ياپونىيەدە تەسىرى بىر قەدەر زور بولغان مەجمۇئەلەردىن «ياپونىيە ئىقتىساد» ژۇرنىلىنىڭ 12-سانىدا دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
مەزكۇر ژۇرنالنىڭ 12-سانى ژۇرنال نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 45 يىللىقىغا بېغىشلانغان ئالاھىدە سانى بولۇپ، ژۇرنال مۇقاۋىسىغا سابىق ياپونىيە مالىيە مىنىستىرى يۈكو ئوبۇچى خانىمنىڭ سۈرىتى بېرىلگەن.
مەزكۇر ماقالىدە 1990-يىللاردىن كېيىن سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا يېڭىدىن قۇرۇلغان تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئويغىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ تارىختا قۇرۇلغان ئۆز جۇمھۇرىيەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولغانلىقىنى، 1990-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن بارىن ئىنقىلابىدىن قاتتىق چۆچۈگەن بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئەتراپلىق باستۇرۇش ئۈچۈن 1996-يىلى مەخسۇس «7-نومۇرلۇق ھۆججەت» ھازىرلاپ، بۇ ھۆججەتنىڭ روھى بويىچە ئۇيغۇر ئېلىدا كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغانلىقىنى بايان قىلغان. ماقالىدە شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن.
بىز مەزكۇر ماقالە ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىقى ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتنى ئاڭلاڭ.