3-فېۋرال، يەنى يەكشەنبە كۈنى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 1997-يىلىدىكى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 22 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن.
يەكشەنبە كۈنى توكيونىڭ ئەڭ ئاۋات رايونى بولغان شىنجۇكۇ رايونىدا ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچى ياپونلۇقلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىشنىڭ كۆلىمى ۋە تەسىرى ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە قارىغاندا ئالاھىدە زور بولغان. شۇ كۈنى شىنجۇكۇ رايونىدىكى مىڭلىغان كىشىلەر خىتايغا قارشى بۇ نامايىشنى نەق مەيداندا كۆرگەن ۋە تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى ئوقۇغان.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، توكيودىكى نامايىش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەردى. بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتناشقان بىرقانچە نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نامايىشنىڭ تولىمۇ ھەيۋەتلىك ۋە تەسىرلىك بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇلار ياپونىيەدە كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان ۋە ئوقۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىلگىرىكى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك بېسىملىرى سەۋەبىدىن ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشتىن ئېھتىيات قىلىپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇلار يېقىنقى 2 يىلدىن بۇيان ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئېڭىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى، مىليونلارچە ئۇيغۇرنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىشىدەك ئاچچىق رېئاللىقنىڭ بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنى ئويغاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇلار يەنە ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە يۇرتلىرىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى ئۈچۈن سۆزلەش، لاگېرلارغا قامالغان يېقىنلىرىنىڭ قىيىن ئەھۋالىنى ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە ياپون خەلقىگە ئاڭلىتىش كەيپىياتىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ياپونىيەدىكى نامايىشنىڭ تەپسىلاتىنى ۋە ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.
0:00 / 0:00