھاكىمە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.

جەنۇبىي موڭغۇلىيەنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە ئائىت بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىغا ئامېرىكا، گېرمانىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان جەنۇبىي موڭغۇلىيە سىياسىي تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ،ئۇندىن باشقا ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تىبەت، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان.

يىغىندا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن سۆز قىلغان، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقلار بىلەن يېقىندا فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەسىنى سېلىشتۇرما قىلغان ھالدا سۆز قىلغان.

بۇ قېتىمقى يىغىن توكيونىڭ يوتسىيا رايونىدا ئېچىلغان بولۇپ، يىغىنغا كۆپلىگەن خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگۈچى ياپونلارمۇ ئىشتىراك قىلغان.
يىغىنغا ئىچكى موڭغۇل ئەركىنلىك، دېموكراتىيە فوندىنىڭ رەئىسى دايچىن رىياسەتچىلىك قىلغان.

يىغىن چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن بەشكە قەدەر داۋاملاشقان.

دىققىتىڭلار، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت بىلەن بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان سۆھبەتتە بولغاي.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.