ياپونىيەدىكى موڭغۇل، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلار بىرلىشىپ، 9-نويابىر كۈنى خىتاينىڭ توكيودىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى. ياپونىيەدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى تۇرمەمەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىشنىڭ مەقسىتى، خىتاينىڭ ئىچكى موڭغۇلدىكى ئۆكتىچى خادا ۋە ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئىكەن.
خادا 1996- يىلى جەنۇبىي موڭغۇلىيە دېموكراتىيە ئىتتىپاقى ناملىق ئۆكتىچى تەشكىلات قۇرۇپ، 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇ 2010-يىلى قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر نەزەربەند ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىدى. ئىلھام توختىنى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلغان.
مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تۇرمەمەت ھاشىم، بۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ 12-نويابىر ئىككى قېتىملىق ش. ت. جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان خاتىرە كۈن ھارپىسىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنىڭ ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى بىلدۈردى.