28-فېۋرال توكيودا چاقىرىلغان «ئىپتىخارلىق ياپونىيەنى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل مەسىلىلىرى بويىچە مەخسۇس دوكلات بېرىلگەن.
بۇ قېتىمقى دوكلات سۆزلەش پائالىيىتىنى ياپونىيە يۇرتداشلار تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەت توكيودىكى ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئەسىگە قاراشلىق مېھمانخانىدا ئېلىپ بېرىلغان.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ياپونىيە يۇرتداشلار بىرلىكى تەشكىلاتى توكيو شۆبىسى «ئىپتىخارلىق ياپونىيەنى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟» دېگەن تېمىدا توكيودا ئىلمىي دوكلات سۆزلەش يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىنغا ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا سۆزگە تەكلىپ قىلىنىپ، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر، تىبەت، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا تەپسىلىي دوكلات بەرگەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۇ قېتىمقى يىغىندا، يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى رايونىغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كۆپلىگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەشنى پىلانلاۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت خىتاينىڭ كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى توغرىسىدا توختالغان.
ياپونىيە ئاسىيا ئەركىنلىكى، دېموكراتىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېڭىشىنىڭ رەئىسى، تىبەتلىك پىما گارپۇر يىغىندا خەلقئارادا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تىبەت ھەرىكىتى ھەققىدە توختالغان بولۇپ، ئۇ،زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ:«مەن دوكلاتىمدا ئاساسەن تىبەتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا توختالدىم. تىبەت مەسىلىسى قارىماققا دۇنياغا تونۇلۇپ كەتكەندەك بىلىنسىمۇ، بىراق بۇنى ھەل قىلىشتىكى ئوخشىمىغان يوللارنىڭ ئاللىقاچان توسۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇنىڭغا يېتەرلىك تەدبىر-چارە قوللانماي سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدىم. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارانىڭ بېسىملىرىغا قىلچە پىسەنت قىلماي تىبەتتە تۈرلۈك باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئىزچىل يولغا قويۇپ،دۇنياغا«تىبەت مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى، خەلقئارانىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق» دېگەندەك سىگناللارنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئاڭلىتىۋاتقانلىقىدىن ئۆزۈمنىڭ ئەپسۇسلىنىۋاتقانلىقىمنى بىلدۈردۈم. مېنىڭ تىبەت مەسىلىسىدە تۇتقان يولۇم مۇستەقىللىق يولى» دېدى.
كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى پىما گارپۇر سۆزىدە يەنە، ھازىرغىچە ياپونىيەدە ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل مەسىلىلىرى ئىزچىل ئاڭلىتىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭغا نىسبەتەن ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەنلىكىنى ۋە شۇنداقلا ھازىرغىچە ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇللارغا بىرەر ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەرمىگەنلىكىدىن ئۆزىنىڭ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جەنۇبىي موڭغۇل دېموكراتىك پارتىيىسىنىڭ باش كاتىپى دايچىن بولسا، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا يېقىنقى يىللاردا يۈز بەرگەن بىر قىسىم ۋەقەلەر توغرىسىدا توختالغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى دايچىن ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى دوكلاتى ھەققىدە توختىلىپ:«مەن خىتاينىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى تۈرلۈك باستۇرۇش سىياسەتلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ۋەقەلەر، موڭغۇللار نوپۇسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېمىيىشى، خەلقئارانىڭ ئىچكى موڭغۇلدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىكىدىن پايدىلىنىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ موڭغۇللارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى تىزلىتىۋاتقانلىقى، چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى، ئۇلارنىڭ خىتايلار بىلەن بولغان ئىقتىسادىي جەھەتتىكى پەرقى، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى يەنى قانۇنسىز كان ئېچىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يايلاقلىرىمىزنى ۋەيران قىلىپ، تۇپراقلىرىمىزدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېكولوگىيەلىك بۇزغۇنچىلىقلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالدىم» دېدى.
ئىلھام ماھمۇتنىڭ ئېيتىشىچە «ئىپتىخارلىق ياپونىيەنى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل مەسىلىلىرى بويىچە مەخسۇس دوكلاتلار بېرىلگەندىن كېيىن يىغىندا بىر قىسىم سوئاللار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
پائالىيەت شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت بىر يېرىمدىن تۆت يېرىمغا قەدەر داۋاملاشقان بولۇپ، دوكلات بېرىش پائالىيىتىگە كۆپ ساندىكى ۋەتەنپەرۋەر ياپونلار ئىشتىراك قىلغان.
ياپونىيەدىكى ئۇچۇر مەنبەلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىپتىخارلىق ياپونىيەنى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى تەشكىللىگەن ياپونىيە يۇرتداشلار تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش ئەسكىرىي قىسمىدىن دەم ئېلىشقا چىققان گېنېرال، ئوفىتسېرلار ۋە شۇنداقلا پېشقەدەم جەڭچىلەردىن تەركىب تاپقان ئىكەن.
ياپونىيەدىكى بىر قىسىم سىياسىي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ياپون ۋەتەنپەرۋەر تەشكىلاتلىرى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ياپونىيە جەمئىيىتىگە ئاڭلىتىش ۋە بۇ ھەقتە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ياپون خەلقىنى خىتايدىن ھوشيار تۇرۇشقا چاقىرىدىكەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.