3-ئاۋغۇست ياپونىيەنىڭ قەدىمكى پايتەختى كيوتو شەھىرىدىكى مەدەنىيەت سارىيىنىڭ زالىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتىگە دائىر دوكلات سۆزلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.
ياپونىيە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان مەزكۇر دوكلات سۆزلەش پائالىيىتىگە باش شتابى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە فوندىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ دوكلات بەرگەن. دوكلات سۆزلەش يىغىنى كەچ سائەت بەشتىن سەككىزگە قەدەر داۋاملاشقان.
دوكلات سۆزلەش يىغىنىغا كيوتو شەھىرىدىكى ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگۈچى كۆپ ساندىكى كىشىلەر قاتناشقان.
ياپونىيەدىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بىلەن مەزكۇر دوكلات سۆزلەش يىغىنى ھەققىدە تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردى.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.