ياۋروپادا مىللىي بۆلگۈنچىلەر قانلىق باستۇرۇلمايدۇ

0:00 / 0:00

ياۋروپا ئەللىرىدىمۇ مۇستەقىللىق ياكى ئالىي ئاپتونومىيىگە ئېرىشىش يولىدا كۈرەشلىرىنى داۋام قىلىۋاتقان مىللەتلەر مەۋجۇت. بىراق ئۇلارنىڭ كۈرەشلىرى ھاكىمىيەت تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلمايدۇ.

بېرلىن پەن ۋە سىياسەت جەمئىيىتى تەتقىقاتچىسى ئولاف ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ياۋروپادا مۇستەقىللىق ياكى ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىش كۈرەشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ سانى كۆپىيىپ بارماقتا. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ يادروسى تىل ۋە مەدەنىيەت ئورتاقلىقىغا ئىگە رايونلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل سىياسىي قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىش غايىسىدىن تەشكىل تاپىدۇ. گەرچە ياۋروپا بىرلىكى 1994-يىلى ياۋروپا تۇپراقلىرىدىكى 350 رايوندىن كەلگەن مىللەت ۋەكىللىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا «رايونلۇق كومىتېت» نى تەسىس قىلىپ، ئۇلارنى ياۋروپا بىرلىكىدە ئۆز ئاۋازلىرىنى ئاڭلىتىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگەن بولسىمۇ، نەتىجە ئىتىبارى بىلەن بۇ كومىتېت رولىنى يوقىتىپ، ئاقىۋەتتە قەغەز يولۋاسقا ئايلىنىپ قالغان. مۇستەقىللىق ياكى ئالىي ئاپتونومىيە ئىستىكىدە بولغان مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرمىغىچە، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشكەن.

گېرمانىيە دولقۇنلىرىنىڭ 4-ئۆكتەبىر ئولاف ئەپەندىنىڭ پىكرىنى نەقىل قىلىپ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپادا يېڭىدىن قۇرۇلغان مۇستەقىل دۆلەتلەر ئاپتوماتىك ھالدا ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئەزاسى بولالمايدۇ. ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا بولۇش ئۈچۈن لىسسابون شەرتنامىسىنىڭ 49-ماددىسىغا بىنائەن، ياۋروپا بىرلىكىگە ئىلتىماس سۇنۇشى لازىم. لوندون ھۆكۈمىتى مۇستەقىل دۆلەتلىك نوپۇزىغا ئىگە بولغان شوتلاندىيىنىڭ ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا بولۇشىغا قوشۇلغان، بىراق ياۋروپا بىرلىكى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان. ئىسپانىيە بولسا كاتالونىيانىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا قارشى تۇرغان، ھالبۇكى ياۋروپا بىرلىكى خەلق سايلىمىدا تولۇق غەلىبىگە ئېرىشكەن كاتالونىيانىڭ مۇستەقىللىقىنى قوبۇل كۆرمىگەن. ئاساسىي سەۋەب، ئەگەر شوتلاندىيە مۇستەقىل بولسا، ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەردىكى كۆپلىگەن رايونلاردا مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئەگەر كاتالونىيا مۇستەقىل بولسا، ئارقىدىنلا باسىكلار رايونى، ئۇنىڭ ئارقىدىن گالىسىيا رايونلىرى مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىسپانىيە دۆلىتى پارچىلىنىپ تۈگەيدۇ. ۋەھالەنكى، ياۋروپا بىرلىكى دۇنيا بويىچە بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلەيدىغان بىر رايون.

ئىسپانىيەدىكى كاتالونيا بولسا، بارسىلونانى پايتەخت قىلغان ئاپتونومىيىلىك ھوقۇققا تولۇق ئىگە بولغان بىر جاي. 7.5 مىليون نوپۇسقا ئىگە بولغان كاتالونىيا ئۆتكەن يىلقى راي سىناشتا مۇتلەق ئۈستۈن ئاۋاز بىلەن مۇستەقىللىققا ئېرىشىش ئىمتىيازىنى قولغا كەلتۈردى. بىراق مادرىد ھۆكۈمىتى قوبۇل كۆرمىدى. كاتالونىيا باش مىنىستىرى ئارتۇر ماس، مەتبۇئاتقا كېچىككەندە يەنە بىر يېرىم يىل ئىچىدە مۇستەقىللىقنى جاكارلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېدىنبۇرگنى پايتەخت قىلغان شوتلادىيىلىكلەرنىڭ نوپۇسى 5 مىليون 300 مىڭدىن ئاشىدۇ. مۇستەقىل دۆلەتلىك ئىمتىيازى بار. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى شوتلاندىيىنىڭ خەلق سايلىمى ئارقىلىق ئايرىلىپ چىقىپ، تولۇق مۇستەقىل بولۇشىغا قوشۇلغان. ئەمما ئۆتكەن يىلقى سايلامدا شوتلاندىيەلىكلەر غەلىبە قازىنالمىدى.

ياۋروپادىكى تەسىرى كۈچلۈك بولغان يەنە بىر بۆلگۈنچىلەر رايونى، ئىتالىيەدىكى جەنۇبىيترول. جەنۇبىيترولنىڭ پايتەختى بوزەن. نوپۇسى 515 مىڭدىن ئارتۇق. ئالىي ئاپتونومىيىلىك ھوقۇققا ئىگە. جەنۇبىيترول مۇستەقىللىققا ئېرىشىش ئۈچۈن ھازىرغا قەدەر كۈرەشلىرىنى داۋام قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.

بۇندىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى جەنۇبىيترولغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئالىي ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرەش تارىخى ھەققىدە ھۆكۈمەت ئەربابلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ياۋروپا ئەللىرىدىكى مۇستەقىللىق ۋە ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقلار كۆرۈشى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، ياۋروپا ئەللىرىدىكى مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىنىڭ ھاكىمىيەتلەر تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلىدىغان ئەھۋاللارنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە، بولۇپمۇ جەنۇبىيترولنىڭ ئالىي ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقىنىڭ دۇنيادا ئۈلگە خاراكتېرلىك بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.