باي ياقائېرىق ھۇجۇمچىلىرىنى باستۇرغان ئالاھىدە ساقچى باشلىقى باي كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىنىڭ ئوقىدا ئۆلگەن

باي ياقائېرىق ھۇجۇمچىلىرىنى باستۇرغان ۋە كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىنىڭ ئوقىدا ئۆلگەن ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى باشلىقى شياۋ كېيۈن
باي ياقائېرىق ھۇجۇمچىلىرىنى باستۇرغان ۋە كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىنىڭ ئوقىدا ئۆلگەن ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى باشلىقى شياۋ كېيۈن (Photo: RFA)

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ 2015 - يىللىق قەھرىمانلار تىزىملىكىدىكى بىر تونۇشتۇرۇش18 - سېنتەبىر باي ۋەقەسىنىڭ يەنە بىر تەپسىلاتىنى رەسمىي ھالدا ئاشكارىلىدى. خىتاي ھازىرغا قەدەر باي ۋەقەسىدە ئۆلگەن 9 نەپەر ساقچىدىن ساقچى باشلىقى مەمەتنىياز توختىنىيازنىڭ ئۆلۈم جەريانىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، قالغانلىرى ھەققىدە رەسمىي مەلۇمات بەرمىگەن. مەزكۇر تىزىملىكتىن ئاشكارىلىنىشىچە، بايدا ئۆتكەن يىلى 17 - فېۋرال كۈنى يۈز بەرگەن ياقائېرىق ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قوماندانلىق قىلغان ۋە خىزمەت كۆرسەتكەن باي ناھىيىلىك ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شياۋ كېيۈن 18 - سېنتەبىر كۈنى باي كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىنىڭ ئوقىدا ئۆلگەن.

خىتاي باي كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش داۋامىدا پەقەت مەمەتنىياز توختىنىياز قاتارلىق 6 نەپەر ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى رەسمىي يوسۇندا ئېلان قىلغان، ئەمما ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى باشلىقى شياۋ كېيۈن قاتارلىق يەنە 3 نەپەر ساقچىنىڭمۇ بۇ ۋەقەدە ئۆلگەنلىكى خىتاي خەۋەرلىرىدە تىلغا ئېلىنمىغان؛ بۇلار پەقەت مەلۇم بىر خاتىرىلەش مۇراسىمى ھەققىدە جەمئىيەتكە تارقالغان بىر ئۈندىدار ئۇچۇرى ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئاشكارىلانغان.

خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى «ئىنقىلابىي قۇربانلار تىزىملىكى» دە ئەنە شۇ ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى باشلىقى شياۋ كېيۈن ھەققىدە نىسبەتەن تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن. تىزىملىكتە بايان قىلىنىشىچە، ئاتالمىش قەھرىمان شياۋ كېيۈن2005 - يىلى خىتاي ئالاھىدە قوراللىق قىسمىنىڭ قارىماي ئەترىتىگە قوبۇل قىلىنغان، 2012 - يىلى خىزمەتكە چىققان، بۇلتۇر 17 - فېۋرال كۈنى باي ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن ياقائېرىق ۋەقەسىنى بېسىقتۇرۇشتا ئالاھىدە ساقچى ئوتتۇرا ئەترىتىگە قوماندانلىق قىلغان. ئۇ شۇ قېتىمقى قوماندانلىقىدا«سەپنىڭ ئالدىدا تۇرۇش، گۇماندارلارنى كەسكىن ۋە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتە خىزمەت كۆرسەتكەن.»

ئەينى چاغدا ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، ياقائېرىق ۋەقەسى ساقچىلارنىڭ ئۆي تەكشۈرۈشى ۋە بېسىپ كىرگەن بىر ئۆيدە ئۆي ئىچىدە توپلىشىپ ئولتۇرغانلارغا زوراۋانلىق قىلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان.

ۋەقەگە چېتىشلىق گۇماندارلاردىن تۇرغۇن بىلال، ئابلىز ئابلا، ئازادەم نۇر قاتارلىقلارنىڭ بۇ قارشىلىق ھەرىكىتىدە ئىككى تەرەپتىن ۋە يولدا ئۆتكەن - كەچكەن ۋەقەگە مۇناسىۋەتسىز كىشىلەردىن بولۇپ جەمئىي 17 كىشى ئۆلگەنلىكى ئايدىڭلاشقان.

خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى«قەھرىمانلار» تىزىملىكىدە بايان قىلىنىشىچە، باي ناھىيىلىك ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان شياۋ كېيۈن ياقا ئېرىق ۋەقەسىنىڭ گۇماندارلىرىنى ئاختۇرۇش ۋە تۇتۇش ئوپېراتسىيەسىدە 3 كېچە، 4 كۈندۈز ۋەزىپە ئىجرا قىلغان، بۇ جەرياندا 30 نەچچە گۇماندارنىڭ، جۈملىدىن ئىككى غوللۇق گۇماندارنىڭ تۇتۇلۇشىدا خىزمەت كۆرسەتكەن. تىزىملىكتە شياۋ كېيۈنننىڭ ياقائېرىق گۇماندارلىرىنى ئوققا تۇتقۇچىلار ئارىسىدا بار - يوقلۇقى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ ئەمما، ئۇنىڭ بۇ باستۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئالغانلىقى ۋە خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى مەدھىيىلەنگەن.

قەھرىمانلار تىزىملىكىدە بايان قىلىنىشىچە، شياۋ كېيۈن باي كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىنى قوغلاپ زەربە بېرىش ئوپىراتسىيەسىدىمۇ رول ئالغان. ئۇ 18 - سېنتەبىر كۈنى داۋام قىلغان ھۇجۇمچىلارنى «تاغ ئىچىدە قورشاپ يوقىتىش» ئوپېراتسىيەسىدە يەنە بىر نۆۋەت تۆھپە يارىتىش ئۈچۈن سەپنىڭ ئالدىغا ئۆتكەن. يېزىلغانلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ بۇ قېتىم، ياقائېرىق ۋەقەسىدىكىدەك قۇرۇق قول ياكى پىچاقلىق گۇماندارلار بىلەن ئەمەس، بەلكى قولىدا «ئاپتوماتىك قورالىمۇ بار» بولغان گۇماندارلار بىلەن قارشىلاشقان.

تىزىملىكتە يېزىلىشىچە، شياۋ كېيۈن گۇماندارلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئەمما گۇماندارلارنىڭ قولىدىكى ئاپتوماتىك قورالنىڭ تىپى (چوڭ - كىچىكلىكى) ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن. باي ۋەقەسى ھەققىدىكى ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىنىڭ غوللۇق يېتەكچىلىرىدىن مۇسا توختىنىياز ۋە مەمەت ئەيسالارنىڭ تەجرىبىلىك ئوۋچى ئىكەنلىكى، كۆمۈركاندا ھۇجۇمنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن تاغ ئىچىگە يۈرۈش قىلىۋاتقان چېغىدا يېنىدا ئوقيا بارلىقى گۇۋاھچىلار تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنغان.

يەرلىك ئاھالىلەر يەنە، ئۇلارنىڭ تېرەكبازار ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ فېڭ قاتارلىق 3 ساقچىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ قورالىنى ئولجا ئالغان بولۇشى مۇمكىنلىكى پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، باي ھۇجۇمچىلىرىنىڭ قولىدا ئاپتوماتىك قورالنىڭ بار - يوقلۇقى ئېنىق ھالدا ئايدىڭلاشمىغان ئىدى.