كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ياۋروپا-خىتاي باشلىقلار يىغىنىدا كىشىلىك ھوقۇقنى نۇقتىلىق ئورۇنغا قويۇشقا چاقىردى

0:00 / 0:00

خەلقئارادىكى 15 كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىك ئۆكتىچى تەشكىلاتى 29‏-ماي ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىگە خەت يېزىپ، ئۇلارنى ياۋروپا-خىتاي باشلىقلار يىغىنىدا خىتايغا كىشىلىك ھوقۇقنى باستۇرۇشنى توختىتىش، قولغا ئېلىنغان بارلىق پائالىيەتچىلەرنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە خۇسۇسى ۋە ئاشكارا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان.

بۇ تەشكىلاتلار خېتىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، كىشىلىك تەرەپدارلىرىنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇشقا ۋەدە قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا بۇ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، «ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ ئۆز ۋەدىسىگە مۇناسىپ ھالدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە تىنچ پائالىيەتچىلەرنى قويۇپ بېرىشنى ئۆزىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئىستراتېگىيىلىك نىشانى قىلىشى كېرەك» دېگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي باشلىقلار سۆھبىتى 1999‏-يىلى باشلانغان. ئۇ شۇنىڭدىن بېرى ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن. بۇ قېتىم 1‏-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان باشلىقلار يىغىنى ئۇلارنىڭ 19‏-نۆۋەتلىك سۆھبىتى بولۇپ، ئۇ 1989‏-يىلى يۈز بەرگەن «4‏-ئىيۇن ۋەقەسى» خاتىرە كۈنىنىڭ ھارپىسىغا توغرا كەلگەن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەت يەنە، پائالىيەتچىلەر خىتاي ۋە تىبەت كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ناچارلىشىپ، ئۇيغۇرلار مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئۇنىڭغا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى، چېگراسىز مۇخبىرلار، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى، ئەركىنلىك سارىيى، خەلقئارا تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش تەشكىلاتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى، جۇڭگو پۇقرالار كۈچى قاتارلىق 15 تەشكىلات ئىمزا قويغان.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلار دىرېكتورى بېنجامىن ئىسمائىل دۈشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىگە بىرلەشمە ئوچۇق خەت يېزىشتىكى مەقسىتىنى چۈشەندۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «چېگراسىز مۇخبىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تەشكىلاتلار ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى دىئالوگىدا ئۆزىنىڭ باياناتىغا سادىق قېلىشىنى، ئۇنىڭدا قاتتىق تۇرۇشىنى كۆزلەيدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆتكەنلىكى بىر قانچە يىل مابەينىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى، خۇسۇسەن سۆز ئەركىنلىكى، ئۇچۇر ئەركىنلىك مەسىلىسىنى سۆھبەت ئۈستىلىگە ئۈنۈملۈك قويالمىدى.»

بېنجامىن ئىسمائىلنىڭ كۆرسىتىشىچە، يۇقىرىقى تەشكىلاتلار ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە دائىر ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنىڭغا تەكلىپ-پىكىر ۋە تەۋسىيەلەرنى بېرىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ بىر نەتىجە قازىنالمىغان.
بېنجامىن ئىسمائىل ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى بۇ قېتىم خىتايغا تەسىر قىلارلىق ئۇسۇلدا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئاممىي تەشكىلاتلارنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقىغا قارىماي، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى يازما ۋەدىسىدە كونكرېت نەتىجە ھاسىل قىلالمىدى. شۇڭا، بۇ بىرلەشمە ئوچۇق خەتتە بۇ نۇقتا تەكىتلەندى. بىز بۇ سۆھبەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرىگە نىسبەتەن بىر ئىجابىي بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئالدىغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى بىۋاسىتە ۋە تېخىمۇ ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ھەم خىتاي دائىرىلىرىنى بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشكە مەجبۇرلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

يۇقىرىقى 15 خەلقئارا تەشكىلات خېتىدە يەنە، شى جىنپىڭ دەۋرىدە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى، ئىپادە ئەركىنلىكى، يىغىلىش، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش ھوقۇقى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچراپ، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قارشى دۈشمەنلىك داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئوچۇق خەتتە مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى مۇستەقىل ئىجتىمائىي ي جەمئىيەتلەرنى بېسىقتۇردى. باستۇرۇش خاراكتېرلىك قانۇن، نىزاملارنى چىقىرىپ، سىياسىيلاشقان چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەسلىدىلا مۇستەقىل بولمىغان ئەدلىيە سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. دائىرىلەر خۇسۇسەن تىبەت ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىرىدا تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا داۋاملىق دۈشمەنلىك قىلىپ كەلدى.»

ئوچۇق خەتتە قەيت قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى قاتارلىق ئورۇنلاردا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە پىكىر بېرىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا قوپال ۋە سىستېمىلىق بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكىتىنى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئالدىغا قويۇپ باقمىغان.

د ئۇ ق نىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى پېتىر ئىرۋىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە تەڭ ھەرىكەت قىلىپ، پوزىتسىيىسى بىردەك بولسا خىتايغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزا دۆلەتلەر خىتاي بىلەن ئۆز ئالدىغا سۆھبەت ئېلىپ بارسا، بۇ خىتاي سودا كارخانىلىرىنى ئارقىسىغا ئالغان خىتايغا نىسبەتەن تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ. خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە ئەزا دۆلەتلەرگە قارىغاندا ياۋروپا ئىتتىپاقى تېخىمۇ كۈچلۈك پوزىتسىيە ئالالايدۇ. شۇڭا، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىدە ئىرادە بولسىلا خىتايغا تەسىر قىلالايدۇ، دەپ ئويلايمەن.»

بىراق پېتىر ئىرۋىڭ يەنە، بۇ قېتىمقى سۆھبەتكە بەزى ئۈمىدۋار قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، د ئۇ ق بۇ سۆھبەتنىڭ بىر ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىشىگە بەك ئۈمىدۋار قارىمىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ياۋروپا كېڭىشى ۋە كومىتېتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا بېسىم شەكىللەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلغان.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ دىئالوگنىڭ چوڭ ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىشىگە بەك ئۈمىدۋار قارىمايدۇ. ئەلۋەتتە، بىزنىڭ بۇ ئوچۇق خەتكە ئىمزا قويۇشىمىزدىكى سەۋەب، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى پرېزىدېنتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا بېسىم شەكىللەندۈرۈشتۇر.خۇسۇسەن، كېلەر ھەپتە تيەنئەنمىن ۋەقەسىنىڭ يىللىق خاتىرە كۈنى يېتىپ كېلىدۇ. بىز كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ باياناتىنى قوللايمىز، بىراق بىز ئۇنىڭ ئەمەلىي نەتىجە ھاسىل قىلىشىدا ئۈمىدۋار ئەمەس.»

15 خەلقئارا تەشكىلات ياۋروپا ئىتتىپاقىغا 6 تۈرلۈك تەكلىپ بەرگەن. بۇ 6 تۈرلۈك تەكلىپ كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ كونكرېت ھادىسىلەرنى ئېنىقلاپ چىقىپ ئوتتۇرىغا قويۇش، خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلىمىسا، ئۇنىڭ بىلەن بولغان سۆھبەتنى توختىتىش، مەخسۇس مېخانىزم قۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئالىي دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىدە مۇزاكىرە قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، دالاي لاما بىلەن بولغان سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

لېكىن چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىدىكى بېنجامىن ئىسمائىلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇقىرىقى 6 تۈرلۈك تەكلىپ بىلەن بىرگە، چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئايرىم تەكلىپ سۇنۇپ، بەزى خىتاي ئاخبارات ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئوچۇق خەت ۋە ئۇنىڭدىكى 6 تۈرلۈك تەكلىپ بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كۈتىدىغان ئەڭ ئەقەللىي تەلەپلەر. ھالبۇكى، بىزنىڭ تەشكىلاتىمىز باشقا تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلاشماي ئۆز ئالدىمىزغا يەنە بەزى تەكلىپلەرنى سۇندۇق. بىز بۇرۇن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كۈچلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، خىتاينىڭ بەزى ئاخبارات ئەمەلدارلىرىغا ۋە مەسئۇللىرىغا مەسىلەن، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ باشلىقلىرىغا ئېمبارگو قويۇشنى تەلەپ قىلغان. بىز بۇ نۆۋەت بۇنى يەنە تەلەپ قىلدۇق. چۈنكى، بۇ ئاخبارات ئورگانلىرى تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئادىل سوتلىنىش ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلدى.